تىرىك توخۇ، ئۆردەك، قويلارنى جىڭلاپ ساتسا ياكى سېتۋالسا بۇلامدۇ؟
مەن تىرىك تۇخۇ ئالماقچى بۇلۇپ، تۇخۇچنىڭ قېشىغا بارسام، «جىڭى مانچە پۇل دەيدۇ». مەن «جىڭلاپ ئالمايمەن، بۇداپ بېرىڭ» دىسەم، بىر تۇخۇنى قۇلىغا ئېلىپ، دەڭسەپ كۈرۈپ «مانچە پۇل بېرىڭ» دىگەن ئىدى، باھا تالاشماي دىگىنى بەردىم، بىراق، « ماڭاي دەپ تۇرسام، « ئەسلى جىڭ مانچە پۇل ئىدى، دەڭسەپ باقسام مانچە كىلو ئەتىراپىدا كەلدى. شۇڭا مانچە پۇل دىدىم، ئارتۇق كەم بولسا رازى بولسىلا » دىدى. ئويلاپ باقسام، مەن گەرچە بۇداپ ئالدىم دەپ قارىساممۇ، ساتقۇچى يەنىلا كۆڭلىدە جىڭلاپ سېتىپتۇ. بۇنداق ئىش ئۆتكەن يىلى قۇربان ھېيتتىمۇ بىر قېتىم ئۇچۇرغان ئىدى. ھازىر بۇنداق ئىشلار بىرقەدەر ئۇمۇملۇشۇپ قاپتۇ. بۇلۇپمۇ، تۇخۇ غازلارنى جىڭلاپ ساتمايدىغان بىرەر تۇخىچىنى تاپقىلىمۇ بولمايدىكەن. سۇئال: 1)تىرىك توخۇ، ئۆردەك، قويلارنى جىڭلاپ ساتسا بۇلامدۇ؟ 2) سېتىۋالغۇچى بىلمەسلىكتىن سېتىۋالسا، ياكى سېتۋېلىشقا مەجبۇر بولسا گۇناھ بۇلامدۇ؟. 3) باشقىلارنىڭ جىڭلاپ ساتقان ياكى سېتىۋالغان مال ياكى ئۆي قۇشى ئىكەنلىگىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئېغىز تەگسە بۇلامدۇ؟.