قەرزنى قىيامەتتە ئېلىش!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھورمەتلك مۇسۇلمان قېرىنداشلار

بىر ئادەمدە ئېلىشى بولۇپ ئەگەر ئۇ ئادەم بەرمەي سۆرەپ ياكى باشقىلارغا ئىتترىپ تۇرىۋالسا، ئېلىشى بار ئادەم ئۇ ئادەمگە بىر نەچچە رەت پۇلنى بېرىشنى ئېيتقان. ئەگەر ئۇ ئادەم شۇنداق قىلسا ئېلشى بار ئادەم ئۇ پۇلنى قىيامەتتە ئالىدىغانلىقىنى ئېلشى بار ئادەمگە ئېيتىپ ئالمىغان بولۇپ ھېلىقى ئادەم ھېلىقى پۇلنى كېيىن بەرسە ئۇ پۇلنى ئېلشى كىرەكمۇ ياكى ئالماسلىقى كېرەكمۇ؟.ئەلۋەتتە ئۇ ئادەم پۇلنى تۆلىگەن ۋاقتتا جىددى پۇل لازىم بولغان. ئاللاھغا ئامانەت ئامان بولۇڭلار.

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم!

بىر ئادەمدە قەرزى بار مۇسۇلمان، ئەگەر قەرىزدار قىيىنچىلىق ئىچىدە بولسا، ئەھۋالى ياخشىلانغا قەدەر كۈتۈشى كېرەك. ئاللاھ تەئەلا قۇرئان كەرىمنىڭ بەقەرە سۈرىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر قەرزدارنىڭ قولى قىسقا بولسا، ئۇنىڭ ھالى ياخشىلانغۇچە كۈتۈڭلار، ئەگەر (خەيرلىك ئىش ئىكەنلىكىنى بىلسەڭلار، قېيىنچىلىقتا قالغان قەرزداردىن ئالىدىغان قەرزنى ئۇنىڭغا) سەدىقە قىلىپ بېرىۋەتكىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر.» (280 ـ ئايەت).

ئەمما قەرزنى قىيامەت كۈنى ئالىدىغانلىقىنى دېگەن تۇرۇپ يەنە نۆۋىتى كەلگەندە ئېلىش ئىشىغا كەلسەك، ئۇنى ئالسا ھېچنېمە بولمايدۇ. ھەتتا ئاخىرەتكە قويۇپ قويغاندىن كۆرە بۇ دۇنيادا ئالغىنى، ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ياخشى. (ۋەللاھۇ ئەئلەم).