ئىپتارلىقنى مەسچىتكە يەتكۈزۈپ بەرسەك بۇلامدۇ؟ دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار قايسى؟

شارائىت چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، جامائەتنى ئۆيگە چاقىرىپ ئىپتارلىتىشقا مۇمكىن بولمىدى. شۇڭا، ئىپتارلىقنى مەسچىتكە يەتكۈزۈپ بەردىم. مەسچىتكە يەتكۈزۈلگەن ئىپتارلىقلارنىڭ جىق بۇلۇپ، ئىشىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ھەر كۈنى 10 كىشىلىك ھىساۋىدا تاماق يەتۈزۈپ بەردىم، ھەم رامىزان ئاخىرلاشقۇچە شۇنداق قىلىش نىيىتىم بار. قىلغىنىم توغرا ياكى خاتالىقى توغىرىسدا ئىنىقرار بىرەر چۈشەنچە بىرىلسە.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم! ئاللاھ بۇ ئىبادىتىڭىزنى، بۇ سەمىمىيتىڭىزنى ئۆز دەرگاھىدا قۇبۇل قىلسۇن! چۈنكى سىزنىڭ قىلىۋاتقىنىڭىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسىگە ئەمەل قىلىپ ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىنلا ئىبارەتتۇر:

زەيد ئىبن خالىد جۇھەنى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمكى روزا تۇتقۇچىنى ئىپتار قىلدۇرسا روزا تۇتقۇچىنىڭ ساۋابىدىن ھېچ نەرسە كېمەيمەستىن ئىپتار قىلدۇرغۇچىغا روزا تۇتقۇچىغا بىرىلگەن ساۋابقا ئوخشاش ساۋاب بېرىلىدۇ». دېگەن. (تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.)

ئۆيگە مېھمان چاقىرىپ ئىفتار بېرىش ئىمكانىيىتى بولمىغانىكەن بەرمەكچى بولغان ئىفتارلىقنى يەتكۈزۈپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ ئىككى يولى بار:

بىرىنچىسى: ئىفتارلىقنى مۇھتاج كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ياكى مەسچىتكە يەتكۈزۈپ بېرىش.

ئىككىنچىسى: ئىفتارلىق ئالغىلى بولغۇدەك پۇلنى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بېرىش. سىزنىڭ قىلغىنىڭىز بىرىنچىسى بولۇپ، بۇمۇ بولىدۇ. چۈنكى سىزنىڭ نىيىتىڭىز خالىس ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش بولغانىكەن ئىفتارلىقىڭىز بىلەن كىم ئىفتار قىلىشىدىن قەتئىينەزەر سىز ساۋاپقا ئېرىشىسىز.

شۇنداقتىمۇ ئىككىنچى يول ئارقىلىق يەنى قىلماقچى بولغان خەيرى - ساخاۋەتنىڭ مىقدارىنى بىلگەندىن كېيىن نەچچە كىشىگە ئىفتارلىق بەرمەكچى بولسىڭىز ھېساپلاپ پۇلىنى ئېھتىياجلىق ئائىلىلەرگە بەرسىڭىز تېخىمۇ ياخشى.

ئەگەر ئىفتار قىلىدىغان يېمەكلىكنى يەتكۈزۈپ بېرىش يولىنى دۋاملاشتۇرماقچى بولسىڭىز، تاماقتا ئىشلىتىلىدىغان خام ئەشيالارنى ھەر كۈنى يەتكۈزۈپ بېرىشكە بولغاندەك، بىر نەچچە كۈنلۈك ھەتتا ئايلىق ھېساپلاپ يەتكۈزۈپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئاللاھ قىلغان بۇ خالىسانە ئىبادىتىڭىزنى ئۆز دەرگاھىدا قۇبۇل قىلسۇن.