روزى ھېيت، قۇربان ھېيتقا ئوخشاش خۇشال كۈنلەردە تۇپراق بېشىغا چىقىش

روزى ھېيت، قۇربان ھېيت بۇ مۇبارەك خۇشال كۈنلەردە تۇپراق بېشىغا چىقىپ، زىيارەت قىلىپ، ھازا تۇتسا بولامدۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم

بۇ ھەقتە بىر نەچچە رىۋايەت بولۇپ، ئۇلاردا قەبرە زىيارىتىنىڭ بولىدىغان بولمايدىغان تەرەپلىرى چۈشەندۈرۈلگەن.

بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كُنْتُ نَهَيْتُكُمْ عَنْ زِيارَة القُبُورِ فَزُوروها» «سىلەرنى قەبرىنى زىيارەت قىلىشتىن چەكلىگەنىدىم، ئەمدى قىلساڭلار بولىدۇ». (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.)

بۇ ھەدىستىن قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىمىز. چۈنكى قەبرىنى زىيارەت قىلىش كىشىگە ئاخىرەتنى ئەسلىتىدۇ، ئۆلۈم ۋە قەبرىدىكى سوئال-سوراق، ھېساب-كىتابلارنى ئەسكە سېلىش بىلەن دىللارنى ئېرىتىدۇ. ئەمما ئاياللارنىڭ قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىشى يامان كۆرۈلىدۇ، شۇنداقلا بۇ ھەقتە چەكلەش بايان قىلىنغان. ئەگەر ئاياللارنىڭ قەبرىنى زىيارەت قىلىشى پىتنە ياكى ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ يىغلاشتەك شەرىئەتتە چەكلەنگەن ئىشلار بىلەن باغلىنىپ قالسا ئۇلارنى زىيارەتتىن چەكلەش كېرەك. ئەگەر ئۆلگۈچى ئايالنىڭ ناھايىتى يېقىن ئادىمى بولسا، شۇنداقلا ئايالنىڭ قەبرىنى زىيارەت قىلىشى شەرىئەتتە چەكلەنگەن ئىشلار بىلەن باغلانمىسا، قەبرىسىنى زىيارەت قىلىشى مۇباھ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ ھەدىستىن يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەسلەپتە جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ئادەتلىرى تەلتۆكۈس يوقالمىغانلىقىنى، بۇتپەرەسلىكنىڭ يوقالمىغانلىقىنى ۋە كىشىلەرنىڭ قەبرە بېشىدا ئىسلام دىنىدا چەكلەنگەن ھۇ تارتىپ يىغلاشلىرىدەك قىلمىشلارنى كۆزدە تۇتۇپ كىشىلەرنى قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىشتىن چەكلىگەنلىكىنى، تەۋھىد ئەقىدىسى كۈچلەنگەندىن كېيىن بولسا قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىشقا رۇخسەت قىلغانلىقىنىمۇ بىلىۋالالايمىز.

يەنە بىر ھەدىس مۇنداق:

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر قاچان ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ نۆۋەت كېچىسى بولسا، كېچىنىڭ ئاخىرىدا بەقى قەبرىستانلىقىغا چىقىپ: «السَّلامُ عَلَيْكُمْ دَارَ قَوْمٍ مُؤمِنينَ، وأَتَاكُمْ ما تُوعَدُونَ، غَداً مُؤَجَّلُونَ، وإِنَّا إِنْ شَاءَ اللَّهُ بِكُمْ لاحِقُونَ، اللَّهُمَّ اغْفِرْ لأَهْلِ بَقِيعِ الغَرْقَدِ» «ئى مۇئمىلەر! سىلەرگە سالام! ۋەدە قىلىنغان نەرسىلەر سىلەرگە كەلدى، ئەتە كۆز ئالدىڭلارغا ھازىر بولىدۇ، ئەگەر ئاللاھ تائالا خالىسا، بىزمۇ سىلەرگە قوشۇلىمىز، ئى ئاللاھ! بەقىدىكىلەرنى مەغفىرەت قىلغىن»، دەيتتى. (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.)

دېمەككى قەبرىستاندا چىققاندا قەبرىدىكىلەرگە سالام بېرىش ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېيتقاندەك ئۇلار ئۈچۈن ئىستىغفار ئېيتىپ دۇئا قىلىشىمىز لازىم. بۇ ھەدىستىن يەنە كېچىدە قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىۋالالايمىز. بۇ ھەقتە بۇنىڭدىن باشقىمۇ بىر نەچچە رىۋايەت بار:

بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، قاچانكى كىشىلەر قەبرىستانلىققا چىقماقچى بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ دۇئانى تەلىم بېرەتتى: «السَّلامُ عَلَيكُمْ أَهْل الدِّيارِ مِنَ المُؤْمِنِينَ والمُسْلِمِينَ وَإِنَّا إِنْ شَاءَ اللَّهُ بِكُمْ لاَحِقُونَ، أَسْأَلُ اللَّه لَنَا وَلَكُمُ العافِيَةَ» «ئى مۇئمىن مۇسۇلمانلار! سالام سىلەرگە! ئاللاھ تائالا خالىسا بىزمۇ سىلەرگە قوشۇلىمىز، ئاللاھ تائالادىن بىز ئۈچۈن ۋە سىلەر ئۈچۈن ئامانلىق تىلەيمىز». (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.)

ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنە قەبرىستانلىقىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، قەبرىستانلىققا يۈز كەلتۈرۈپ: «السَّلامُ عَلَيْكُمْ يا أَهْلَ القُبُورِ، يَغْفِرُ اللَّهُ لَنا وَلَكُمْ، أَنْتُم سَلَفُنا ونحْنُ بالأَثَرِ» «ئى قەبرە ئەھلى! سىلەرگە سالام! ئاللاھ تائالا بىزنى ۋە سىلەرنى ئەپۇ قىلغاي، سىلەر بىزدىن بۇرۇن كەلگۈچىلەر، پات يېقىندا بىزمۇ سىلەرگە ئەگىشىپ كېلىمىز»، دېدى. (تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.)

بۇ ھەدىستىن ئۆلۈكلەرگە ئالدىنى قىلىپ يۈزلىنىپ تۇرۇپ سالام بېرىش ۋە دۇئا قىلىش قەبرىنى زىيارەت قىلىشنىڭ ئەدەپلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى چىقىدۇ.

قەبرە زىيارىتىنى قىلىش جائىز بولغانىكەن، بۇنى ھېيت بايراملاردىمۇ قىلىشىمىز كېرەك. ئەمما يۇقىرىدا دېيىلگەندەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆرسەتكەن پرىنسىپلارغا دىققەت قىلغان ئاساستا قىلىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز لازىم.