ئېسىمنى ئوزگەرتىشنىڭ زۇرىيىتى بارمۇ؟

ئەسسالامۇئەلەيكۇم

 مېنىڭ سېڭلىمنىڭ ئىسمى مۇسلىمە ئىدى، تۇغۇلغىلى 6 ئاي بولدى . بەك تۇلا كېسەل بولىدۇ. تېخى ئەمدى 3 ئايلىق بولغاندەك تۇرىدۇ. كورگەن ھەممە ئادەم بالىنىڭ ئسمى ماس كەلمەپتۇ. ئوزگەرتىۋەتسە بالا ياخشى بوپ كېتىدۇ دىيېشىدۇ، بالا بەك كىچىك. داۋالاتساقمۇ پەقەت ياخشى بولمايۋاتىدۇ. شۇڭا ئۆيدىكىلەر ئىسىىمنى ئالماشتۇرىمىز دەيدۇ. بۇ قاراش توغرىمۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم!

ئاللاھ سىڭلىڭىزغا شىپالىق بەرسۇن، تېنىنى ساغلام، زېھنىنى ئوچۇق قىلسۇن، مۇسۇلماندەك تەربىيلەنگىلى ۋە ياشىغىلى نېسىپ قىلسۇن!
ھۆرمەت قېرىندىشىم! كېسەللىكنىڭ سەۋەبىنى تېپىش ۋە ئىلاجىنى قىلىشقا تىرىشىش دوختۇرلارنىڭ ئىشى،  ئاللاھ كۆرسەتكەن يول بىلەن سەۋەبىنى ئىزدەش بىزنىڭ مەجبۇرىيتىىمىز. ئەمما شۇنى بىلىۋېلىش كېرەككى ئىسىملار كېسەللىككە سەۋەب بولمايدۇ، بۇنداق قانداق تۈپتىن خاتا ۋە باتىلدۇر.

خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا سىڭلىڭىزغا ئاللاھ شىپا بەرسۇن، كېسەللىكنىڭ چوقۇم بىر سەۋەبى بولۇشى كېرەك، ئۇنى باشقا دوختۇرلارغا تەكشۈرتكۈزۈپ ساقايتىشنىڭ چارىسىنى ئىزدەش بىلەن بىرگە ئاللاھقا دۇئا قىلىڭلار ئەمما ئىسىمنى ئۆزگەرتمەڭلار، چۈنكى مۇسلىمە ئىسمى چىرايلىق ۋە مەنىلىك بىر ئىسىمدۇر. ئاللاھ مۇسۇلمان ئاياللارغا نەمۇنە بولىدىغان شەكىلدە ھايات كەچۈرگىلى نېسىپ قىلسۇن!
ئاللاھقا ئامانەت بولۇڭ!

ئسىم ھەققىدە مۇنۇ تېمىغىمۇ قاراپ بېقىڭ: ئىسىم ئۆزگەرتىش