2:228
وَالْمُطَلَّقَاتُ يَتَرَبَّصْنَ بِأَنفُسِهِنَّ ثَلَاثَةَ قُرُوءٍ ۚ وَلَا يَحِلُّ لَهُنَّ أَن يَكْتُمْنَ مَا خَلَقَ اللَّهُ فِي أَرْحَامِهِنَّ إِن كُنَّ يُؤْمِنَّ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ ۚ وَبُعُولَتُهُنَّ أَحَقُّ بِرَدِّهِنَّ فِي ذَٰلِكَ إِنْ أَرَادُوا إِصْلَاحًا ۚ وَلَهُنَّ مِثْلُ الَّذِي عَلَيْهِنَّ بِالْمَعْرُوفِ ۚ وَلِلرِّجَالِ عَلَيْهِنَّ دَرَجَةٌ ۗ وَاللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
تالاق قىلىنغان ئاياللار ئۈچ ھەيز ئۆتكۈچە ئىددەت تۇتىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئاللاھ قا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن، بەچچىدانلىرىدىكى ئاللاھ ياراتقان نەرسىنى (يەنى بالىنى ياكى ھەيزنى) يوشۇرۇشى دۇرۇس ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئەرلىرى ئەگەر ئەپلىشىپ قېلىشنى خالىسا، شۇ مۇددەت ئىچىدە ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېلىشكە (باشقىلارغا قارىغاندا) ئەڭ ھەقلىقتۇر. ئاياللىرى ئۈستىدە ئەرلەرنىڭ ھەقلىرى بولغىنىدەك، ئەرلىرى ئۈستىدە ئاياللارنىڭمۇ ھەقلىرى بار (يەنى ئاياللار مۇۋاپىق دەرىجىدە ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك، مۇۋاپىق دەرىجىدە مەجبۇرىيەتمۇ ئۆتىشى كېرەك). (ئاياللارغا مەھرى بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش مەجبۇرىيەتلىرى ئەرلەرگە يۈكلەنگەنلىكتىن) ئەرلەر ئاياللاردىن بىر دەرىجە ئارتۇقلۇققا ئىگە. ئاللاھ غالىبتۇر. ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
2:247
وَقَالَ لَهُمْ نَبِيُّهُمْ إِنَّ اللَّهَ قَدْ بَعَثَ لَكُمْ طَالُوتَ مَلِكًا ۚ قَالُوا أَنَّىٰ يَكُونُ لَهُ الْمُلْكُ عَلَيْنَا وَنَحْنُ أَحَقُّ بِالْمُلْكِ مِنْهُ وَلَمْ يُؤْتَ سَعَةً مِّنَ الْمَالِ ۚ قَالَ إِنَّ اللَّهَ اصْطَفَاهُ عَلَيْكُمْ وَزَادَهُ بَسْطَةً فِي الْعِلْمِ وَالْجِسْمِ ۖ وَاللَّهُ يُؤْتِي مُلْكَهُ مَن يَشَاءُ ۚ وَاللَّهُ وَاسِعٌ عَلِيمٌ
پەيغەمبىرى ئۇلارغا: «ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە تالۇتنى پادىشاھ قىلىپ ئەۋەتتى» دېدى. ئۇلار (پەيغەمبىرىگە ئېتىراز بىلدۈرۈپ): «ئۇ قانداقمۇ بىزگە پادىشاھ بولىدۇ. (ئارىمىزدا پادىشاھ ئەۋلاتلىرى بولغانلىقتىن) پادىشاھلىققا بىز ئۇنىڭدىن ھەقلىقمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ مال - مۈلكى كۆپ بولمىغان تۇرسا» دېدى. پەيغەمبەر: «ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە (پادىشاھ قىلىشقا) ئۇنى ئىختىيار قىلدى، ئۇنىڭ ئىلمىنى زىيادە ۋە بەدىنىنى قابىل قىلدى، ئاللاھ سەلتەنەتنى خالىغان ئادەمگە بېرىدۇ. ئاللاھ (نىڭ پەزلى) كەڭدۇر، (ئۇنىڭغا كىمنىڭ لايىق بولىدىغانلىقىنى) ئوبدان بىلىدۇ» دېدى
5:107
فَإِنْ عُثِرَ عَلَىٰ أَنَّهُمَا اسْتَحَقَّا إِثْمًا فَآخَرَانِ يَقُومَانِ مَقَامَهُمَا مِنَ الَّذِينَ اسْتَحَقَّ عَلَيْهِمُ الْأَوْلَيَانِ فَيُقْسِمَانِ بِاللَّهِ لَشَهَادَتُنَا أَحَقُّ مِن شَهَادَتِهِمَا وَمَا اعْتَدَيْنَا إِنَّا إِذًا لَّمِنَ الظَّالِمِينَ
ئەگەر ئۇ ئىككى گۇۋاھچىنىڭ (يالغان گۇۋاھلىق بەرگەنلىك ياكى مىراسقا خىيانەت قىلغانلىق) گۇناھى بىلىنسە، ئۇلارنىڭ ئورنىغا مىراس ئېلىشقا ئەڭ ھەقلىق بولغان ۋارىسلاردىن ئىككى كىشى گۇۋاھ بولۇپ: «بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىز ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىدىنمۇ توغرىدۇر، بىز شەرىئەتتىن چىقىپ كەتمىدۇق، بولمىسا بىز چوقۇم زالىملاردىن بولىمىز» دەپ ئاللاھ نىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلسۇن
6:81
وَكَيْفَ أَخَافُ مَا أَشْرَكْتُمْ وَلَا تَخَافُونَ أَنَّكُمْ أَشْرَكْتُم بِاللَّهِ مَا لَمْ يُنَزِّلْ بِهِ عَلَيْكُمْ سُلْطَانًا ۚ فَأَيُّ الْفَرِيقَيْنِ أَحَقُّ بِالْأَمْنِ ۖ إِن كُنتُمْ تَعْلَمُونَ
ئاللاھ نىڭ شېرىكى بولۇش ھەققىدە ئاللاھ سىلەرگە ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن بۇتلارنى ئاللاھ قا شېرىك كەلتۈرۈشتىن قورقمايۋاتساڭلار، سىلەرنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىڭلاردىن مەن قانداقمۇ قورقاتتىم! ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار (ئېيتىڭلارچۇ)، بىز بۇ ئىككى گۇرۇھ ئادەمدىن زادى قايسىمىز ئەڭ قورقماسلىققا تېگىشلىك»
9:13
أَلَا تُقَاتِلُونَ قَوْمًا نَّكَثُوا أَيْمَانَهُمْ وَهَمُّوا بِإِخْرَاجِ الرَّسُولِ وَهُم بَدَءُوكُمْ أَوَّلَ مَرَّةٍ ۚ أَتَخْشَوْنَهُمْ ۚ فَاللَّهُ أَحَقُّ أَن تَخْشَوْهُ إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ
(ئى مۆمىنلەر جامائەسى! ئەھدە بەرگەندە) ئىچكەن قەسىمىنى بۇزغان، پەيغەمبەرنى (مەككە) دىن ھەيدەپ چىقىرىشنى قەستلىگەن ۋە سىلەرگە ئالدى بىلەن ھۇجۇم قىلغان قەