سۈرە نىسا مەدىنىدە نازىل بولغان 176 ئايەت
بِسْمِ اللَّـهِ الرَّحْمَـٰنِ الرَّحِيمِ
4:101
وَإِذَا ضَرَبْتُمْ فِي الْأَرْضِ فَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ أَن تَقْصُرُوا مِنَ الصَّلَاةِ إِنْ خِفْتُمْ أَن يَفْتِنَكُمُ الَّذِينَ كَفَرُوا ۚ إِنَّ الْكَافِرِينَ كَانُوا لَكُمْ عَدُوًّا مُّبِينًا
سەپەرگە چىققان ۋاقتىڭلاردا كاپىرلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا زىيان - زەخمەت يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن قورقۇپ، نامازنى قەسرى قىلىپ (يەنى تۆت رەكئەتنى ئىككى رەكئەت قىلىپ) ئوقۇساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. كاپىرلار سىلەرگە ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق دۈشمەندۇر (ناماز ئوقۇۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سىلەرنى ئۆلتۈرۈۋېتىشتىن يانمايدۇ)
4:102
وَإِذَا كُنتَ فِيهِمْ فَأَقَمْتَ لَهُمُ الصَّلَاةَ فَلْتَقُمْ طَائِفَةٌ مِّنْهُم مَّعَكَ وَلْيَأْخُذُوا أَسْلِحَتَهُمْ فَإِذَا سَجَدُوا فَلْيَكُونُوا مِن وَرَائِكُمْ وَلْتَأْتِ طَائِفَةٌ أُخْرَىٰ لَمْ يُصَلُّوا فَلْيُصَلُّوا مَعَكَ وَلْيَأْخُذُوا حِذْرَهُمْ وَأَسْلِحَتَهُمْ ۗ وَدَّ الَّذِينَ كَفَرُوا لَوْ تَغْفُلُونَ عَنْ أَسْلِحَتِكُمْ وَأَمْتِعَتِكُمْ فَيَمِيلُونَ عَلَيْكُم مَّيْلَةً وَاحِدَةً ۚ وَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ إِن كَانَ بِكُمْ أَذًى مِّن مَّطَرٍ أَوْ كُنتُم مَّرْضَىٰ أَن تَضَعُوا أَسْلِحَتَكُمْ ۖ وَخُذُوا حِذْرَكُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ أَعَدَّ لِلْكَافِرِينَ عَذَابًا مُّهِينًا
(ئى مۇھەممەد!) سەن مۆمىنلەر بىلەن (جىھادقا) بىللە بولۇپ ئۇلار بىلەن ناماز ئوقۇماقچى بولغىنىڭدا، ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسى سەن بىلەن بىرلىكتە نامازغا تۇرسۇن، قوراللىرىنى (ئېھتىيات يۈزىسىدىن) يېنىدا تۇتسۇن، سەجدىگە بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئارقاڭلارغا ئۆتۈپ تۇرسۇن (يەنى ناماز ئوقۇپ بولغان پىرقە ئارقاڭلاردا كۆزەتچىلىك قىلىپ تۇرسۇن، ئۇلارنىڭ ئورنىغا) ناماز ئوقۇمىغان ئىككىنچى بىر پىرقە كېلىپ سەن بىلەن بىرلىكتە (يەنى ئارقاڭدا) ناماز ئوقۇسۇن، (دۈشمەنلىرىدىن) ئېھتىياجلىق بىلەن ھوشيار تۇرسۇن. (دۈشمەنلىرى بىلەن ئۇرۇشۇشقا تەييار تۇرۇش يۈزىسىدىن) قوراللىرىنى يېنىدا تۇتسۇن، كاپىرلار سىلەرنىڭ قوراللىرىڭلاردىن، ئەشيالىرىڭلاردىن غەپلەتتە قېلىشىڭلارنى، شۇنىڭ بىلەن سىلەرگە بىردىنلا (تۇيۇقسىزدىن) ھۇجۇم قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ (يەنى دۈشمەنلەرنىڭ سىلەرگە ھۇجۇم قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالماسلىقى ئۈچۈن، ھەممەڭلار بىرلا ۋاقىتتا يىغىلىپ ناماز ئوقۇماي، يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە ئوقۇڭلار). ئەگەر سىلەرگە يامغۇر سەۋەبلىك ھەرەج بولىدىغان بولسا ياكى كېسەل بولساڭلار، (بۇ چاغدا) قوراللىرىڭلارنى قويۇپ قويساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، ئېھتىياتچان ۋە ھوشيار بولۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن كاپىرلار ئۈچۈن خور قىلغۇچى ئازاب تەييارلىدى
4:103
