ئابدۇجەلىل ئىسمى ھەققىدە

ئابدۇجەلىل ئىسمىنى بالامغا قويسام بولامدۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم

ئىسمىڭىز ئاللاھنىڭ 99 ئىسمى-سۈپەتلىرىدىن بىرى بولغان "ئەلجەلىيل" نىڭ ئالدىغا "قۇل" دېگەن قوشۇمچىنى قوشۇش ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان، چىرايلىق ۋە مەنىلىك بىر ئىسىمدۇر.

بۇ ئىسىم مۇنداق ئىزاھلانغان:

ﺋﻪﻟﺠﻪلىيل

تەرجىمىسى  : ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺳﯜﭘﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﮕﻪ
ئىزاھاتى: ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺳﯜﭘﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﻪﻟﻼﮪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺪﻩ، ﻳﻪﻧﻰ ﺟﯩﻤﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﺍﺗﺘﯩﻦ، ﺳﯜﭘﻪﺕ، ﺋﯩﺴﯩﻢ ﯞﻩ ﺋﯩﺶ –ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺯﺍﺗﺘﯘﺭ . ﻗﻪﻟﺒﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯘﻕ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﺮﻯ، ﺳﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻚ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﯩﺪﯗﺭ . ﺑﯘﻳﺮﯗﺵ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﯘﺷﻘﺎ ﻻﻳﯩﻘﺘﯘﺭ. ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﻛﯚﺭﻩﻟﯩﺴﯩﻤﯘ ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﺘﻪ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯚﺯ ﺯﺍﺗﯩﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯜﭼﯩﺪﯗﺭ.

مەنبە: http://www.uighurislam.net/forum.php?mod=viewthread&tid=374&page=5&authorid=41

يەنە بىرى ئىماملار تىلغا ئالىدىغان ۋە ھەمزە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن دۈشمەنلەشكەن مۇشرىكنىڭ تەخەللۇسى ئابدۇجىلىل ئەمەس، "ئەبۇجەھىل". شۇڭا كىم نېمە دېسە دەۋەرسۇن، سىز ئاۋال ئىسمىڭىزنى توغرا تەلەففۇزىنى ئۆگىنىڭ، ئاندىن باشقا ئىسىملار بىلەن ئارىلاشتۇرىۋەتمەيسىز، شۇنداقلا ئىككىلىنىپ قالمايسىز...

خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا ئىسمىڭىزنىڭ مەنىسى ياخشى، شۇنداق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا ئۇمۇملاشقان دىنى كىملىكىمىزنى شۇنداق ياخشى ئىپادىلەپ بىرەلەيدىغان ئىسىملارنىڭ بىرى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىسىمنى ھەرگىز ئالماشتۇرماڭ...