سەيشەنبە كۈنى تىرناق ئېلىش چەكلىنەمدۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار

مەن مۇنداق بىر ئىشقا يولۇقتۇم، سەيشەنبە كۈنلۈكى دۇككاننى ئېچىپ بولۇپ تىرنىقىمنى ئېلىپ ئولتۇرغان ئىدىم، ئۇدۇلىمىزدىكى دۇككاندار خوشنىمىز (دادام دىمەتلىك كېلىدۇ) بۇ كۈندا تىرناق ئىلىشقا، يۇيۇنىشقا، نەغمە ناۋا- قىلىشقا (توي قىلىشقا) بولمايدۇ دېدى. مەن سەۋەبىنى سورىسام يول باشچىمىز مۇھەممەت مۇستاپا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دۈشەنبە كۈنىدە تۇغۇلۇپتىكەن، ئەمما ۋاپات بولغان ۋاقتى دۈشەنبە ياكى سەيشەنبە كۈنىگە توغرا كېلىدىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كۈندە يۇقىرىدا دېيىلگەندەك ئىشلارنى قىلىشقا بولمايدۇ دېدى.

 مۇشۇ توغرىدا قورئان ياكى ھەدىستە ئىشەنچلىك پاكىت بارمۇ؟ بولسا تەمىنلىگەن بولساڭلار، مەنمۇ بىلىپ قالسام، رەخمەت.