قۇرئان ئۆگىنىش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

مەن بۇندىن بۇرۇن قۇرئاننى تۇتۇپ باقمىغان بىر قىزمەن، لېكىن ئۆيدىكىلەرنىڭ ناماز ئوقۇغىنىنى، قۇرئان ئوقۇغىنىنى كۆرۈپ چوڭ بولغان، ئەلۋەتتە ئاللانىڭ بىرلىك ۋە بارلىقىغا شەكسىز ئىشىنىمەن. شۇ تاپتا ئۆيدىن ئايرىلىپ ياقا يۇرتتا ئىلىم ئىگەللەش ئۈچۈن مەكتەپتە ئوقىۋاتىمەن، ئەمما پەننىلا ئۆگۈنۈپ ئاخىرەتلىكىم ئۈچۈن ھېچقانداق تەييارلىق قىلماسلىققا، مۆمىنلەردىن بولماي تۇيۇقسىز بۇ دۇنيادىن كېتىپ ئاللا : «مەن بەرگەن دۇنيالىقتا مەن ئۈچۈن نېمىلەر قىلدىڭ، قانداق ئىبادەتلەر قىلدىڭ...» دېسە پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي قېلىشىمدىن شۇنداق بەك قورقىمەن، شۇڭا كۆپچىلىك پىكىر بەرسەڭلار، مەن نەدىن باشلاي، قانداق قىلسام نامازنى ئەھدى -ئەركانلىرى بىلەن ئوقۇشنى ۋە سۈرىلەرنى ئەڭ تېز سۈرەتتە ئۆگىنەلەيمەن، ئاللا رەھمەت قىلسۇن !!!

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىدىشىم!

ئاللاھ سىزگە ئىسلام دىنىنى توغرا چۈشىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرسۇن ۋە سىزنى قۇرئان كەرىم ئارقىلىق ئەڭ توغرا يولغا مېڭىشنى ئاسان قىلىپ بەرسۇن. ھۆرمەتلىك سىڭلىم!

سىز ئىلىم ئىگىلەش ئۈچۈن ياقا يۇرتلارغا چىققۇچىلىك ئىلىم ھەۋەسكارى بولغانىكەنسىز، ئىشنى ئۆگىنىشنى باشلاشتىن كېرەك ئىكەنلىكىنى بىلىسىز دېگەن گەپ. شۇڭا سىز قۇرئان كەرىمنى قولىڭىزغا ئېلىپ ھەر كۈنى بىر نەچچە بەت تەرجىمىسى بىلەن بىرلىكتە ئوقۇپ چۈشىنىپ ئەمەل قىلىشقا تىرىشىڭ. نامازنىڭ، زاكاتنىڭ، دۇئانىڭ، ھەجنىڭ ئەھمىيىتىگە ئوخشاش نېمىلەرنى قىلىش ۋە نېمىلەرنى قىلماسلىق لازىم ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئاساسى پرىنسىپلارنى ئەسلى مەنبىئىدىن ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايسىز. ئۇندىن باشقا ناماز ھەققىدە ئۇيغۇرچە بېسىلغان ناماز ھەققىدە ساۋات كىتابىغا ئوخشىغان نۇرغۇن ئىخچام ۋە ياخشى كىتاپچىقلار تېپىلىدۇ. ئۇلارنى ئوقۇپ ئۆگىنىڭ... بىلمەي تۇرۇپ ئەمەل قىلغىلى بولمايدۇ...

شۇڭا ئۆگىنىشتىن باشلاڭ، ئەگەر ماتېرىيال كېرەك بولسا يوللاپ بېرەيلى... admin@qurankerim.com بۇ ئىلخەتكە خەت يازسىڭىز بولىدۇ... توربەتلىرىدىمۇ نۇرغۇن قىممەتلىك مەلۇماتلار بار... ئاللاھ سىزنى ئۆزىڭىزنى رازىلىقىغا يارىشا ياشىغىلى نېسىپ قىلسۇن ۋە توغرا يولدىن ئايرىمىسۇن، ئۆگىنىۋاتقان كەسپىڭىزدىمۇ سىزگە غەلىبە ئاتا قىلسۇن!