ساقال ئالغاندا ئېنتايىن ئاز قان چىقسا قانداق بولىدۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكوم،

بىلمىگەننى سوراش نۇمۇس قىلدىغان ئىش ئەمەس. مەن بۇگۇن ئەتىگەن ئىشتىن كېلىپ ئۆزەمنىڭ روزدىدار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ ساقال ئاپتىمەن. شۇ جەريانىدا ئېھتىياتسىزلىقتىن ئازغىنا تېرەم سۈرلۈپ كېتىپ قالدى. شۇ چاغدا ئاندىن روزام ئېسمگە كېلىپ قاتتىق پۇشايمان قىلدىم. ئاخشاملىققا ئالسام بوپتىكەن دەپ ئىچىمدە ئويلاپ كەتتىم. لېكىن قان چىكىتچىلىك پەيدا بولۇپ قالدى. مەن دەرھال لۆڭگە بىلەن بېسىپ بىر ھازا تۇرسام توختاپ قالدى... لېكىن كۆڭلۈم بەك يېرىم. شەيتان ھەقىقەتەن ئىنسانلارنى يۇشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئازدۇرىدىكەن. مۇشۇنىڭغا بىر پىكىر بەرگەن بولساڭلار. مېنىڭ روزام قازا بولدىمۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆمەتلىك قېرىندىشىم

تەشۋىشلەنمەڭ، چۈنكى ساقال ئېلىش روزىنى سۇندۇرمايدۇ. روزىنى سۇندۇرىغان ئىشلار تۆۋەندىكىچە:

    1 -  قەستەن يېيىش.
    2 -  قەستەن ئىچىش.
    3 -  قەستەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇش.
    بۇ ئۈچ ئىشنىڭ بىرى بىلەن روزىسىنى سۇندۇرۋاتقانلارغا ھەم قازا ھەم كاپارەت كېلىدۇ.
    4 -  بۇرۇن، كۆز، قۇلاق ۋە تەرەت يوللىرى قاتارلىق يەرلەرگە دورا تېمىتىش ئارقىلىق قۇرساققا سۇيۇقلۇق بىر نەرسىنىڭ يىتىپ بېرىشى.
    5 -  تاھارەت ئالغاندا ياكى باشقا ئەھۋالدا ئېغىز  -  بۇرنىنى چايقاش جەريانىدا گالدىن سۇ ئۆتۈپ كىتىشى.
    6 -  ئايال كىشىگە قاراش، تۇتۇش، سۆيۈش، ئانانىزىم ۋە شەھۋانى خىياللارنى قىلىشتەك ئىشلار بىلەن مەنى چىقىپ كېتىش.
    7 -  قەستەن قەي قىلىش.
    8 -  يېيىش، ئىچىش ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ بىرىنى مەجبۇرى ھالەتتە قىلىش.
    9 -  تېخى تاڭ ئاتمىدى دەپ ئويلاپ يەپ  -  ئىچكەندىن كىيىن تاڭ ئاتقانلىقىنىڭ ئاشكارا بولۇشى.
    10 -  ئېسىدە يوق يەپ ياكى ئېچىپ سېلىپ، ئېسىگە كەلگەندىن كېيىن روزىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلمەي يەپ ئېچىشنى داۋاملاشتۇرىۋېرىش.
    يۇقارقى يەتتە خىل ئىشلارنىڭ بىرى سادىر بولسا بىركۈنگە بىر كۈن قازاسى كىلىدۇ.

روزىغا ئالاقىدار مەلۇمالاتلار ئۈچۈن مۇنۇ تېمىنى كۆرۈپ چىقىڭ: http://www.uighurislam.net/read.php?tid-251.html