سۈرە ساففات مەككىدە نازىل بولغان 182 ئايەت
بِسْمِ اللَّـهِ الرَّحْمَـٰنِ الرَّحِيمِ
37:141
فَسَاهَمَ فَكَانَ مِنَ الْمُدْحَضِينَ
(كېمىدىكىلەر چەك چىققان ئادەمنى دېڭىزغا تاشلاپ كېمىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن) چەك تاشلاشتى، يۇنۇس (چەكتە) مەغلۇب بولغانلاردىن بولۇپ (دېڭىزغا تاشلاندى)
37:142
فَالْتَقَمَهُ الْحُوتُ وَهُوَ مُلِيمٌ
ئۇنى چوڭ بىر بېلىق يۇتۇۋەتتى. ئۇ (قەۋمىنى تاشلاپ، پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنىسىز چىققانلىقى ئۈچۈن) ئەيىبلىنىشكە تېگىشلىك ئىدى
37:143
فَلَوْلَا أَنَّهُ كَانَ مِنَ الْمُسَبِّحِينَ
ئەگەر ئۇ تەسبىھ ئېيتقۇچىلاردىن بولمىسا ئىدى، بېلىقنىڭ قارنىدا ئەلۋەتتە قىيامەتكىچە قالاتتى
37:144
لَلَبِثَ فِي بَطْنِهِ إِلَىٰ يَوْمِ يُبْعَثُونَ
ئەگەر ئۇ تەسبىھ ئېيتقۇچىلاردىن بولمىسا ئىدى، بېلىقنىڭ قارنىدا ئەلۋەتتە قىيامەتكىچە قالاتتى
37:145
فَنَبَذْنَاهُ بِالْعَرَاءِ وَهُوَ سَقِيمٌ
ئۇنى بىز (دېڭىز ساھىلىدىكى) بىر قۇرغاق يەرگە (بېلىقنىڭ قارنىدىن) ئاتتۇق، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ كېسەل ئىدى
37:146
وَأَنبَتْنَا عَلَيْهِ شَجَرَةً مِّن يَقْطِينٍ
ئۇنىڭ ئۈستىگە (سايە تاشلاپ تۇرۇش ئۈچۈن) بىر تۈپ كاۋىنى ئۆستۈرۈپ بەردۇق
37:147
وَأَرْسَلْنَاهُ إِلَىٰ مِائَةِ أَلْفٍ أَوْ يَزِيدُونَ
ئۇنى بىز 100 مىڭ، بەلكى (بۇنىڭدىنمۇ) كۆپ (بىر قەۋمگە پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق
37:148
فَآمَنُوا فَمَتَّعْنَاهُمْ إِلَىٰ حِينٍ
(ئۇلار ۋەدە قىلىنغان ئازابنى كۆرگەن چاغدا) ئىمان ئېيتتى. مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى ئەجىلى يەتكەنگە قەدەر) ئۇلارنى (ھاياتتىن) بەھرىمەن قىلدۇق
37:149
فَاسْتَفْتِهِمْ أَلِرَبِّكَ الْبَنَاتُ وَلَهُمُ الْبَنُونَ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى ئەھلى مەككە) دىن سوراپ باققىنكى، قىزلار پەرۋەردىگارىڭغا، ئوغۇللار ئۇلارغا مەنسۇپمۇ؟
37:150
أَمْ خَلَقْنَا الْمَلَائِكَةَ إِنَاثًا وَهُمْ شَاهِدُونَ
ياكى بىز پەرىشتىلەرنى چىشى ياراتقان بولۇپ، ئۇلار (بىزنىڭ ياراتقانلىقىمىزنى) كۆرۈپ تۇرغانمۇ؟ (شۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداق دەمدۇ؟)
37:151
أَلَا إِنَّهُم مِّنْ إِفْكِهِمْ لَيَقُولُونَ
بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغاننى توقۇپ: «ئاللاھ نىڭ بالىسى بار» دەيدۇ. ئۇلار ئەلۋەتتە يالغانچىلاردۇر
37:152
وَلَدَ اللَّهُ وَإِنَّهُمْ لَكَاذِبُونَ
بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغاننى توقۇپ: «ئاللاھ نىڭ بالىسى بار» دەيدۇ. ئۇلار ئەلۋەتتە يالغانچىلاردۇر
37:153
أَصْطَفَى الْبَنَاتِ عَلَى الْبَنِينَ
ئاللاھ ئوغۇللارنى تاللىماي، قىزلارنى تاللىغانمۇ؟
37:154
مَا لَكُمْ كَيْفَ تَحْكُمُونَ
سىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقچە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر؟
37:155
أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
پىكىر قىلمامسىلەر؟
37:156
أَمْ لَكُمْ سُلْطَانٌ مُّبِينٌ
ياكى (ئاللاھ نىڭ بالىسى بارلىقىغا) ئېنىق پاكىتىڭلار بارمۇ؟
37:157
فَأْتُوا بِكِتَابِكُمْ إِن كُنتُمْ صَادِقِينَ
(ئەگەر سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار كىتابىڭلار (يەنى تەۋرات) نى ئېلىپ كېلىپ (ماڭا كۆرسىتىڭلار)
37:158
وَجَعَلُوا بَيْنَهُ وَبَيْنَ الْجِنَّةِ نَسَبًا ۚ وَلَقَدْ عَلِمَتِ الْجِنَّةُ إِنَّهُمْ لَمُحْضَرُونَ
ئۇلار: «ئاللاھ بىلەن جىنلارنىڭ ئارىسىدا قۇدا - باجىلىق بار» دەپ جۆيلۈدى. جىنلار شەك - شۈبھىسىز بىلىدۇكى، ئۇلار (يەنى شۇ سۆزنى قىلغۇچىلار) (دوزاخقا) چوقۇم ھازىر قىلىنىپ (شۇ يەردە ئازاب چېكىدۇ)
37:159
سُبْحَانَ اللَّهِ عَمَّا يَصِفُونَ
ئاللاھ ئۇلارنىڭ (ئاللاھ نىڭ بالىسى بار دەپ) سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاكتۇر
37:160
إِلَّا عِبَادَ اللَّهِ الْمُخْلَصِينَ
لېكىن ئاللاھ نىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا (يەنى ئاللاھ نى ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاك ئېتىقاد قىلىدۇ)