بۇ خىل ئەھۋالدا قانداق قىلىش كېرەك؟

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

يېقىندا بىر دوستۇم مەندىن ‹‹ بىزنىڭ ئىدارىنىڭ ئاشخانىسىدا بىر ئۇيغۇر، ئىككى خەنزۇ تاماق ئىتىدىكەن، گۆشنى ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئۇيغۇرنىڭ قېشىدىن ئەكىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاستدا بۇ ئاشغانىدىن تاماق يىسەم بۇلامدۇ›› دەپ سورىغان ئىدى. مەن دەمەللىققا جاۋاپ بىرەلمەي قالدىم... ئۇستازلارنىڭ بۇ توغۇرلۇق جاۋاپ بىرشىنى ئۈمۈد قىىلىمەن!

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم

 بۇنداق ئەھۋالدا ئۆلچەم گۆشنى ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئۇيغۇرنىڭ قېشىدىن ئەكىلىدىغان بولۇپ بولمىغانلىقى بولماسلىقى كېرەك! ئۆلچەم يېمەك- ئىچمەكنىڭ ھالال بولۇپ بولماسلىقىدۇر. شۇڭا ئەگەر مەزكۇر ئىدارىدىن چىقىپ كېتىپ ئاشخانىدا تاماق ئېتىدىغانلار مۇسۇلمان ئاشپەزلەر بولغان باشقا بىر ئىدارىدا ئىش تېپىش ئىمكانىيىتى بولسا، چىقىپ كەتكىنى تۈزۈك. ئەمما ئۇنداق ئىمكانىيەت بولمىسا، تاماقتا ئىشلىتىلگەن گۆش-ياغلارنىڭ ھالال بولۇپ بولمىغانلىقىغا قاراپ ھەرىكەت قىلسۇن؛ ئەگەر ئىشلىتىلگەن ماتىرىياللار ھالال بولسا، پاكىزلىققا دىققەت قىلىنسا، ئۇ مۇسۇلمان قېرىندىشىمىز ئۇ ئىدارىنىڭ ئاشخانىسىدىن تاماق يېسۇن، ئۇنداق بولمىسا، قەتئىي ھالدا تاماق يېمىسۇن! چۈنكى مۇسۇلمان ئۈچۈن يېمەك - ئىچمەكنىڭ ھالالدىن بولۇشى ھەممىدىن مۇھىمدۇر. بۇنىڭغا دىققەت قىلمىغان ۋاختىمىزدا قىلغان دۇئا-ئىبادەتلىرىمىز بىكارغا كېتىدىغان گەپ!

ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللاھتۇر.