5:27
وَاتْلُ عَلَيْهِمْ نَبَأَ ابْنَيْ آدَمَ بِالْحَقِّ إِذْ قَرَّبَا قُرْبَانًا فَتُقُبِّلَ مِنْ أَحَدِهِمَا وَلَمْ يُتَقَبَّلْ مِنَ الْآخَرِ قَالَ لَأَقْتُلَنَّكَ ۖ قَالَ إِنَّمَا يَتَقَبَّلُ اللَّهُ مِنَ الْمُتَّقِينَ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا (يەنى ئەھلى كىتابقا ۋە قەۋمڭگە) ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى (يەنى ھابىل بىلەن قابىل) نىڭ ھېكايىسىنى راستلىق بىلەن ئوقۇپ بەرگىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار (يەنى ھابىل بىلەن قابىل) ئىككىيلەن قۇربانلىق قىلغان ئىدى. بىرسى (يەنى ھابىل) نىڭ قوبۇل بولدى، يەنە بىرسى (يەنى قابىل) نىڭ قوبۇل بولمىدى. (قابىل ھابىلغا) «مەن سېنى چوقۇم ئۆلتۈرىمەن» دېدى، ھابىل نېمىشقا دېۋىدى، قابىل: «ئاللاھ سېنىڭ قۇربانلىقىڭنى قوبۇل قىلىپ، مېنىڭكىنى قوبۇل قىلمىدى» دېدى. (ھابىل) ئېيتتى: «ئاللاھ پەقەت تەقۋادارلارنىڭ (قۇربانلىقىنى) قوبۇل قىلىدۇ»
12:36
وَدَخَلَ مَعَهُ السِّجْنَ فَتَيَانِ ۖ قَالَ أَحَدُهُمَا إِنِّي أَرَانِي أَعْصِرُ خَمْرًا ۖ وَقَالَ الْآخَرُ إِنِّي أَرَانِي أَحْمِلُ فَوْقَ رَأْسِي خُبْزًا تَأْكُلُ الطَّيْرُ مِنْهُ ۖ نَبِّئْنَا بِتَأْوِيلِهِ ۖ إِنَّا نَرَاكَ مِنَ الْمُحْسِنِينَ
زىندانغا يۇسۇف بىلەن ئىككى يىگىت بىللە كىرگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرى: «مەن چۈشۈمدە ئۆزۈمنى ھەقىقەتەن (ئۈزۈمدىن) ھاراق سىقىۋاتقان كۆرۈپتىمەن» دېدى. ئىككىنچىسى: «مەن چۈشۈمدە ئۆزۈمنى ھەقىقەتەن بېشىمدا نان كۆتۈرۈپ تۇرغان، ناننى قۇشلار يەۋاتقان كۆرۈپتىمەن، تەبىرىنى بىزگە ئېيتىپ بەرسەڭ، بىز سېنى ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلغۇچىلاردىن (يەنى چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىغانلاردىن) دەپ قارايمىز» دېدى
16:76
وَضَرَبَ اللَّهُ مَثَلًا رَّجُلَيْنِ أَحَدُهُمَا أَبْكَمُ لَا يَقْدِرُ عَلَىٰ شَيْءٍ وَهُوَ كَلٌّ عَلَىٰ مَوْلَاهُ أَيْنَمَا يُوَجِّههُّ لَا يَأْتِ بِخَيْرٍ ۖ هَلْ يَسْتَوِي هُوَ وَمَن يَأْمُرُ بِالْعَدْلِ ۙ وَهُوَ عَلَىٰ صِرَاطٍ مُّسْتَقِيمٍ
ئاللاھ يەنە مۇنداق مىسال كەلتۈرىدۇ؛ مۇنداق ئىككى ئادەم بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى ھېچ ئىش قىلالمايدىغان ۋە ئىگىسىگە يۈك بولۇپ قالغان بىر گاچادۇركى، ئىگىسى بۇ گاچىنى مەيلى قەيەرگە ئەۋەتسۇن، ئۇ ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كېلەلمەيدۇ، يەنە بىرى بولسا ئۆزى توغرا يولدا ماڭغان ۋە (كىشىلەرنى) ھەققانىي بولۇشقا بۇيرۇيدىغان ئادەمدۇر، بۇ ئىككى ئادەم ئوخشاشمۇ؟ (يەنى بۇ گاچا بىلەن ئۆزى توغرا يولدا تۇرۇپ پاساھەتلىك سۆزلەيدىغان، ئۆزى قۇرئان نۇرى بىلەن نۇرلانغان ئادەم بىر - بىرىگە ئوخشامدۇ؟ ئەقىللىق ئادەمنىڭ ئۇلارنى ئوخشاش ئورۇنغا قويمىغىنىدەك، بۇت ۋە تاشنى ھەممىنى بىلگۈچى قۇدرەتلىك ئاللاھ بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويغىلى بولمايدۇ)
17:23
وَقَضَىٰ رَبُّكَ أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا إِيَّاهُ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا ۚ إِمَّا يَبْلُغَنَّ عِندَكَ الْكِبَرَ أَحَدُهُمَا أَوْ كِلَاهُمَا فَلَا تَقُل لَّهُمَا أُفٍّ وَلَا تَنْهَرْهُمَا وَقُل لَّهُمَا قَوْلًا كَرِيمًا
پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا - ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى، ئۇلارنىڭ بىرى، يا ئىككىلىسى سېنىڭ قول ئاستىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا ئوھوي دېمىگىن (يەنى مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن)، ئۇلارنى دۈشكەلىمىگىن، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن
18:32
وَاضْرِبْ لَهُم مَّثَلًا رَّجُلَيْنِ جَعَلْنَا لِأَحَدِهِمَا جَنَّتَيْنِ مِنْ أَعْنَابٍ وَحَفَفْنَاهُمَا بِنَخْلٍ وَجَعَلْنَا بَيْنَهُمَا زَرْعًا
ئۇلار (يەنى كەمبەغەللەرنى يېنىڭدىن قوغلىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان كاپىرلار) غا مۇنداق (بىرى مۆمىن، بىرى كاپىر بولغان) ئىككى ئادەمنى مىسال قىلىپ كەلتۈرگىن: ئۇلارنىڭ بىرىگە (يەنى كاپىرغا) بىز ئەتراپى خورمىزارلىق، (ئىككى باغنىڭ) ئوتتۇرىسى ئېكىنزارلىق بولغان تاللىق ئىككى باغ ئاتا قىلدۇق