2:31
وَعَلَّمَ آدَمَ الْأَسْمَاءَ كُلَّهَا ثُمَّ عَرَضَهُمْ عَلَى الْمَلَائِكَةِ فَقَالَ أَنبِئُونِي بِأَسْمَاءِ هَٰؤُلَاءِ إِن كُنتُمْ صَادِقِينَ
ئاللاھ پۈتۈن شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ئادەمگە ئۆگەتتى، ئاندىن ئۇلارنى پەرىشتىلەرگە كۆرسىتىپ: «(خەلىپە بولۇشقا ئادەمگە قارىغاندا بىز ھەقلىق دەيدىغان قارشىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، بۇ شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار» دېدى
2:33
قَالَ يَا آدَمُ أَنبِئْهُم بِأَسْمَائِهِمْ ۖ فَلَمَّا أَنبَأَهُم بِأَسْمَائِهِمْ قَالَ أَلَمْ أَقُل لَّكُمْ إِنِّي أَعْلَمُ غَيْبَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَأَعْلَمُ مَا تُبْدُونَ وَمَا كُنتُمْ تَكْتُمُونَ
ئاللاھ: «ئى ئادەم! ئۇلارغا بۇ نەرسىلەرنىڭ ناملىرىنى ئېيتىپ بەرگىن» دېدى. ئادەم ئۇلارغا بۇ نەرسىلەرنىڭ ناملىرىنى ئېيتىپ بەرگەن چاغدا، ئاللاھ: «مەن سىلەرگە، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيبلەرنى ھەقىقەتەن بىلىپ تۇرىمەن، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىمەن، دېمىگەنمىدىم» دېدى
2:34
وَإِذْ قُلْنَا لِلْمَلَائِكَةِ اسْجُدُوا لِآدَمَ فَسَجَدُوا إِلَّا إِبْلِيسَ أَبَىٰ وَاسْتَكْبَرَ وَكَانَ مِنَ الْكَافِرِينَ
ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى، ئىبلىس (سەجدە قىلىشتىن) باش تارتتى، تەكەببۇرلۇق قىلدى، ئۇ كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى
2:35
وَقُلْنَا يَا آدَمُ اسْكُنْ أَنتَ وَزَوْجُكَ الْجَنَّةَ وَكُلَا مِنْهَا رَغَدًا حَيْثُ شِئْتُمَا وَلَا تَقْرَبَا هَٰذِهِ الشَّجَرَةَ فَتَكُونَا مِنَ الظَّالِمِينَ
بىز (ئادەمگە): «ئى ئادەم! سەن خوتۇنۇڭ (يەنى ھەۋۋا) بىلەن جەننەتتە تۇرۇڭلار! جەننەتتىكى نەرسىلەردىن خالىغىنىڭلارچە كەڭتاشا يەپ - ئىچىڭلار، بۇ دەرەخكە يېقىنلاشماڭلار (يەنى مېۋىسىدىن يېمەڭلار)، بولمىسا (ئۆزۈڭلارغا) زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالىسىلەر» دېدۇق
2:37
فَتَلَقَّىٰ آدَمُ مِن رَّبِّهِ كَلِمَاتٍ فَتَابَ عَلَيْهِ ۚ إِنَّهُ هُوَ التَّوَّابُ الرَّحِيمُ
ئادەم پەرۋەردىگارىدىن بىرقانچە سۆز تەلىم ئالدى (يەنى گۇناھىنىڭ كەچۈرۈلۈشى ئۈچۈن ئوقۇيدىغان دۇئا ئۇنىڭغا ئىلھام ئارقىلىق بىلدۈرۈلدى)، ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر
3:33
إِنَّ اللَّهَ اصْطَفَىٰ آدَمَ وَنُوحًا وَآلَ إِبْرَاهِيمَ وَآلَ عِمْرَانَ عَلَى الْعَالَمِينَ
ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادەمنى، نۇھنى، ئىبراھىم ئەۋلادىنى، ئىمران ئەۋلادىنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللاپ، (ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ زامانىدىكى) جاھان ئەھلىدىن ئارتۇق قىلدى
3:59
إِنَّ مَثَلَ عِيسَىٰ عِندَ اللَّهِ كَمَثَلِ آدَمَ ۖ خَلَقَهُ مِن تُرَابٍ ثُمَّ قَالَ لَهُ كُن فَيَكُونُ
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ نىڭ نەزىرىدە ئىسانىڭ مىسالى (ئۇ ئاتىسىز يارىتىلغانلىقتىن) ئادەمنىڭ (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ) مىسالىغا ئوخشايدۇ. ئادەمنى ئاللاھ (ئاتا - ئانىسىز) تۇپراقتىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا: «ۋۇجۇدقا كەل» دېدى - دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كەلدى (ئىسانىڭ ئىشى ئادەمنىڭ ئىشىدىن ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس)
5:27
وَاتْلُ عَلَيْهِمْ نَبَأَ ابْنَيْ آدَمَ بِالْحَقِّ إِذْ قَرَّبَا قُرْبَانًا فَتُقُبِّلَ مِنْ أَحَدِهِمَا وَلَمْ يُتَقَبَّلْ مِنَ الْآخَرِ قَالَ لَأَقْتُلَنَّكَ ۖ قَالَ إِنَّمَا يَتَقَبَّلُ اللَّهُ مِنَ الْمُتَّقِينَ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا (يەنى ئەھلى كىتابقا ۋە قەۋمڭگە) ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى (يەنى ھابىل بىلەن قابىل) نىڭ ھېكايىسىنى راستلىق بىلەن ئوقۇپ بەرگىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار (يەنى ھابىل بىلەن قابىل) ئىككىيلەن قۇربانلىق قىلغان ئىدى. بىرسى (يەنى ھابىل) نىڭ قوبۇل بولدى، يەنە بىرسى (يەنى قابىل) نىڭ قوبۇل بولمىدى. (قابىل ھابىلغا) «مەن سېنى چوقۇم ئۆلتۈرىمەن» دېدى، ھابىل نېمىشقا دېۋىدى، قابىل: «ئاللاھ سېنىڭ قۇربانلىقىڭنى قوبۇل قىلىپ، مېنىڭكىنى قوبۇل قىلمىدى» دېدى. (ھابىل) ئېيتتى: «ئاللاھ پەقەت تەقۋادارلارنىڭ (قۇربانلىقىنى) قوبۇل قىلىدۇ»
7:11
وَلَقَدْ خَلَقْنَاكُمْ ثُمَّ صَوَّرْنَاكُمْ ثُمَّ قُلْنَا لِلْمَلَائِكَةِ اسْجُدُوا لِآدَمَ فَسَجَدُوا إِلَّا إِبْلِيسَ لَمْ يَكُن مِّنَ السَّاجِدِينَ
شۈبھىسىزكى بىز سىلەرنى ياراتتۇق، ئاندىن سىلەرنى شەكىلگە كىرگۈزدۇق، ئاندىن پەرىشتىلەرگە: “سىلەر ئادەمگە (ھۆرمەت بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن) سەجدە قىلىڭلار›› دېدۇق، ئىبلىستىن باشقىسى سەجدە قىلدى. ئۇ سەجدە قىلغۇچىلاردىن بولمىدى
7:19
وَيَا آدَمُ اسْكُنْ أَنتَ وَزَوْجُكَ الْجَنَّةَ فَكُلَا مِنْ حَيْثُ شِئْتُمَا وَلَا تَقْرَبَا هَٰذِهِ الشَّجَرَةَ فَتَكُونَا مِنَ الظَّالِمِينَ
‹‹ئى ئادەم! سەن ئايالىڭ بىلەن ئىككىڭلار بىللە جەننەتتە تۇرۇڭلار، جەننەتنىڭ مېۋىلىرىدىن خالىغىنىڭلارچە يەڭلار، بۇ دەرەخكە يېقىنلاشماڭلار، (ئۇنىڭغا يېقىنلاشساڭلار) زالىملاردىن بولۇپ قالىسىلەر››
7:26
يَا بَنِي آدَمَ قَدْ أَنزَلْنَا عَلَيْكُمْ لِبَاسًا يُوَارِي سَوْآتِكُمْ وَرِيشًا ۖ وَلِبَاسُ التَّقْوَىٰ ذَٰلِكَ خَيْرٌ ۚ ذَٰلِكَ مِنْ آيَاتِ اللَّهِ لَعَلَّهُمْ يَذَّكَّرُونَ
ئى ئادەم بالىلىرى! سىلەرگە بىز ھەقىقەتەن ئەۋرىتىڭلارنى ياپىدىغان لىباسنى ۋە زىننەتلىنىدىغان لىباسنى چۈشۈردۇق، تەقۋادارلىق لىباسى ئەڭ ياخشىدۇر، ئەنە شۇلار (يەنى ئىنسان بالىلىرىغا سەترى ئەۋرەت ئۈچۈن لىباس ياراتماق) ئۇلارنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن ئاللاھ نىڭ (بەندىلىرىگە بولغان پەزلى - مەرھەمىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر
7:27
يَا بَنِي آدَمَ لَا يَفْتِنَنَّكُمُ الشَّيْطَانُ كَمَا أَخْرَجَ أَبَوَيْكُم مِّنَ الْجَنَّةِ يَنزِعُ عَنْهُمَا لِبَاسَهُمَا لِيُرِيَهُمَا سَوْآتِهِمَا ۗ إِنَّهُ يَرَاكُمْ هُوَ وَقَبِيلُهُ مِنْ حَيْثُ لَا تَرَوْنَهُمْ ۗ إِنَّا جَعَلْنَا الشَّيَاطِينَ أَوْلِيَاءَ لِلَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ
ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتان سىلەرنىڭ ئاتا - ئاناڭلارنى (ئازدۇرۇپ) جەننەتتىن چىقىرىۋەتكەندەك، سىلەرنىمۇ ئازدۇرمىسۇن، شەيتان ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرىنى ئۆزلىرىگە كۆرسىتىش ئۈچۈن كىيىملىرىنى سالغۇزۇۋەتكەن ئىدى (يەنى ئۇلارنىڭ يالىڭاچ بولۇپ قېلىشىغا شەيتان سەۋەبچى بولغان ئىدى). شەيتان ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى سىلەرنى كۆرەلەيدۇ، سىلەر ئۇلارنى كۆرەلمەيسىلەر، شۈبھىسىزكى، بىز شەيتانلارنى ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ دوستى قىلدۇق
7:31
يَا بَنِي آدَمَ خُذُوا زِينَتَكُمْ عِندَ كُلِّ مَسْجِدٍ وَكُلُوا وَاشْرَبُوا وَلَا تُسْرِفُوا ۚ إِنَّهُ لَا يُحِبُّ الْمُسْرِفِينَ
ئى ئادەم بالىلىرى! ھەر ناماز ۋاقتىدا (ياكى تاۋاپ ۋاقتىدا ئەۋرىتىڭلارنى سەترى قىلىپ تۇرىدىغان) كىيىمىڭلارنى كىيىڭلار، يەڭلار، ئىچىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار، ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن ياقتۇرمايدۇ
7:35
يَا بَنِي آدَمَ إِمَّا يَأْتِيَنَّكُمْ رُسُلٌ مِّنكُمْ يَقُصُّونَ عَلَيْكُمْ آيَاتِي ۙ فَمَنِ اتَّقَىٰ وَأَصْلَحَ فَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
ئى ئادەم بالىلىرى! ئىچىڭلاردىن مېنىڭ ئايەتلىرىمنى سىلەرگە بايان بېرىدىغان پەيغەمبەرلىرىم كەلگەندە، تەقۋادارلىق قىلغان ۋە (ئەمەلىنى) تۈزەتكەنلەرگە (كەلگۈسىدىن) غەم قىلىش، (كەتكەنگە) قايغۇرۇش يوقتۇر
7:172
وَإِذْ أَخَذَ رَبُّكَ مِن بَنِي آدَمَ مِن ظُهُورِهِمْ ذُرِّيَّتَهُمْ وَأَشْهَدَهُمْ عَلَىٰ أَنفُسِهِمْ أَلَسْتُ بِرَبِّكُمْ ۖ قَالُوا بَلَىٰ ۛ شَهِدْنَا ۛ أَن تَقُولُوا يَوْمَ الْقِيَامَةِ إِنَّا كُنَّا عَنْ هَٰذَا غَافِلِينَ
ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ ئادەم باللىرىنى (يەنى نەسلىنى) ئۇلارنىڭ (ئاتىلىرىنىڭ) پۇشتىدىن چىقاردى ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە گۇۋاھ قىلىپ: «مەن سىلەرنىڭ پەرۋەدىگارىڭلار ئەمەسمۇ؟» دېدى (يەنى ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئىكەنلىكىگە ۋە بىرلىكىگە ئادەم بالىلىرىنى ئىقرار قىلدۇردى، ئۇلار ئىقرار قىلىپ بۇنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى). ئۇلار: «ھەئە، سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇرسەن، گۇۋاھلىق بەردۇق» دېدى. (ئۇلارنى گۇۋاھلىق بەرگۈزگەنلىكىمىز) قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ: «بىز بۇنىڭدىن غەپلەتتە قالغان ئىكەنمىز» دېمەسلىكلىرى، ياكى «ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى (ساڭا بۇتلارنى) شېرىك كەلتۈرگەن ئىدى، بىزنىڭ پەقەت ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ قالغان يېرىمىز بار (يەنى بىزنىڭ ئۆزرىمىز بار) گۇمراھلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن؟» دېمەسلىكلىرى ئۈچۈندۇر
17:61
وَإِذْ قُلْنَا لِلْمَلَائِكَةِ اسْجُدُوا لِآدَمَ فَسَجَدُوا إِلَّا إِبْلِيسَ قَالَ أَأَسْجُدُ لِمَنْ خَلَقْتَ طِينًا
ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار‍‌‍!» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى. ئىبلىس: «سەن لايدىن ياراتقانغا سەجدە قىلامدىمەن؟» دېدى
17:70
وَلَقَدْ كَرَّمْنَا بَنِي آدَمَ وَحَمَلْنَاهُمْ فِي الْبَرِّ وَالْبَحْرِ وَرَزَقْنَاهُم مِّنَ الطَّيِّبَاتِ وَفَضَّلْنَاهُمْ عَلَىٰ كَثِيرٍ مِّمَّنْ خَلَقْنَا تَفْضِيلًا
شەك - شۈبھىسىزكى، بىز ئادەم بالىلىرىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق، ئۇلارنى قۇرۇقلۇقتا (ئۇلۇغلارغا) مىندۇردۇق، دېڭىزدا (كېمىلەرگە) چىقاردۇق، ئۇلارنى شېرىن يېمەكلىكلەر بىلەن رىزىقلاندۇردۇق، ئۇلارنى مەخلۇقاتلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنىدىن ئۈستۈن قىلدۇق
18:50
وَإِذْ قُلْنَا لِلْمَلَائِكَةِ اسْجُدُوا لِآدَمَ فَسَجَدُوا إِلَّا إِبْلِيسَ كَانَ مِنَ الْجِنِّ فَفَسَقَ عَنْ أَمْرِ رَبِّهِ ۗ أَفَتَتَّخِذُونَهُ وَذُرِّيَّتَهُ أَوْلِيَاءَ مِن دُونِي وَهُمْ لَكُمْ عَدُوٌّ ۚ بِئْسَ لِلظَّالِمِينَ بَدَلًا
ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى، ئىبلىس جىنلاردىن ئىدى. شۇڭا ئۈ پەرۋەردىگارىنىڭ ئىتائىتىدىن چىقتى. مېنى قويۇپ ئىبلىسنى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىنى دوست قىلىۋالامسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇلار سىلەرگە دۈشمەندۇر، ئىبلىس زالىملار ئۈچۈن نېمىدېگەن يامان بەدەل! (يەنى ئاللاھ قا ئىبادەت قىلىشنىڭ ئورنىغا شەيتانغا چوقۇنۇش نېمىدېگەن يامان!)
19:58
أُولَٰئِكَ الَّذِينَ أَنْعَمَ اللَّهُ عَلَيْهِم مِّنَ النَّبِيِّينَ مِن ذُرِّيَّةِ آدَمَ وَمِمَّنْ حَمَلْنَا مَعَ نُوحٍ وَمِن ذُرِّيَّةِ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْرَائِيلَ وَمِمَّنْ هَدَيْنَا وَاجْتَبَيْنَا ۚ إِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ آيَاتُ الرَّحْمَٰنِ خَرُّوا سُجَّدًا وَبُكِيًّا ۩
ئاللاھ نىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەن ئەنە شۇ پەيغەمبەرلەر ئادەم (ئەلەيھىسسالام) نىڭ نەسلىدىندۇر، بىز نۇھ بىلەن بىللە كېمىگە سالغانلارنىڭ نەسلىدىندۇر، ئىبراھىمنىڭ نەسلىدىندۇر، ئىسرائىل (يەنى يەئقۇب ئەلەيھىسسالام) نىڭ نەسلىدىندۇر، بىز (ئىمانغا) ھىدايەت قىلغان، (پەيغەمبەرلىككە) تاللىغانلاردىندۇر، ئۇلارغا مەرھەمەتلىك ئاللاھ نىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا سەجدە قىلغان ۋە يىغلىغان ھالدا (زېمىنغا) يىقىلىدۇ
20:115
وَلَقَدْ عَهِدْنَا إِلَىٰ آدَمَ مِن قَبْلُ فَنَسِيَ وَلَمْ نَجِدْ لَهُ عَزْمًا
بىز ئىلگىرى ئادەمگە (دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېمەسلىكنى) تەۋسىيە قىلدۇق، ئۇ (بۇ تەۋسىيەنى) يادىدىن چىقاردى، ئۇنىڭدا ھېچقانداق چىڭ ئىرادە كۆرمىدۇق
20:116
وَإِذْ قُلْنَا لِلْمَلَائِكَةِ اسْجُدُوا لِآدَمَ فَسَجَدُوا إِلَّا إِبْلِيسَ أَبَىٰ
ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا) سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقىسى سەجدە قىلدى، ئۇ (سەجدە قىلىشتىن) باش تارتتى
20:117
فَقُلْنَا يَا آدَمُ إِنَّ هَٰذَا عَدُوٌّ لَّكَ وَلِزَوْجِكَ فَلَا يُخْرِجَنَّكُمَا مِنَ الْجَنَّةِ فَتَشْقَىٰ
بىز دېدۇق: «ئى ئادەم! بۇ ھەقىقەتەن سېنىڭ دۈشمىنىڭدۇر، خوتۇنۇڭنىڭ دۈشمىنىدۇر ئۇ سىلەر ئىككىڭلارنىڭ جەننەتتىن چىقىپ كېتىشىڭلارغا سەۋەبچى بولۇپ قالمىسۇن، (ئۇ چاغدا) سىلەر جاپا مۇشەققەتتە قالىسىلەر
20:120
فَوَسْوَسَ إِلَيْهِ الشَّيْطَانُ قَالَ يَا آدَمُ هَلْ أَدُلُّكَ عَلَىٰ شَجَرَةِ الْخُلْدِ وَمُلْكٍ لَّا يَبْلَىٰ
شەيتان ئۇنىڭغا ۋەسۋەسە قىلىپ: «ئى ئادەم! ساڭا (مەن يېگەن ئادەم) ئۆلمەيدىغان دەرەخنى ۋە زاۋال تاپماس پادىشاھلىقنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟» دېدى
20:121
فَأَكَلَا مِنْهَا فَبَدَتْ لَهُمَا سَوْآتُهُمَا وَطَفِقَا يَخْصِفَانِ عَلَيْهِمَا مِن وَرَقِ الْجَنَّةِ ۚ وَعَصَىٰ آدَمُ رَبَّهُ فَغَوَىٰ
ئۇلار ئۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرى ئېچىلىپ قالدى، ئۇلار جەننەت (دەرەخلىرىنىڭ) يوپۇرماقلىرى بىلەن سەترى ئەۋرەت قىلىشقا كىرىشتى، ئادەم پەرۋەردىگارىنىڭ (ئەمرىگە) خىلاپلىق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئازدى
36:60
أَلَمْ أَعْهَدْ إِلَيْكُمْ يَا بَنِي آدَمَ أَن لَّا تَعْبُدُوا الشَّيْطَانَ ۖ إِنَّهُ لَكُمْ عَدُوٌّ مُّبِينٌ
سىلەرگە (پەيغەمبەرلىرىم ئارقىلىق): «ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتانغا چوقۇنماڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر» دەپ تەۋسىيە قىلمىدىممۇ؟