فَإِذَا قَضَيْتُمُ الصَّلَاةَ فَاذْكُرُوا اللَّهَ قِيَامًا وَقُعُودًا وَعَلَىٰ جُنُوبِكُمْ ۚ فَإِذَا اطْمَأْنَنتُمْ فَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ ۚ إِنَّ الصَّلَاةَ كَانَتْ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ كِتَابًا مَّوْقُوتًا
نامازدىن فارىغ بولغىنىڭلاردا ئۆرە تۇرغان ۋە ياتقان ھالەتلىرىڭلاردا ئاللاھ نى ياد ئېتىڭلار (ئاللاھ سىلەرگە دۈشمىنىڭلارغا قارشى ياردەم بېرىشى مۇمكىن). خاتىرجەم بولغان چېغىڭلاردا نامازنى (پۈتۈن شەرتلىرى بىلەن) مۇكەممەل ئادا قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ناماز مۆمىنلەرگە ۋاقتى بەلگىلەنگەن پەرز قىلىندى
4:104
وَلَا تَهِنُوا فِي ابْتِغَاءِ الْقَوْمِ ۖ إِن تَكُونُوا تَأْلَمُونَ فَإِنَّهُمْ يَأْلَمُونَ كَمَا تَأْلَمُونَ ۖ وَتَرْجُونَ مِنَ اللَّهِ مَا لَا يَرْجُونَ ۗ وَكَانَ اللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمًا
دۈشمەننىڭ ئارقىسىدىن قوغلاشقا سۇسلۇق قىلماڭلار؛ ئەگەر سىلەر قىينالساڭلار، ئۇلارمۇ خۇددى سىلەرگە ئوخشاش قىينىلىدۇ، سىلەر ئۇلار ئۈمىد قىلمايدىغان نەرسىنى (يەنى شېھىت بولۇشىنى، ساۋابنى ۋە غەلىبىنى) ئاللاھ تىن ئۈمىد قىلىسىلەر. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
4:105
إِنَّا أَنزَلْنَا إِلَيْكَ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ لِتَحْكُمَ بَيْنَ النَّاسِ بِمَا أَرَاكَ اللَّهُ ۚ وَلَا تَكُن لِّلْخَائِنِينَ خَصِيمًا
(ئى مۇھەممەد!) سېنى كىشىلەر ئارىسىدا ئاللاھ نىڭ كۆرسەتكىنى بويىچە ھۆكۈم قىلسۇن دەپ، ساڭا ھەقىقەتەن ھەق كىتابنى نازىل قىلدۇق. خائىنلارنىڭ تەرىپىنى ئالمىغىن
4:106
وَاسْتَغْفِرِ اللَّهَ ۖ إِنَّ اللَّهَ كَانَ غَفُورًا رَّحِيمًا
ئاللاھ تىن مەغپىرەت تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
4:107
وَلَا تُجَادِلْ عَنِ الَّذِينَ يَخْتَانُونَ أَنفُسَهُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ مَن كَانَ خَوَّانًا أَثِيمًا
(گۇناھ قىلىش بىلەن) ئۆزلىرىگە خىيانەت قىلغۇچىلارنىڭ تەرىپىنى ئالمىغىن. خىيانەتكە ئادەتلەنگەن، گۇناھقا چۆمگەن كىشىنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ
4:108
يَسْتَخْفُونَ مِنَ النَّاسِ وَلَا يَسْتَخْفُونَ مِنَ اللَّهِ وَهُوَ مَعَهُمْ إِذْ يُبَيِّتُونَ مَا لَا يَرْضَىٰ مِنَ الْقَوْلِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ بِمَا يَعْمَلُونَ مُحِيطًا
ئۇلار (خىيانەتلىرىنى) ئىنسانلاردىن (خىجىل بولۇپ) يوشۇرىدۇ، ئاللاھ تىن (خىجىل بولۇپ) يوشۇرمايدۇ؛ ئۇلار ئاللاھ رازى بولمايدىغان سۆزنى (يەنى بوھتان چاپلاش، يالغان گۇۋاھلىق بېرىش ۋە يالغان قەسەمنى) پىلانلىغان چاغدا، ئاللاھ ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇراتتى، سۆزىنى ئاڭلاپ تۇراتتى). ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاللاھ تامامەن بىلگۈچىدۇر
4:109
هَا أَنتُمْ هَٰؤُلَاءِ جَادَلْتُمْ عَنْهُمْ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا فَمَن يُجَادِلُ اللَّهَ عَنْهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ أَم مَّن يَكُونُ عَلَيْهِمْ وَكِيلًا
سىلەر شۇنداق كىشىلەر سىلەركى، ھاياتىي دۇنيادا ئۇلارنىڭ (يەنى ئوغرى ۋە خائىنلارنىڭ) تەرىپىنى ئالدىڭلار، قىيامەت كۈنى كىم ئاللاھ قا قارشى ئۇلارنىڭ تەرىپىنى ئالىدۇ؟ (يەنى ئاللاھ نىڭ ئازابىنى كىم ئۇلاردىن دەپئى قىلىدۇ؟) ياكى كىم ئۇلارغا ھامىي بولىدۇ؟
4:110
وَمَن يَعْمَلْ سُوءًا أَوْ يَظْلِمْ نَفْسَهُ ثُمَّ يَسْتَغْفِرِ اللَّهَ يَجِدِ اللَّهَ غَفُورًا رَّحِيمًا
كىمكى بىرەر يامانلىق ياكى ئۆزىگە بىرەر زۇلۇم قىلىپ قويۇپ، ئاندىن ئاللاھ تىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسا، ئۇ ئاللاھ نىڭ مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ
4:111
وَمَن يَكْسِبْ إِثْمًا فَإِنَّمَا يَكْسِبُهُ عَلَىٰ نَفْسِهِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمًا
كىمكى (قەستەن) بىرەر گۇناھ قىلسا، ئۇنى ئۆزىنىڭ زىيىنىغا قىلىدۇ (يەنى ئۇنىڭ ۋابالىنى ئۆزى تارتىدۇ). ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
4:112
وَمَن يَكْسِبْ خَطِيئَةً أَوْ إِثْمًا ثُمَّ يَرْمِ بِهِ بَرِيئًا فَقَدِ احْتَمَلَ بُهْتَانًا وَإِثْمًا مُّبِينًا
كىمكى بىر كىچىك گۇناھ ياكى بىر چوڭ گۇناھ قىلىپ قويۇپ، ئۇنى بىگۇناھ ئادەمگە چاپلىسا، ئۇ شۇ بوھتاننى ۋە ئوپئوچۇق بىر گۇناھنى ئۆزىگە يۈكلىۋالغان بولىدۇ
4:113
وَلَوْلَا فَضْلُ اللَّهِ عَلَيْكَ وَرَحْمَتُهُ لَهَمَّت طَّائِفَةٌ مِّنْهُمْ أَن يُضِلُّوكَ وَمَا يُضِلُّونَ إِلَّا أَنفُسَهُمْ ۖ وَمَا يَضُرُّونَكَ مِن شَيْءٍ ۚ وَأَنزَلَ اللَّهُ عَلَيْكَ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَعَلَّمَكَ مَا لَمْ تَكُن تَعْلَمُ ۚ وَكَانَ فَضْلُ اللَّهِ عَلَيْكَ عَظِيمًا
(ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ساڭا ئاللاھ نىڭ پەزلى ۋە رەھمىتى بولمىسا ئىدى، ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ ئادەم چوقۇم سېنى ئازدۇرۇشنى قەستلەيتتى؛ ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنى ئازدۇرىدۇ، ساڭا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ساڭا كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ۋە ھېكمەتنى (يەنى سۈننەتنى) نازىل قىلدى، ساڭا سەن بىلمىگەن نەرسىلەرنى (يەنى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ۋە غەيب ئىشلارنى) بىلدۈردى. ئاللاھ نىڭ ساڭا پەزلى چوڭدۇر
4:114
لَّا خَيْرَ فِي كَثِيرٍ مِّن نَّجْوَاهُمْ إِلَّا مَنْ أَمَرَ بِصَدَقَةٍ أَوْ مَعْرُوفٍ أَوْ إِصْلَاحٍ بَيْنَ النَّاسِ ۚ وَمَن يَفْعَلْ ذَٰلِكَ ابْتِغَاءَ مَرْضَاتِ اللَّهِ فَسَوْفَ نُؤْتِيهِ أَجْرًا عَظِيمًا
ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتىىنىڭ تولىسىدا خەيرىيەت يوقتۇر. پەقەت سەدىقىغە ياكى ياخشىلىققا ياكى كىشىلەرنى ئەپلەشتۈرۈشكە ئەمر قىلغان كىشىلەر (نىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتى) بۇنىڭدىن مۇستەسنا. كىمكى ئۇ (ئىش) لارنى ئاللاھ نىڭ رازىلىقىنى تىلەش يۈزىسىدىن قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىمىز
4:115
وَمَن يُشَاقِقِ الرَّسُولَ مِن بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُ الْهُدَىٰ وَيَتَّبِعْ غَيْرَ سَبِيلِ الْمُؤْمِنِينَ نُوَلِّهِ مَا تَوَلَّىٰ وَنُصْلِهِ جَهَنَّمَ ۖ وَسَاءَتْ مَصِيرًا
كىمكى ئۆزىگە (مۆجىزىلەر ئارقىلىق) توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەرگە (يەنى ئۇنىڭ ئەمرىگە) مۇخالىپەتچىلىك قىلىدىكەن، مۆمىنلەرنىڭ يولىدىن غەيرىيگە ئەگىشىدىكەن، ئۇنى ئۆز يولىغا قويۇپ بېرىمىز، ئۇنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە كىرگۈزىمىز، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!
