تەراۋىھ نامىزى باشلىنىپ بولغان بولسا، خۇپتەن نامىزىنى قانداق ئوقۇيمىز؟

تەراۋىھ نامىزى باشلىنىپ بولغان بولسا، خۇپتەم نامىزىنى قانداق ئوقۇيمىز؟ يەنى جامائەت تەراۋىھ  نامىزنى ئوقۇۋەرسە، مەن خۇپتەم نامىزنى ئوقۇپ بۇلۇپ ئاندىن، جامائەتكە ئەگىشىپ تەراۋىھ نامىزىنى ئوقۇمدىمەن، ياكى تەراۋىھ نامىزىنى ئوقىۋىرەمدىمەن؟ ئەگەر خۇپتەن نامىزىنى ئالدىن ئوقۇش كېرەك بولسا، ئالدىنقى ئىككى رەكئەتنى قىرائەت قىلىىپ ئوقىۋېرەمدىم؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم

تەراۋىھ نامىزى باشلىنىپ بولغاندا مەسچىتكە كىرگەن بولسىڭىز، چوقۇم خۇپتەن نامىزىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن ئاندىن تەراۋىھ نامىزى ئوقۇشىڭىز كېرەك. بۇنىڭ ئىككى يولى بار؛

1-ئۆز ئالدىڭىزغا ئاۋازىڭىزنى ئۆزىڭىز ئىشىتكۈچىلىك ھالەتتە ئوقۇيسىز.

2- تەراۋىھ نامىزى ئوقۇۋاتقان ئىمامغا پەرز نىيىتى بىلەن ئىقتىدا قىلىسىز، ئىمام ئىككى رەكئەتتىن كېيىن سالام بەرگەندە سىز سالام بەرمەستىن ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ قالغان ئىككى رەكئەتنى تولۇقلاپ ئوقۇۋالىسىز. بۇنداق بولغاندا ھەم پەرزنى ئادا قىلغان بولىسىز، ھەمدە جامائەت ساۋابىنى قولدىن بەرمىگەن بولىسىز. 

ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللاھتۇر.