كېسەل سەۋەبلىك روزا تۇتالماسلىق

مەن كېسەل سەۋەبلىك تۇپەيلى رامىزان تۇتالمىدىم، بۇنىڭغا قانچىلىك كاپالەت كېلىدۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم!

بۇ مەسىلە قۇرئان كەرىمدە ناھايىتى ئېنىق بايان قىلىنغان؛

ئاللاھ تەئەلا قۇرئان كەرىمنىڭ بەقەرە سۈرىسىدە كېسەللەرگە ۋە يولۇچىلارغا روزا تۇتماسلىق رۇخسىتى بەرگەن بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە مۇنداق دەيدۇ:
«ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە روزا پەرز قىلىندى. بۇ، سىلەردىن بۇرۇنقى ئۈممەتلەرگىمۇ پەرز قىلىنغان. روزا تۇتۇپ تەقۋادار بولغايسىلەر».
« ساناقلىق كۈنلەردە روزا تۇتۇشۇڭلار پەرز قىلىندى. لېكىن سىلەردىن كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولغانلار، ۋاختىدا تۇتمىسا باشقا كۈنلەردە بىر كۈنگە بىر كۈن قازاسىنى تۇتسۇن. روزا تۇتقانلارنىڭ بىر فىديە، يەنى بىر مىسكىننىڭ تائامىنى بېرىشلىرى كېرەك. كىم ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئارتۇق بەرسە، ئۆزى ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئەگەر بىلىدىغان بولساڭلار روزا تۇتۇشۇڭلار سىلەر ئۈچۈن ئەڭ خەيرلىكتۇر».
«ئۇ ساناقلىق كۈنلەر، قۇرئان نازىل بولغان رامىزان ئېيىدۇر. ئۇ قۇرئان، ئىنسانلار ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە ھىدايەتنىڭ، فۇرقاننىڭ دەلىللىرىدۇر. سىلەردىن كىم بۇ ئايدا ھازىر بولسا، ئۇنىڭدا روزا تۇتسۇن. كىم كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ تۇتمىسا، باشقا كۈنلەردە بىر كۈنگە بىر كۈن قازاسىنى تۇتسۇن. اللە سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ. بۇ، ئۇ ساننى تاماملىشىڭلار، اللە سىلەرگە توغرا يولنى كۆرسەتكەنلىكى سەۋەبىدىن ئۇنى ئۇلۇغلىشىڭلار ۋە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن يولغا قويۇلدى».
(بەقەرە سۈرىسى، 183-185 - ئايەتلەر)


ئەگەر بىر كىشى روزىغا باشلىغاندىن كېيىن كېسەل بولۇپ قالسا، روزىسىنى سۇندۇرسا بولىدۇ. ئەگەر ساقىيىپ كەتسە بىر كۈنگە بىر كۈن قازاسىنى تۇتىدۇ. ساقىيالماي ئۆلۈپ كەتسە، قولىدىن كېلىدىن ھېچقانداق ئىش يوق...

بۇ يەردە دىئابېت كېسەللىرى روزا تۇتامدۇ ياكى تۇتمامدۇ دېگەن بىر سوئالغىمۇ قىسقىچە جاۋاب بېرىش لازىم.
دىئابېت كېسەللىرىمۇ ئايەتتىكى «....لېكىن سىلەردىن كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولغانلار، ۋاختىدا تۇتمىسا باشقا كۈنلەردە بىر كۈنگە بىر كۈن قازاسىنى تۇتسۇن.» دېگەن ئىپادىدىكى «كېسەل»نىڭ قاتارىغا كىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ.
ئەگەر تۇتماسلىققا كۆڭلى رازى بولماي تۇتىمەن دەپ قالسا، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار، روزا تۇتۇپ، ئۇكۇل ئۇردۇرۇشقا توغرا كەلسە ئۇردۇرسا بولاۋېرىدۇ. چۈنكى داۋالىنىش ئۈچۈن ئۇكۇل ئۇردۇرۇشنىڭ روزىغا ھېچقانداق دەخلىسى يوق.
شۇنىڭدەك باشقا كېسەللەرمۇ روزىدار ھالەتلىرىدە ئۇكۇل ئۇردۇرسا روزىسىغا ھېچقانداق دەخلى يەتمەيدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا كېسەللەرنىڭ روزا تۇتماسلىقىغا رۇخسەت بېرىلگەن. شۇنداقتىىمۇ ئۆز ۋاختىدا تۇتۇشلىرى ئەۋزەلدۇر. يۇقىرىدىكى ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى بۇنى كۆرسىتىدۇ.