4:116
إِنَّ اللَّهَ لَا يَغْفِرُ أَن يُشْرَكَ بِهِ وَيَغْفِرُ مَا دُونَ ذَٰلِكَ لِمَن يَشَاءُ ۚ وَمَن يُشْرِكْ بِاللَّهِ فَقَدْ ضَلَّ ضَلَالًا بَعِيدًا
ئاللاھ ئۆزىگە بىرەر نەرسىنىڭ شېرىك كەلتۈرۈلۈشىنى (يەنى مۇشرىكلىك گۇناھىنى) ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلمايدۇ، بۇنىڭدىن باشقىنى (ئاللاھ ئۆزى) خالىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ، كىمكى ئاللاھ قا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن قاتتىق ئازغان بولىدۇ
4:117
إِن يَدْعُونَ مِن دُونِهِ إِلَّا إِنَاثًا وَإِن يَدْعُونَ إِلَّا شَيْطَانًا مَّرِيدًا
ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئاللاھ نى قويۇپ، پەقەت (ئۆزلىرى) چىشى (ناملار بىلەن ئاتىۋالغان) بۇتلارغا ئىبادەت قىلىدۇ، پەقەت ئاللاھ نىڭ ئىبادىتىدىن باش تارتقان شەيتانغا ئىبادەت قىلىدۇ
4:118
لَّعَنَهُ اللَّهُ ۘ وَقَالَ لَأَتَّخِذَنَّ مِنْ عِبَادِكَ نَصِيبًا مَّفْرُوضًا
ئاللاھ شەيتاننى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، شەيتان ئېيتتى: «مەن ئەلۋەتتە سېنىڭ بەندىلىرىڭدىن مۇئەييەن ساندىكىلەرنى ئىگىلەيمەن
4:119
وَلَأُضِلَّنَّهُمْ وَلَأُمَنِّيَنَّهُمْ وَلَآمُرَنَّهُمْ فَلَيُبَتِّكُنَّ آذَانَ الْأَنْعَامِ وَلَآمُرَنَّهُمْ فَلَيُغَيِّرُنَّ خَلْقَ اللَّهِ ۚ وَمَن يَتَّخِذِ الشَّيْطَانَ وَلِيًّا مِّن دُونِ اللَّهِ فَقَدْ خَسِرَ خُسْرَانًا مُّبِينًا
شۇنداقلا چوقۇم ئۇلارنى ئازدۇرىمەن، ئۇلارنى خام خىيال قىلدۇرىمەن (يەنى ھايات ئۇزۇن، قىيامەت، ھېساب ئېلىش يوق دېگەندەك باتىل ئەقىدىلەرنى كۆڭلىگە سالىمەن)، ئۇلارنى چوقۇم چاھار پايلارنىڭ (بۇتلارغا نەزەر قىلىپ بەلگە ئۈچۈن) قۇلاقلىرىنى يېرىشقا بۇيرۇيمەن، ئۇلارنى چوقۇم ئاللاھ نىڭ مەخلۇقاتىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە (يەنى قۇللارنى ئاختا قىلىش، ئۇلارغا مەڭ ئويدۇرۇشقا ئوخشاش) ئىشلارغا بۇيرۇيمەن». كىمكى ئاللاھ نى قويۇپ شەيتاننى دوست تۇتىدىكەن، ئۇ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) ئوپئوچۇق زىيان تارتقان بولىدۇ
4:120
يَعِدُهُمْ وَيُمَنِّيهِمْ ۖ وَمَا يَعِدُهُمُ الشَّيْطَانُ إِلَّا غُرُورًا
شەيتان ئۇلارغا (يالغان) ۋەدىلەرنى بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى خام خىيالغا سالىدۇ (يەنى ئەمەلدە ئىشقا ئاشمايدىغان ئارزۇلارنى كۆڭلىگە سالىدۇ)، شەيتان ئۇلارغا پەقەت يالغاننىلا ۋەدە قىلىدۇ