بالا ئىمىتىدىغان ئاياللار رۇزا تۇتسا بۇلامدۇ؟

بالا ئىمىتىدىغان ئاياللار رۇزا تۇتسا بۇلامدۇ؟

بالا ئېمىتىدىغان ۋە ئېغىر قات ئاياللار روزا تۇتسا بولۇپ بولمايدىغانلىقىنى مۇسۇلمان بىر دوختۇرغا سوراپ، شۇنىڭ تەۋسىيەسىگە قاراپ تۇتۇش ياكى تۇتماسلىققا قارار بېرىشى تېخىمۇ توغرا بىر ھەرىكەت بولىدۇ. چۈنكى روزا تۇتقان ئەھۋالدا ئۆزلىرىگە ياكى بۇۋاقلارغا زىيان يېتىپ قېلىپ ئېھتىمالى باردۇر. ئەگەر شۇنداق بىر ئېھتىمال بولسا ياكى دوختۇر شۇنداق دېسە، بۇ ۋاختىدا ئۇلا كېسەل ھۆكمىدە بولۇپ، روزا تۇتمايدۇ، كېيىن تۇتىۋالىدۇ.

بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلىدۇ:

ئەنەس ئىبى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىنىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئۆزىگە زىيان يېتىشىدىن قورققان ئېغىر ئاياق ئايال بىلەن بالىسىغا زىيان يېتىشىدىن قورققان بالا ئىمىتىدىغان ئايالغا رامازان روزىسىنى تۇتماسلىق رۇخسىتى بەرگەن. (ئىبن ماجە، سىيام، 12).