سۈرە تەۋبە مەدىنىدە نازىل بولغان 129 ئايەت
9:121
وَلَا يُنفِقُونَ نَفَقَةً صَغِيرَةً وَلَا كَبِيرَةً وَلَا يَقْطَعُونَ وَادِيًا إِلَّا كُتِبَ لَهُمْ لِيَجْزِيَهُمُ اللَّهُ أَحْسَنَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
ئۇلارنىڭ (ئاللاھ نىڭ يولىدا) مەيلى كىچىك بولسۇن ياكى چوڭ بولسۇن، سەرپ قىلغان نەرسىسى ۋە جىھاد ئۈچۈن باسقان ھەر بىر مۇساپىسى ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە ئەڭ ياخشى مۇكاپات بېرىش يۈزىسىدىن ئۇلارغا يېزىلىدۇ
9:122
وَمَا كَانَ الْمُؤْمِنُونَ لِيَنفِرُوا كَافَّةً ۚ فَلَوْلَا نَفَرَ مِن كُلِّ فِرْقَةٍ مِّنْهُمْ طَائِفَةٌ لِّيَتَفَقَّهُوا فِي الدِّينِ وَلِيُنذِرُوا قَوْمَهُمْ إِذَا رَجَعُوا إِلَيْهِمْ لَعَلَّهُمْ يَحْذَرُونَ
مۆمىنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ جىھادقا چىقىشى لايىق ئەمەس (ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى جىھادقا چىقتى)، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر جامائەدىن يەنە بىر تۈركۈمى دىنىي ئالىم بولۇپ، ئۇلار قەۋمىنىڭ قېشىغا قايتقاندىن كېيىن، قەۋمىنىڭ ئاللاھ تىن قورقۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش مەقسىتىدە نېمىشقا (ئىلىم تەلەپ قىلىشقا) چىقمىدى؟
9:123
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا قَاتِلُوا الَّذِينَ يَلُونَكُم مِّنَ الْكُفَّارِ وَلْيَجِدُوا فِيكُمْ غِلْظَةً ۚ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ مَعَ الْمُتَّقِينَ
ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئۆزۈڭلارغا يېقىن جايدىكى كاپىرلار بىلەن ئۇرۇش قىلىڭلار (يەنى سىلەرگە خەتەر بولماسلىق ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئەتراپىڭلاردىكى كۇففارلارنى ئۇجۇقتۇرۇڭلار)، سىلەرنى ئۇلار ھېس قىلسۇن (يەنى ئۇرۇش ئۈستىدە ئۇلارغا قاتتىق قول بۇلۇڭلار، ئۇلارغا ئىچىڭلار ئاغرىمىسۇن)، بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر (يەنى ئاللاھ تەقۋادارلارغا مەدەتكاردۇر)
9:124
وَإِذَا مَا أُنزِلَتْ سُورَةٌ فَمِنْهُم مَّن يَقُولُ أَيُّكُمْ زَادَتْهُ هَٰذِهِ إِيمَانًا ۚ فَأَمَّا الَّذِينَ آمَنُوا فَزَادَتْهُمْ إِيمَانًا وَهُمْ يَسْتَبْشِرُونَ
(قۇرئاندىن) بىرەر سۈرە نازىل قىلىنسا، ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) نىڭ ئارىسىدا (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «بۇ (يەنى سۈرە) قايسىڭلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى» دەيدىغانلار بار، مۆمىنلەرگە كېلىدىغان بولساق، (ھەر سۈرىدە يېڭى دەلىل - ئىسپاتلار بولغانلىقى ئۈچۈن) بۇ (يەنى سۈرە) ئۇلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى، ئۇلار (سۈرىنىڭ نازىل بولۇشىدىن) خۇشال بولىدۇ
9:125
وَأَمَّا الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِم مَّرَضٌ فَزَادَتْهُمْ رِجْسًا إِلَىٰ رِجْسِهِمْ وَمَاتُوا وَهُمْ كَافِرُونَ
دىللىرىدا كېسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلار) غا كېلىدىغان بولساق، بۇ (سۈرە) ئۇلارنىڭ كۇفرىغا كۇفرى قوشتى (يەنى ئۇلار مۇناپىقلىقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلىدى، تېخىمۇ گۇمراھلاشتى)، ئۇلار كاپىر پېتى ئۆلدى
9:126
أَوَلَا يَرَوْنَ أَنَّهُمْ يُفْتَنُونَ فِي كُلِّ عَامٍ مَّرَّةً أَوْ مَرَّتَيْنِ ثُمَّ لَا يَتُوبُونَ وَلَا هُمْ يَذَّكَّرُونَ
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەر يىلى بىر قېتىم ياكى ئىككى قېتىم سىنىلىدىغانلىقىنى (يەنى ئۇلار توغرىسىدا ۋەھيى نازىل بولۇپ، سىرلىرىنىڭ پاش قىلىنىدىغانلىقىنى) بىلمەمدۇ؟ ئاندىن ئۇلار تەۋبە قىلمايدۇ (يەنى نىفاقتىن قايتمايدۇ). ئىبرەتمۇ ئالمايدۇ
9:127
وَإِذَا مَا أُنزِلَتْ سُورَةٌ نَّظَرَ بَعْضُهُمْ إِلَىٰ بَعْضٍ هَلْ يَرَاكُم مِّنْ أَحَدٍ ثُمَّ انصَرَفُوا ۚ صَرَفَ اللَّهُ قُلُوبَهُم بِأَنَّهُمْ قَوْمٌ لَّا يَفْقَهُونَ
(ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىدىكى چاغدا، ئۇلارنىڭ ئەيىبىنى ئاچىدىغان قۇرئاندىن) بىرەر سۈرە نازىل قىلىنسا، ئۇلار بىر - بىرىگە قارىشىپ: «سىلەرنى بىرەرسى كۆرۈپ قالارمۇ» دېيىشىپ تىكىۋېتىدۇ، ئۇلار (ھەقىقەتنى) چۈشەنمەس قەۋم بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ قا ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ئۆزگەرتىۋەتتى
9:128
لَقَدْ جَاءَكُمْ رَسُولٌ مِّنْ أَنفُسِكُمْ عَزِيزٌ عَلَيْهِ مَا عَنِتُّمْ حَرِيصٌ عَلَيْكُم بِالْمُؤْمِنِينَ رَءُوفٌ رَّحِيمٌ
(ئى ئىنسانلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئۆزئارا ئاراڭلاردىن پەيغەمبەر كەلدى. سىلەرنىڭ كۈلپەت چېكىشىڭلار ئۇنىڭغا ئېغىر تۇيۇلىدۇ؛ ئۇ سىلەرنىڭ (ھىدايەت تېپىشىڭلارغا) ھېرىستۇر، مۆمىنلەرگە ئامراقتۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر
9:129
فَإِن تَوَلَّوْا فَقُلْ حَسْبِيَ اللَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ ۖ وَهُوَ رَبُّ الْعَرْشِ الْعَظِيمِ
(ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر ئۇلار (ساڭا ئىمان ئېيتىشتىن) يۈز ئۆرۈسە، سەن: «ئاللاھ ماڭا. كۆرىدۇ قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم (يەنى ئاللاھ قا يۆلەندىم، ئاللاھ تىن باشقا ھېچ ئەھەدىدىن ئۈمىد كۈتمەيمەن ۋە ھېچ ئەھەدىدىنمۇ قورقمايمەن)، ئۇ بۈيۈك ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر» دېگىن