قۇرئان كەرىمگە ئاساسەن تالاق ۋە ئۇنىڭ تۇرلىرى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قۇرئان كەرىم تۇر بىتىنىڭ باشقۇرغۇچللرى، مېنىڭ سۇرايدىغان سۇئالىم بۇلسا تالاققا ئائىت بۇلۇپ، مەن يولدىشىم بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ "سېنى تالاق قلدىم، سەن ئۇچ تالاق" دېگەن ئىدى. ئۇ چاغدا ئۇ مەس ئىدى. بەزى موللاملار بۇنىڭغا يول بار دېسە بەزى موللاملار بۇنۇڭغا يول يوق دەپ نېمە قىلشىمنى بىلەلمىدىم. شۇندىن كېيىن مەن نۇرغۇن توربەتلەرنى كۆردۈم. قۇرئان كەرىم كونا تور بەتتە بىر مەجلستە قىلىنغان ئۇچ تالاق بىر تالاققا ھېاپ بولىدۇ دېگەن پەتىۋا بارئىدى.

سىزنىڭچە بىزنىڭ يەنە ئوي تۇتىشىمىزغا يۇل بارمىدۇ. نۆۋەتتە نۇرغۇن چالا موللاملارنىڭ سەۋەبىدىن كىشلەرنىڭ ئۆيلىرى مەجبۇرى بوزۇلۇپ باللىرى يىتىم بولماقتا. بۇنىڭغا ئېنىقراق ۋە تىزرەك جاۋاپ بەرگەن بولساڭلار.

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام سىڭلىم! رامىزىنىڭىز مۇبارەك بولسۇن، ئاللاھ سىزگە ئاسانلىق ئاتا قىلسۇن! سوئالىڭىزدا جاۋاب بېرىشكە تىگىشلىك بىر ئىككى مەسىلە باردەك قىلىدۇ.

 بىرىنچىسى ئاساسى مەسىلىڭىز بولغان تالاققا ئالاقىدار ماقالە مۇنۇ ئادرېسىتا بار: http://www.qurankerim.com/qk/uy/viewarticle.php?id=12 شۇنى ئەستايىدىللىق بىلەن قايتا قايتا كۆرۈپ چىقىڭ. يەنە مۇنۇ ئادرېستىكى تېما ۋە ئىنكاسلارنىڭ ھەممىسىنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆرۈپ چىقىڭ: http://www.uighurislam.net/read.php?tid-347.html ئىنشائەللاھ بىر چىقىش يولى بولۇپ قالغۇسى! ئىنشائەللاھ بۇندىن كېيىن سىز ۋە سىزگە ئوخشاش مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئائىلىدىن چاتاق چىقىشتىن بۇرۇن ئاچچىقىمىزنى بېسىۋېلىشىمىز لازىملىقىنى چۈشىنىپ يېتەرمىز!

سوئالىڭىزدىكى يەنە بىر مەسىلە:

 كىشىلەرنىڭ ئائىلە تۇرمۇشىنى بوزىۋاتقىنى سىز دېگەن چالا-موللاملار ئەمەس، ئەكسىچە بىز ئۆزىمىزدۇرمىز. بۇنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك! ئويلاپ باقايلى: ئەگەر شۇ سىز دېگەن چالا موللاملار بولمىغان بولسا پۈتۈن موللاملارنىڭمۇ مەۋجۇت بولالمايدىغانلىقىنى ئۇنۇتماسلىقىمىز، شۇ سەۋەبتىن خاتالىقلىرىنى كۆرمەسكە سېلىپ، ئۇتۇقلۇقلىرىنى كۆرۈشكە تىرىشىشىمىز كېرەك! سىزنىڭ خاپا بولغىنىڭىز ئۇلارنىڭ بەرگەن پەتىۋالىرىدۇ، بەلكىم! ئەمما ئۇنۇتمايلىكى ئۇلارنىڭ دەردىمۇ دىننىڭ سىرتىغا چىقىپ قالماسلىقتىنلا ئىبارەت! شۇڭا ئۆزىمىز ئالدىراقسانلىق قىلىپ ئالدى كەينىنى ھېساپلاپ ئولتۇرماستىن، بولۇپمۇ ئاللاھ ۋە پەيغەمبىرىنىڭ نىكاھ ۋە تالا ھەققىدىكى كۆرسەتمىلىرىگە پىسەنت قىلماستىن توي قىلىپ، تۆت كۈندىن كېيىن ئاجرىشىپ، ئائىلىنى پارچىلاپ، بالىلانى يېتىم قالدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن يېنىشىپ قېلىشنىڭ يولىنى ئىزدەپ بارغاندا پەتىۋا بەرگىلى ئۇنىمىغان بىگۇناھ كىشىلەرگە ئالدىراپلا يەنە ئۇمۇمىيۈزلۈك تۆھمەت قىلىپ، ھەممىنى بىر تاياق بىلەن ھەيدەش بەك چوڭ خاتالىق بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرىدىكى ئىپادىلەرنى قوللىنىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك!

ئاللاھ ھەممىمىزگە ئىنساپ-ئادالەت ۋە ئەقىل ئاتا قىلسۇن!