ئاشخانىدا تاماق يىسە بولامدۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۆم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھ

بىزنىڭ مەھەللىدە بىر مۇسۇلمانلرا ئاشىخانىسى بولۇپ، ئاشخانا ېىنىدىكى دەرەخزارلىقتا قاتار ئورۇندۇقلاربار، بۇ يەردە دائىم مەھەللىدىكى قېرى بۇۋايلىرىمىز ئولتۇرىدۇ. ئۇلار ھەرتېمىدا  پاراڭلىشىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاشىخانىنىڭ تامىقىنى يېسە بولمايدۇ (ھارامغا يېقىن) دېگىىننى ئاڭلاپ تۇرىمەن. بۇنىڭغا جاۋاپ بەركەن بولساڭلار؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم

بۇۋايلارنىڭ "مەزكۇر ئاشخانىدىن تاماق يېسە بولمايدۇ" دېيىشلىرىنىڭ سەۋەبىنى سىز ئېيتمىغان ئىكەنسىز بۇ ھەقتە ئۇنداق ياكى مۇنداق دەپ بىر نەرسە دېيەلمەيمىز. ئەمما ئۇمۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ئاشخانىدىن تاماق يېيىش مەسىلىسىگە كەلگەندە پرىنسىپ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئاشخانىدىن تاماق يىگىلى بولىدۇ. ئەمما ئاشخانىدا ئىستېمال قىلىنىدىغان گۆشنىڭ ھالال بولۇپ بولماسلىقى، تاماقنىڭ پاكىز – بولۇپ بولماسلىقى دېگەندەك مەسىلىلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە شۇنى بىلىۋېلىش كېرەككى، ھەر قانچە پاكىز ئاشخانىمۇ ئۆز ئۆيىڭىزنىڭ تامىقىدەك پاكىز ۋە شۈبھىسىز بولمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئاشخانا ئىگىسى ياكى خوجايىنى ھەرقانچە پاكىز مۇسۇلمان بولۇپ كەتكەن ۋە ئىشچىلىرىنى داۋاملىق كونترول قىلىپ تۇرىدىغان بولسىمۇ نەتىجىدە مائاشلىق ئىشچى ئىشلىتىدىغان بولغاچقا ئۇ ئىشچىلارنىڭ پاكىزلىققا ئۇنچىۋالا دىققەت قىلىدىغانلىقىغا بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشخانا-رېستورانلاردا ھەر خىل پاراڭلار بولۇپ تۇرىدۇ. غەيۋەت شىكايەتلەر بولۇشى ۋە ئۇنى توسۇشقا سىزنىڭ كۈچىڭىز يەتمەسلىكى مۇمكىن...

بۇ ھەقتە مېنىڭ بېشىمدىن مۇنداق بىر تەجرىبە ئۆتكەن: بىر نەچچە ھەر ئەتتىگەندە سىرتقا تەنتەربىيەگە چىققانتىم، تەنتەربىيەدىن كېيىن مەلۇم بىر ئاشخانىدا ناشتا قىلاتتىم. بىر كۈنى باشتىلىق كۈتۈپ ئولتۇرسام خېمىر يۇغىرىۋاتقان بىر ياش خادىم ئالاھىزەل بىر ئىككى كىلو خېمىرنى يەرگە چۈشۈرىۋاتتى-دە ئەتراپقا بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كېيىن ھېچكىمنىڭ كۆرمىگەنلىكىنى گۇمان قىلىپ ھەپۇل-تۇپۇل سىمىنۇت ئۈستىگە چۈشۈپ كەتكەن ھېلىقى خېمىرنى داسنىڭ ئىچىدى تاشلىدى ۋە ھېچ ئىش بولمىغاندەك خېمىر يۇغۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى... شۇنىڭ بىلەن مەن ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ چىقىپ كەتتىم ۋە ئىككىنچى ئۇ ئاشخانىغا كىرمىگەندىن سىرت شۇنداق تىپتىكى ئاشخانىلارغا كىرىپ قېلىشتىنمۇ ئېھتىيات قىلىدىغان بولدۇم...

شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بىر قىسىم تەقۋادارلار ئاسانلىقچە ئاشخانا ۋە رېستورانغا ئوخشاش كۆپچىلىك تاماق يەيدىغان جايلاردا تاماق يېيىشنى خۇپ كۆرمەيدۇ ۋە ئۆزلىرىمۇ ئاسانلىقچە ئۇنداق جايلاردا تاماق يېمەيدۇ.

خولاسە قىلىپ ئېيتقاندا ھالال يېمەكلىك ساتىدىغان مۇسۇلمان ئئاشخانىلىرىدىن تاماق يېيىش ھارام دەپ كېسىپ ئېيتىشقا بولمايدۇ. ئەمما ئاشخانىدا ئىسلامىيەتكە زىت بولغان ئشىلار بولسا ياكى ھارام يېمەكلىكلەر سېتىلىدىغان بولسا بۇ ۋاختىدا ئۇ ھۆكۈمنى تەرەددۈتسىز ھالدا بەرگىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇمكىن قەدەر تاماقنى ئۆيدە يېيىشكە ئەھمىيەت بەرسەك ياخشى. بۇنداق بولغاندا ھەم پاكىزلىققا دىققەت قىلغىلى بولىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئائىلە ئىچىدە ئىللىقلىقنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب!

