نىكاھ-تالاق ھەققىدە

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم؛

مېنىڭ بىر ئاغىنەم ئايالىنى ئۈچ تالاق قىلغان ئىدى. بەزىلەر ئۇنىڭ ئۆيىدە تاماق يىسەڭ ھارام بولىدۇ دەيدۇ. بۇنىڭغا جاۋاپ بەرگەن بولساڭلا.

سوئال:

مېنىڭ بىر ئاغىنەم ئايالىنى ئۈچ تالاق قىلغان ئىدى. بەزىلەر ئۇنىڭ ئۆيىدە تاماق يىسەڭ ھارام بولىدۇ دەيدۇ. بۇنىڭغا جاۋاپ بەرگەن بولساڭلا.

جاۋاب:

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم!

ئاۋال شۇنىڭ بىلىۋېلىشىمىز كېرەككى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ تەقدىرىنى ۋە كېلەچىكىنى ئويلاشماستىنلا يوقىلاڭ سەۋەپلەر تۈپەيلى ئاجرىشىپ، مىللەتنىڭ كېلەچىكىنى بەلگۈلەيدىغان ۋە پۈتۈن بارلىقىمىزنى ئۇلارنىڭ ياراملىق بىرەر يىگىت ياكى ئانا قىلىپ تەربىيلىنىشى ئۈچۈن سەرپ قىلىش ئۈچۈن بېغىشلاشقا تىگىشلىك بولغان ئەۋلادلارنىڭ روھسىز، مېھرى-شەپقەتسىز چوڭ بولۇشىغا سەۋەبچى بولۇشلىرى ناھايىتى ئەپسۇسكى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلىرىمىز ئارىسىدا ئادەتتىكى بىر ئىش بولۇپ قالدى. بۇ جەمىيتىمىزدە يامراك كەتكەن ئەڭ چوڭ كېسەللىكلەردىن بىرىدۇر. بۇ كېسەللىكنى داۋالاش ئۈچۈن ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشى زۆرۈردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدىمۇ، تالاقنىڭ ئاللاھ تەئالانىڭ نەزرىدىمۇ ئەڭ يامان كۆرىلىدىغان ھالال ئىشلاردىن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈلمەكتە. 

يەنە بىرى ئۇلۇغ كىتابىمىز قۇرئان كەرىم بىلەن ئۇنىڭ بايانى ماھىيىتىدىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆز ۋە تەتبىقاتلىرىدا ئەڭ تەفسىيلى بايان قىلىنغان ۋە ئەڭ سېستىمىلىق بىكىتىلگەن ھۆكۈملەرنىڭ ئەڭ بېشىدا نىكاھ ۋە تالاقنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتساق مۇبالىغە قىلغان بولمايمىز. ئەمما ناھايىتى ئەپسۇسكى بىز مۇسۇلمانلار ئاللاھ ۋە پەيغەمبىرى سىزىپ بەرگەن سىزىقتىن  چەتنەپ كەتكەن ئىشلارنىڭ بېشىدا ناھايىتى ئەپسۇسكى يەنە نىكاھ ۋە تالاق ھۆكۈملىرى كەلمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ نىكاھ ئىشلىرىمىز، نىكاھتا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان شەرتلەر، تويلۇق، توي ئىشلىرى ۋە ھاكەزالار قۇرئان ۋە سۈننەت سىزىقىدىن قانچىلىق يېراق بولىۋاتقان بولسا، تالاق مەسىلىسىمۇ شۇنداق. بەلكى تالاق مەسىلىسىدە ئاللاھ ۋە پەيغەمبىرى بەلگۈلەپ بەرگەن يول-يورۇقلاردا ئاساسەن زىت ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىمىزنى، ئۇ يول-يورۇقلاردىكى باسقۇچلارنى ئاساسەن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىمىزنى ئېيتىشقا بولىدۇ... نەتىجىدە جەمىيەتنى بەرپا قىلىدىغان ئائىلە قۇرۇلمىسى بىر مىنۇتلۇق ئاچچىقلىنىش نەتىجىسىدە يېقىلىدۇ، بالىلىرىمىز ئانىسىز ياكى دادىسىز، دىلى سۇنۇق، كۆزى ياش ھالەتكە مەھكۇم قىلىنىدۇ-دە ئۇلارنىڭ مېھرى-مۇھەببەتسىز چوڭ بولۇشىغا سەۋەب بولىمىز. ئاندىن پۇشايماننى ئالىدىغانغا قاچا تاپالماي يېنىشىۋېلىش ئۈچۈن باھانە ئىزدەشكە باشلايمىز...

دىنىمىزغا ئاساسەن نىكاھنىڭ قانداق بولۇشى لازىملىقىنى بىلمەستىن، ئۆگەنمەسىتىن توي قىلغاندىن سىرت، تالاقنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى، قانداق بولغاندا ئاللاھ ۋە پەيغەمبىرى بەلگۈلەپ بەرگەن بويىچە بولىدىغانلىقى يەنى توغرا ۋە كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ توغرا مەلۇماتقا ئىگە بولمىغانلىقىمىز ۋە توغرا مەلۇماتلىق بولۇشقا ئادەتتە كۈندىلىك تۇرمۇشتا مەلۇم بىر تاماقنى قانداق ئېتىش توغرىسىدا ئىزدەنگىنىمىزچىلىك ئىزدەنمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن مۇشۇنداق يامان ئاقىبەتلەرگە دۇچار بولىمىز ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە كۆپىنچە خاتا بولغان ھۆكۈم ياكى پەتىۋالار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ...

گەپ سەل ئۇزىراپ كەتتى، شۇنداقتىمۇ ئەمدى سىزنىڭ سوئالىڭىزنىڭ جاۋابىغا كەلسەك، بىر دوستىڭىزنىڭ ئايالىنى ئۈچ تالاق قىلىۋېتىش بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىدىن تاماق يېگىلى بولۇش-بولماسلىق ئارىسىدا ھېچقانداق مۇناسىۋەت يوق. يەنى ئاغىنىڭىزنىڭ ئايالىنى قانداق شەرت-شارائىتلار ئاستىدە ۋە ئاللاھنىڭ نەزىرىدە كۈچكە ئىگە قانداق سەۋەپلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ تالاق قىلغانلىقىنى بىلمەيمىز. ئەمما سىز ئۇنىڭ ئۆيىدە تالاقتىن بۇرۇن قانداق تاماق يېگەن بولسىڭىز، تالاقتىن كېيىنمۇ تاماق يېڭىسىز بولاۋېرىدۇ. ئەلۋەتتە يەيدىغان تاماقنىڭ ھالال بولۇشىغا دىققەت قىلىش شەرتى بىلەن!

ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللاھتۇر.