ئىپتار ۋە زوھۇرلۇقنىڭ نېيەتلىرى قانداق بولىدۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكوم،

مەندە ئىفتار ۋە زوھۇرلۇقنىڭ نېيەتلىرى ھەققىدىكى دۇئا دەپ كىچك بىر كىتابچە بار ئىدى. لىكىن شۇ كىتابچىنى خېلىدىن بېرى يۇتتۇرۇپ قويغاچقا بىلەلمەي قالدىم.كۆپىنچە دوستلار ئۇيغۇرچە دۇئا ۋە نىيەت قىلسا بولىۋرىدۇ. دەيدىكەن. يەنى: روزا تۇتتۇم جان ئۈچۈن جاندا ئىمان بار ئۈچۈن....دەپ مېنڭچە بۇ قوشاق شەكلىدە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى داۋالغان نىيەت بولسا روزام قوبۇل بولماي قالارمۇ دەپ ئەندىشە قىلىپ قالدىم. شۇڭا سىزلەردىن سوراپ بىلىۋلاي دېدىم. ئەرەبچە دۇئانىڭ ئۇيغۇرچە ئوقۇلۇشى بويىچە دەپ بەرگەن بولساڭلار. ئاللاھ سىلەرگە ئەجىر ئاتا قىلغاي!

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم

نىيەت دېگەن بىر ئىشنى قىلىشقا بەل باغلاشتىن ئىبارەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ رامىزاندىن بۇرۇن رامىزان روزىسىنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قىلغان ھازىرلىقىمىز، ھەتتا مۇسۇلماننىڭ ئىككى ئاي ئەۋۋىلىدىن باشلاپ رامىزاننى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن قىلغان ھازىرلىقلىرى بىر نىيەتتۇر. ھەر ئاخشىمى ئەتتىگەندە زولۇق ھازىرلاش، ئەتتىگىنى زولۇققا قوپۇشمۇ نىيەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن نىيەت، سۆز بىلەن ئىپادىلىمىسە بولمايدىغان بىر نەرسە ئەمەس، ئەكسىچە نىيەتنىڭ سۆزلۈكتىكى مەنىسىگە قاراپ باقىدىغان بولساق مۇنداق تەرىپلەنگەنلىكىنى كۆرىمىز: "كۆڭۈلدىكى ئارزۇ ئىستەك مەقسەت ؛ ئوي – خىيال".

شۇڭا كاللىڭىزدىن ۋەسۋەسىنى چىقىرىپ تاشلاڭ، ئەتتىگىنى ناۋاتتىن تاتلىق ئۇيقۇنى تاشلاپ زولۇق يېيىش ئۈچۈن قوپقانلىقىڭىزنىڭ ئۈزى ناھايىتى كاتتا نىيەت. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىمساق ۋاختى كىرگەندە (يەنى تاڭ ئاتقاندا) نىىتىڭىزنى سۆز بىلەن ئىپادىلىمىسىڭىز كۆڭلىڭىز ئارام تاپمايدىغان ئىش بولسا "نىيەت قىلدىم ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن روزا تۇتۇشقا" دەپ تۇتماقچى بولغان روزىنى ئاساسنلاشتۇرۇپ بېرىشى ۋە قۇبۇل قىلىش ئۈچۈن يالۋۇرۇپ، كۆڭلىڭىزدىن كەلگىنىچە دۇئا قىلسىڭىز بولىدۇ.

قىسقىسى نىيەت قىلىش مۇھىم ئەمما ئۇنى سۆز بىلەن ئىپادىلەش شەرت ئەمەس.

ئىفتار دۇئاسىغا كەلسەك بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆگەتكەن دۇئالار بار. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

 

ئىپتار قىلغاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا:

 

1-   { ذَهَبَ الظَّمَأُ وَابْتَلَّتِ الْعُرُوقُ وَثَبَتَ  اْلاَجْرُ إنْ شَاءَ اللهُ}.

ئوقۇلۇشى: زەھەبەزەمەئۇ ۋەبتەللەتىل ئۇرۇقۇ ۋە سەبەتەلئەجرۇ ئىنشائەللاھ.

تەرجىمىسى: « ئۇسسۇزلۇق كەتتى، تومۇرلار سوغىرىلدى. ئاللاھ خالىسا ساۋاب پۈتۈلدى.»[ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].

 

2-   { اَللَّهُمَّ إِنِّي أَسْأَلُكَ بِرَحْمَتِكَ، الَّتِي وَسِعَتْ كُلَّ شَيْءٍ أَنْ تَغْفِرَ لِي }.

ئوقۇلۇشى: ئوقۇلۇشى ئەللاھۇممە ئىننىي ئەسئەلۇكە بىرەھمەتىكە ئەللەتىي ۋەسىئەت كۇللە شەيئىن ئەن تەغفىرە لىي.

 

تەرجىمىسى: « ئى ئاللاھ! سېنىڭ ھەممىگە كەڭ بولغان چەكسىز رەھمىتىڭگە سېغىنىپ مېنى مەغپىرەت قىلىشىڭنى تىلەيمەن.»[ئىبنى ماجە رىۋايىتى].

 

ئىپتارغا چاقىرىلغان ئۆيدە ئوقۇلىدىغان دۇئا:

{أفْطَرَ عِنْدَكُمُ الصَّائِمُونَ وَأَكَلَ طَعَامَكُمُ الأبْرَارُ، وَتَنَزَّلَتْ عَلَيْكُمُ الْمَلاَئِكَةُ }.

ئوقۇلۇشى: ئەفتەرە ئىندەكۇمۇسسائىمۇن ۋە ئەكەلە تائامەكۇمۇلئەبرار ۋە تەنەززەلەت ئەلەيكۇمۇلمەلائىكەتۇ.

تەرجىمىسى: « سىلەردە روزىدارلار ئىپتار قىلدى، تائامىڭلارنى ياخشىلار يېدى ۋە پەرىشتىلەر سىلەرگە مەغپىرەت تىلىدى.» [ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى].

بۇنىڭدىن باشقا ئىفتار ۋاختىدا قىلىنغان دۇئا ئىجابەتلىك دۇئالار جۈملىسىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ۋاختىدا ئۆزىمىز، ئاتا-ئانىمىز، بالا-چاقىلىرىمىز، يېقىنلىرىمىز، خىش-ئەقرىبالىرىمىز، دوست-يارەنلىرىمىز، ئۇستازلىرىمىز... ئۈچۈن كۆڭلىمىزدىن كەلگىنىچە ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەلەپلىرىمىزنى تىلەپ ئۆزىمىز بىلىدىغان تىلدا، نېمە تىلىگەنلىكىمىزنى بىلىپ تۇرۇپ دۇئا قىلىشىمىز كېرەك.