رامىزاندا سۇغا چۇشسە بۇلامدۇ ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

بۇ يىل رامىزان ناھايتى ياز پەسلىنىڭ ئىسسىق بىر ئېيىغا يىتىپ كەلدىö كۈنمۇ ھەم ئۇزۇن، مۇشۇ ئىسسىق ۋاقىتتا سالقىندىغىلى سۇغا چۇشسە بۇلامدۇ؟ بۇ يەردە بەزەنلەر بثشىنى تىقماي سۇغا چۇشسە بولىدۇ يەنە باشقىلار سۇغا چۇشسە بولمايدۇ دەيدۇ يەنە باشقىلار سۇغا چۇشسە بولىدۇ دەيدۇ.

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم

شۇنداق بۇ يىل ھاۋا بەك ئىسسىق، روزا تۇتۇشتا قىينىلىمىز، ئەمما شۇنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەككى، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس. شۇڭا مۇمكىن قەدەر دىققەت قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

سۇغا چۈشسە بولۇپ بولماسلىق مەسىلىسىگە كەلگەندە مۇنچىغا چۈشسە بولىدۇ، بىراق مۇنچىغا چۈشكەندە ئېغىز ۋە بۇرۇندىن سۇ كىرىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى ئېغىز- بۇرۇندىن كىرىپ كەتكەن سۇ بوغىزىمىزدىن ئۆتۈپ كېتىپ قالسا روزىمىز سۇنۇپ كېتىدۇ. شۇڭا سالقىنداش ئۈچۈن مۇنچىغا كىرىپ، بېشىمىزغا سۇ تۆكمەستىن بەدىنىمىزنىڭ قالغان قىسمىغا سۇ تۆكۈپ سالقىندىشىمىز تېخىمۇ توغرا بولسا كېرەك. ئېرىق-ئۆستەڭلەرگە چۈمۈلۈپ سالقىندىماقچى بولغاندىمۇ يەنىلا كاللىمىزنى سۇغا شۇڭغۇتماستىن سالقىنداپ چىقىپ كېتىش روزىمىزنىڭ بوزۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئەڭ ئېھتىياتلىق يولدۇر.