بىر ۋاقتتا دىگەن ئۇچ تالاق نەچچىگە ھىساپ

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئابدۇ يەزىد- رۇكانە ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ دادىسى- (ئايالى) ئۇممى رۇكانەنى تالاق قىلىپ مۇزەينە (قەبىلىسىدىن) بىر ئايال بىلەن ئۆيلەنگەن. قىسقا بىر مۇددەتدىن كېيىن ئۇ ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىلىپ (ئابدۇ يەزىدنىڭ ئىقتىدارسىز ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىش ئۈچۈن) بېشىدىن ئالغان بىر دانە چاچنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «ئۇ ماڭا پەقەتلا بۇ تۇك ئەسقاتقانچىلىك ئەسقىتىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتكىن» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيسسالام ئاچچىقلاپ رۇكانە ۋە قېرىنداشلىرىنى چاقىردى. ئاندىن كېيىن يېنىدا ئولتۇرغۇچىلارغا (ئۇلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ): «پالانىنىڭ شۇ ۋە شۇ يېرىنى ئابدۇ يېزىدغا ئوخشايدۇ ۋە پالانىنىڭ بۇ ۋە بۇ يېرىنى ئۇنىڭغا ئوخشايدۇ دەپ قارامسىلەر؟» دېدى. ئۇلار ھەممىسى بىرلىكتە: «ھەئە» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئابدۇ يېزىدغا : «ئۇنى تالاق قىل» دېگەن ئىدى، ئۇ دەرھال شۇنداق قىلدى. ئاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئايالىڭغا، يەنى رۇكانە ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ ئانىسىغا قايتقىن» دېگەن ئىدى، ئۇ: «شۈبھىسىزكى مەن ئۇنى ئۈچ تالاق قىلغان ئىدىم يا رەسۇلەللاھ!» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەلۋەتتە بىلىمەن، ئۇنىڭغا قايتقىن» دېدى ۋە: «ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلغان چېغىڭلاردا، ئۇلارنى ئىددىتىگە لايىق بىر زاماندا تالاق قىلىڭلار» دېگەن ئايەتنى ئوقۇدى[9].

ئىبنى ئابباسنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە ئابدۇ يەزىدنىڭ ئوغلى رۇكانەمۇ دادىسىغا ئوخشاش ئايالىنى بىر مەجلىستە ئۈچ تالاق قىلىپ كېيىن بۇنىڭغا قاتتىق قايغۇرغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن: «ئۇنى قانداق تالاق قىلدىڭ؟» دەپ سورىغان ئىدى، ئۇ: «ئۈچ تالاق قىلدىم» دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «بىر مەجلىسىتىمۇ؟» دېدى. ئۇ: «ھەئە» دېدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «بۇ، پەقەتلا بىر تالاقتۇر. ئۇنىڭ ئۈچۈن خالىساڭ ئۇنىڭغا قايتقىن» دېدى، ئۇ دەرھال ئۇنىڭغا قايتتى[10].

بۇلار ئىشەنچىلىك خەۋەرمۇ؟ بۇ كونا تور بەتتە بار ئىدى. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن بىر مەجلىستە ئۇچ تالاق قىلىنغان ئايالغا قايتا نىكاھ ئۇقۇپ ئۇي تۇتسا بۇلامدۇ؟ بۇنى كۇنا تۇر بەتتە ئۇقىغان لىكىن يىڭى تور بەتتە يوق ئىكەن. بۇ سۇئالنىڭ جاۋابى ناھايتى مۇھىم ئىدى، ئاللا يۇلداتىزراق جاۋاپ بەرگەن بۇلساڭلار؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆمەتلىك قېرىندىشىم

سىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ھەدىسلەر سەھىھ ھەدىسلەردۇر ۋە ئاللاھ تەئەلانىڭ تالاق ھەققىدىكى ئايەتلىرىنىڭ تەفسىرى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن تەتبىقلىنىشىدۇر...

سىز ئۆزىڭىزنى ئەمەلىي ئەھۋالىڭىزنى تەفسىيلى يازمىغان ئىكەنسىز، سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزنىڭ مەزكۇر ھەدىسلەر بىلەن قىياسلىغىلى بولۇپ بولمايدىغانلىقى ھەققىدە بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ. ئوخشاش سوئالنى بىر نەچچە قېتىم قايتا قايتا سورىدىڭىز. جاۋابى ئۈچۈن مەنبەمۇ كۆرسىتىلدى. سىز يەنە قايتىلاپ بۇ سوئالنى يوللاپسىز... بىزنىڭ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكى بىلگۈدەك ئىقتىدارىمىز ياكى بولمىسا سىز ئاڭلاتمىغان تالاق قىلىش/ قىلىنىش جەريانىنى بىلىش ئىمكانىيىتىمىز يوق...

سىز مالال كۆرمەي مۇنۇ تېمىنى ۋە ئىنكاسلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆرۈپ چىقىڭ ئاندىن ئۆزىڭىزنىڭ ئەھۋالىڭىزنى سېلىشتۇرۇپ بېقىپ ھەرىكەت قىلىڭ:

http://www.uighurislam.net/read.php?tid-347.html

 ئاللاھقا ئامانەت بولۇڭ