توي قىلمىغان بىر يىگىت توي قىلغان بىر ئايالنى ئالسا
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، توي قېلمغان بېر يېگت توي قېلغان يەنە تېخى بالسى بار ئايال بىلەن توي قېلسا بۇلامدۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام بولىدۇ.

شەرئى جەھەتتىن بولمايدىغان تەرىپى يوق. ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىرىنچى نىكاھى بۇنىڭغا ئېنىق بىر نەمۇنىدۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تېخى توي قىلمىغان 25 ياشلىق بىر يىگىت ئىدى ئايالى خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئانىمىز بولسا 40 يېشىدا ئىدى.

ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام توي قىلمىغان بىر ئوغۇل بالىنىڭ توي قىلمىغان قىز بىلەن توي قىلىشىنى تەۋسىيە قىلغان.

بۇ جاۋاپ سەل مۇجمەل بۇلۇپ قاپتۇ. بولسا بۇنىڭغا تەپسىلىرەك جاۋاپ بىرىلگەن بولسا.

1. بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەر ئۈستىدە ئۈزىگە ھەمراھ بۇلۇپ كېلىۋاتقان بىرسىدىن ئۇنىڭ توي قىلغان قىلمىغانلىقىنى سورايدۇ. ئۇ«ئى، رەسۇلىلا، توي قىلدىم » دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن «قىز ئالدىڭمۇ؟ جوگان » دەپ سورايدۇ. ئۇ « جوگان ئالدىم..» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. « قىز ئالساڭ بولمامدۇ.........» دەيدۇ. ئۇ كىشى قۇپۇپ، « ئاتا ئانام ماڭا، بىر ئۈزىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان بىر مۇنچە قىز قالدۇرۇپ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى. مەن ئۇلارنىڭ قاتارىغا يەنە بىرسىنى قۇشۇشنى خالىمىدىم......» دەپ جاۋاپ بەرگەنلىكى بايان قىلىنغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ ئائىلىدە تەربىيسىز قېلىش مۇمكىنچىلىك بولغان نارىسىدە قىز بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا قىز ئېلىشقا تەشەببۇس قىلغانلىقىدىن، توي قىلمىغان ئۇغۇل بالىنىڭ توي قىلىپ بولغان چوكان ئېلىشتا مەلۇم شەرتنىڭ بۇلىشى لازىممىكى دەپ قارايمەن.

2. توي قىلمىغان ئۇغۇل بالىنىڭ توي قىلىپ بولغان ئايالنى نىكاھىغا ئېلىشى، كۈپۈنچە ھاللاردا ئوغۇل تەرەپنىڭ ئاتا ئانىسىنى نارازى قىلىدۇ. بو توغىرىسدا يەنە بىر ھەدىس بار بۇلۇپ ئۇنىڭدا مۇنداق بايان بار. ئىبىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مېنىڭ بىر ئايالىم بار ئىدى، مەن ئۇنى ياخشى كۈرەتتىم. ئاتام ئۆمەر ئۇنى ياقتۇرمىغاچقا ماڭا، « ئۇنى قۇيىۋەت.» دىدى. مەن ئۇنىمىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئاتام رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كېلىپ، بۇ ئەھۋالنى سۆزلەپ بەردى. رەسۇلۇللا ماڭا؛ « ئۇنى قۇيىۋەت» دىدى. ئاتا - ئانا رازى بولمىغان خۇتۇننى ئىلكىدە تۇتۇشقىمۇ بولمايۋاتقان يەردە، ئاتا - ئانا رازى بولمىغان خۇتۇننى ئېلىشمۇ دۇرۇس بولمامدىكى دەپ قارايمەن. ھازىر جەمئىيەتتە توي قىلمىغان ئۇغۇللارنىڭ توي قىلىپ بولغان ئاياللارنى ئالدىغان ئىش بىر قەدەر كۆپ بۇلۇپ كەتتى. شۇڭا، مۇشۇ توغىرىسدا بىر تەپسىلىرەك چۈشەنچە بىرىلگەن بولسا...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ئاللاھ رازى بولسۇن!

يۇقىرىدىمۇ دەپ ئۆتۈلگىنىدەك توي قىلمىغان بىر يىگىتنىڭ چوكان بىلەن توي قىلىشى دىنى جەھەتتىن جائىز ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەۋسىيەسى، شۇنداقلا جەمىيەتنىڭ، جۈملىدىن ئاتا-ئانىلارنىڭ رازىلىقى جەھەتتىن مەسىلىگە قارىغان ۋاختىدا ئالدىراقسانلىق بىلەن قارار بەرگىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس.

 

مۇمكىن بولسا بۇ ئىشنىڭ ئەۋجەپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئىزدىنىپ بېقىش كېرەك! چۈنكى بۇ ھەقىقەتەن نورمال بىر ھادىسە ئەمەس. ئەمما شۇنى ئۇنۇتماسلىق لازىمكى بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقىنى ئىشنىڭ دىنى جەھەتتىن جائىز بولۇپ بولماسلىقى مەسىلىسىدۇر. ئىجتىمائىي جەھەتتىن ئانورماللىقى ۋە باشقا جەھەتلەر بىلەن جەمىيەتشۇناسلار ئالاقىدار بولسا، بىزمۇ ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىدىن پايدىنلانساق بولىدۇ.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن سىزدىن ۋە سىزگە ئوخشاش بىلىملىك قېرىنداشلىرىمدىن قۇرئان كەرىم تورىنىڭ جانلىنىشى، خەلقىمىزنىڭ قۇرئان كەرىم ۋە دىنى مەلۇماتقا بولغان تەشنالىقىنى قاندۇرۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشلىرىنى ئۈمىت قىلىمىز.

بۇ ھەقتە تۆھپە قوشماقچى بولغان قېرىنداشلىرىمىز قىسقىچە تەرجىمىھالىنى تۇنۇشتۇرۇپ admin@qurankerim.com قا ئەۋەتىشىنى ئارزۇ قىلىمىز.