قىزلارنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇشى

قىزلارنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇشى ۋە كىچىكىپ توي قىلىشى توغرىمۇ؟

ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم

ئىلىم ئۆگىنىش ئىسلام دىنىمىز ئەڭ ئەھمىيەت بەرگەن تېمىلارنىڭ بىرىدۇر. بۇنىڭدا ئەر-ئايال ئايرىمى يوق. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قۇرئان كەرىمدىن كەلگەن دەسلەپكى ۋەھىي "ئوقۇغىن" دېگەندىن ئىبارەت بولغان. ئەلۋەتتە، ئوقۇشنىڭ ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن بولۇشى يەنى ئۇنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش نىيىتى بىلەن بولۇشىمۇ تەكىتلەنگەن... ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ھەدىسلەرمۇ بار بولۇپ، بۇلاردىن ئىككى ھەدىس تۆۋەندىكىچە:

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ئاگاھ بولۇڭلار! ھەقىقەتەن دۇنيانىڭ قىممىتى يوقتۇر. دۇنيادىكى نەرسىلەرنىڭمۇ قىممىتى يوقتۇر. پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ زىكرىگە يانداشقان نەرسىلەر، ئالىم ۋە ئىلىم ئۆگەنگۈچىلەرلا بۇنىڭ سىرتىدا». (تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.)

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئىلىم ئىزدەش يولىدا سەپەرگە چىقسا، تاكى قايتىپ كەلگۈچە ئاللاھ تائالانىڭ يولىدا بولغان بولىدۇ». (تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.)

دىققەت قىلىدىغان بولساق، بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىدا ئەر – ئايال ئايرىمىنى كۆرەلمەيمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىز-ئاياللارنىڭ ئىلىم ئۆگىنىشى بىر مىللەتنىڭ كېلەچىكىنى بەلگۈلەيدىغان ئىنتايىن مۇھىم ئامىللاردىن بىرى.

ناھايىتى ئەپسۇسكى بۈگۈن ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇسۇن دەپ يوللىغان بىر قىسىم قىزلىرىمىز ياۋرۇپاچە بولۇپ كېتىپ، ئۆزلىرىنىڭ دىنى ۋە مىللىي ئۆزگىچىلىكلىرىنى يۇقىرىپ قويىۋاتقان، ھەتتا ئالى مەكتەپكە بارغانلار زادى شۇنداق قىلمىسا بولمايدىغاندەك بىر خىل غەلىتە چۈشەنچىسى ئىگە بولۇپ قېلىشى سىزگە يۇقىرىدىكى سوئالنى تاشلاتقۇزىدۇ. بۇ سەۋەپلىك كېچىكى توي قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، بالدۇر ياكى كېچىكىپ توي قىلىش ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ شۇنداقلا ھەر قايسى رايونلارنىڭ قانۇن-نىزان ۋە ئۆرپ ئادەتلىرىگە ئاساسەن ئىلگىرى كېيىن بولىدۇ. توي قىلىش يېشىغا يەتكەن قىز-ئوغۇللارنىڭ ۋاختىدا قانۇنلۇق توي قىلىشلىرى مۇھىم، ئەلۋەتتە.

ئەمما شەرت – شارائىت يار بەرمىسە ياكى ئوقۇش نىيىتى بىلەن توينى كېچىكتۇرسە گۇناھكار بولمايدۇ. مۇھىم بولغىنى ئىلىم ئۆگىنىشتىن ئىبارەت ئاللاھ بۇيرىغان ۋە پەيغەمبىرىمىز تەۋسىيە قىلغان ئىشنى قىلىش جەريانىدا، شۇنداقلا ئالدى كېينىدە ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلارنى قىلىپ سالماسلىقتۇر. يەنە بىرى زادى نېمە ئۈچۈن ئوقۇماقچى؟ پۇل، مال، شۆھرەت ئۈچۈنمۇ ياكى باشقا ئالى مەخسەتلەر بارمۇ؟ ئىنسان ھاياتىدا شۇنداق مۇھىم بولغان توينى كېچىكتۈرۈپ تۇرۇپ ئوقۇشقا يارامدۇ-يوق؟ بۇنىڭدا ئاللاھنىڭ رازىلىقى قايسى ئورۇننى ئىگەللەيدۇ؟ ئەگەر ئالى مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن كۈچكە ئىگە سەۋەبى بولسا، قىز-ئاياللارنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.