ئىسمىمنى ئالماشتۇرۇش كېرەكمۇ؟

مىنىڭ ئىسمىم باتۇرجان ، بەزىلەر بۇ ئىسىمنى ياخشىكەن دېسە، بەزىلەر قۇرئاندا يوق ئىسىمكەن دەۋاتىدۇ. قانداق قىلىمەن؟ ئىسمىمنى ئالماشتۇرۋېتەمدىمەن؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم!

ئىسىملارنىڭ قۇرئان كەرىمدە بولۇپ بولماسلىقى ئانچە مۇھىم ئەمەس ھەم شەرتمۇ ئەمەس! مۇھىمى ئىسىمنىڭ مەنىلىك، چىرايلىق، دىنى ۋە مىللى ئادەتلىرىمىزگە زىت بولماسلىقىدۇر. سىزنىڭ ئىسمىڭىزغا كەلسەك، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىدا "باتۇر": سۈپ . خەۋپ - خەتەر ، قىيىنچىلىقلاردىن قورقمايدىغان ؛ يۈرەكلىك دەپ چۈشەندۈرۈلگەن. جان بولسا  كىشى ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا قوشۇلۇپ ، ئەركىلىتىش ۋە يېقىنلىقنى بىلدۈرىدىغان قوشۇمچە ئەركىلەتمە سۈپەتتۇر. 

دېمەككى سىزنىڭ ئىسمىڭىز ھەم مەنىلىك، ھەم مىللى ئەنئەنىمىزگە ئۇيغۇن، دىنى چۈشەنچىمىزگىمۇ زىت كەلمەيدىغان چىرايلىق بىر ئىسىم بولۇپ، ئىسمىڭىزنى ئالماشتۇرماڭ! ئەكسىچە پۈتۈن ئىشلىرىڭىزنى ئىسلام دىنىمىزغا ماسلاشتۇرغان ھالدا ئىسمىڭىزغا لايىق جەسۇر ۋە باتۇرلارچە قىلىشقا تىرىشىڭ!

شۇنىڭ بىلەن ھەم ئەۋلادلىرىڭىزغا ھەم خەلقىمىزگە باتۇر بىر مۇسۇلمان ئىكەنلىكىڭىزنى كۆرسىتىڭ، باشقىلارنىڭ قۇرئاندا يوقكەن دېگىنىگە پىسەنت قىلىپ كەتمەڭ.

ئاللاھقا ئامانەت بولۇڭ!