ۋىتىر نامىزىنى قاچان ئوقۇيمىز؟

ئەسسلامۇ ئەلەيكۈم!

ئەگەر تەراۋىھ نامىزىدىن كېيىن يەنە تەھەججۇت نامىزى ئوقويدىغان بولساق 20 رەكئەت تەراۋىھ نامىزىدىن كېيىن ۋىتىر نامىزىنى ئوقىماي چىقىپ كېتىپ تەھەججۇت نامىزىدىن كېيىن ئوقۇيمىزمۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم

شۇنداق قىلىمىز، چۈنكى ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كېچىسى ئوقۇلىدىغان ئاخىرقى نامىزىڭلار ۋىتىر نامىزى بولسۇن». (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.) 

بۇ ھەدىستىن تەراۋىھ نامىزى، تەھەججۇد ۋە نەفلى نامازلاردىن ئىبارەت كېچىدە ئوقۇلىدىغان نامازلاردىن كېيىن ئەقەللىيسى بىر رەكئەت ياكى تولۇقى ئون بىر رەكئەت ۋىتىر ئوقۇشنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكى، بۇنىڭدىكى ھېكمەت: ۋىتىر نامىزىنىڭ كېچىدە ئوقۇلىدىغان بارلىق نامازلاردىن ياخشى ئىكەنلىكى ۋە بىر كۈنلۈك ئەمەللەرنى ئەڭ ياخشى ئەمەل بىلەن ئاياغلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىش ئىكەنلىكى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كېچىنىڭ باش تەرىپىدە ناماز ئوقۇغانلىقى، بۇ ۋاقىتتا ناماز ئوقۇشقا بولىدىغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلىدۇ. (رىيازۇسسالىھىيندىن)