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم بۇۋايلارنىڭ "مەزكۇر ئاشخانىدىن تاماق يېسە بولمايدۇ" دېيىشلىرىنىڭ سەۋەبىنى سىز ئېيتمىغان ئىكەنسىز بۇ ھەقتە ئۇنداق ياكى مۇنداق دەپ بىر نەرسە دېيەلمەيمىز. ئەمما ئۇمۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ئاشخانىدىن تاماق يېيىش مەسىلىسىگە كەلگەندە پرىنسىپ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئاشخانىدىن تاماق يىگىلى بولىدۇ. ئەمما ئاشخانىدا ئىستېمال قىلىنىدىغان گۆشنىڭ ھالال بولۇپ بولماسلىقى، تاماقنىڭ پاكىز – بولۇپ بولماسلىقى دېگەندەك مەسىلىلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە شۇنى بىلىۋېلىش كېرەككى، ھەر قانچە پاكىز ئاشخانىمۇ ئۆز ئۆيىڭىزنىڭ تامىقىدەك پاكىز ۋە شۈبھىسىز بولمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئاشخانا ئىگىسى ياكى خوجايىنى ھەرقانچە پاكىز مۇسۇلمان بولۇپ كەتكەن ۋە ئىشچىلىرىنى داۋاملىق كونترول قىلىپ تۇرىدىغان بولسىمۇ نەتىجىدە مائاشلىق ئىشچى ئىشلىتىدىغان بولغاچقا ئۇ ئىشچىلارنىڭ پاكىزلىققا ئۇنچىۋالا دىققەت قىلىدىغانلىقىغا بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشخانا-رېستورانلاردا ھەر خىل پاراڭلار بولۇپ تۇرىدۇ. غەيۋەت شىكايەتلەر بولۇشى ۋە ئۇنى توسۇشقا سىزنىڭ كۈچىڭىز يەتمەسلىكى مۇمكىن... بۇ ھەقتە مېنىڭ بېشىمدىن مۇنداق بىر تەجرىبە ئۆتكەن: بىر نەچچە ھەر ئەتتىگەندە سىرتقا تەنتەربىيەگە چىققانتىم، تەنتەربىيەدىن كېيىن مەلۇم بىر ئاشخانىدا ناشتا قىلاتتىم. بىر كۈنى باشتىلىق كۈتۈپ ئولتۇرسام خېمىر يۇغىرىۋاتقان بىر ياش خادىم ئالاھىزەل بىر ئىككى كىلو خېمىرنى يەرگە چۈشۈرىۋاتتى-دە ئەتراپقا بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كېيىن ھېچكىمنىڭ كۆرمىگەنلىكىنى گۇمان قىلىپ ھەپۇل-تۇپۇل سىمىنۇت ئۈستىگە چۈشۈپ كەتكەن ھېلىقى خېمىرنى داسنىڭ ئىچىدى تاشلىدى ۋە ھېچ ئىش بولمىغاندەك خېمىر يۇغۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى... شۇنىڭ بىلەن مەن ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ چىقىپ كەتتىم ۋە ئىككىنچى ئۇ ئاشخانىغا كىرمىگەندىن سىرت شۇنداق تىپتىكى ئاشخانىلارغا كىرىپ قېلىشتىنمۇ ئېھتىيات قىلىدىغان بولدۇم... شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بىر قىسىم تەقۋادارلار ئاسانلىقچە ئاشخانا ۋە رېستورانغا ئوخشاش كۆپچىلىك تاماق يەيدىغان جايلاردا تاماق يېيىشنى خۇپ كۆرمەيدۇ ۋە ئۆزلىرىمۇ ئاسانلىقچە ئۇنداق جايلاردا تاماق يېمەيدۇ. خولاسە قىلىپ ئېيتقاندا ھالال يېمەكلىك ساتىدىغان مۇسۇلمان ئئاشخانىلىرىدىن تاماق يېيىش ھارام دەپ كېسىپ ئېيتىشقا بولمايدۇ. ئەمما ئاشخانىدا ئىسلامىيەتكە زىت بولغان ئشىلار بولسا ياكى ھارام يېمەكلىكلەر سېتىلىدىغان بولسا بۇ ۋاختىدا ئۇ ھۆكۈمنى تەرەددۈتسىز ھالدا بەرگىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇمكىن قەدەر تاماقنى ئۆيدە يېيىشكە ئەھمىيەت بەرسەك ياخشى. بۇنداق بولغاندا ھەم پاكىزلىققا دىققەت قىلغىلى بولىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئائىلە ئىچىدە ئىللىقلىقنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب!