مېنىڭ ئىسمىم قۇرئاندا بارمۇ؟

ئەسسالامۇ ئالايكۇم،

مېنىڭ ئەسلى ئىسمىم ئامانشا، بۇگۇن جۈمەدە مۇشۇ ئسىم توغۇرلۇق سوزلىگەن ئىدى مىنىڭ ئسمىم كىتاپلاردا بارمۇ مىنىڭ ئسمىنىڭ قانداق مەنسى بار ،مەن باشقىلارغا ئسمىمنې ئامانجان دەپ بەرگەن ئىدىم مۇشۇنداق چاقىرسا بۇلامدۇ ئەلۋەتتە مىنى بۇرۇن تۇنۇيدىغانلار مىنىڭ ئەسلى ئسمىمنې چاقىرىدۇ، مەن ئۇيغۇر.

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىىشم.

ئامانشا ئىسمى ئەرەپچىگىمۇ، ئۇيغۇرچىغىمۇ ماس كەلمەيدىغان ئارىلاش بىر ئىسىم بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ مەنىسىنى كىتابلاردىن ئېنىق تېپىش مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر ئىسمىڭىزنىڭ ئەسلى ئامان شاھ بولسا بۇ ۋاختىدا ئىسمىڭىزنىڭ مەنىسى ياخشى بولغان بولىدۇ. سىز ئۇ ھەقتە بىر سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭ. يەنى ئىسمىڭىزنى قويغانلار نېمە دەپ قويۇپتىكەن... ئىسمىڭىزنىڭ مەنىسى ياخشى بولسىلا، ئۇنىڭ كىتاپلاردا تىلغا ئېلىنىپ ئېلىنماسلىقى مۇھىم ئەمەس.