بىر نەۋرىلەر نىكاھلانسا بولامدۇ؟

بىر نەۋرىلەر نىكاھلانسا بولامدۇ؟ بۇ توغرىسىدا قۇرئاندا ۋە ھەدىستە قانداق كۆرسەتمىلەر بار؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم

سىز خاپا بولماي نىسا سۈرىسىنىڭ 23 ئايىتىنى ئەستايىدىللىق بىلەن بىر ئوقۇپ چىقىڭ:

سىلەرگە ئانىلىرىڭلارنى، قىزلىرىڭلارنى، ھەمشىرىلىرىڭلارنى، ئاتاڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنى، ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنى، قېرىندىشىڭلارنىڭ قىزلىرىنى، ھەمشىرەڭلارنىڭ قىزلىرىنى، سۈت ئانىلىرىڭلارنى، ئېمىلدەش ھەمشىرىڭلارنى، قېيىن ئاناڭلارنى، سىلەر بىر يەردە بولغان ئاياللىرىڭلارنىڭ (باشقا ئەردىن بولغان) ئۆيۈڭلاردا تەربىيىلەنگەن قىزلىرىنى (بۇ شەرت ئەمەس، ئۆيدە تەربىيىلەنمىگەن بولسىمۇ) ئېلىش ھارام قىلىندى. ئەگەر سىلەر ئۇلارنىڭ ئانىلىرى بىلەن بىر تۆشەكتە بولمىغان بولساڭلار، بۇ چاغدا ئۇلارنى ئالساڭلار ھېچ باك يوقتۇر، يەنە ئۆز پۇشتىڭلاردىن بولغان بالىلىرىڭلارنىڭ ئاياللىرىنى ئېلىشىڭلار ۋە ئىككى ھەمشىرىنى بىر ۋاقىتتا ئەمرىڭلاردا ساقلىشىڭلار ھارام قىلىندى. لېكىن ئۆتكەنكىلەر (يەنى جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلغىنىڭلار) ئەپۇ قىلىنىدۇ. اﷲ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلەرگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم قۇرئان كەرىمدە نىكاھلىنىش چەكلەنگەن كىشىلەر بەلگۈلەنگەن. بۇنىڭ تېشىدا نىكاھ چۈشىدىغان كىشىلەر بىلەن نىكاھلانغىلى بولىدۇ. لېكىن يېقىن تۇغقان بىلەن توي قىلىش قۇرئان - ھەدىستا چەكلەنمىگەن بولسىمۇ تىببى جەھەتتىن يېقىن توغقانلار بىلەن توي قىلىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.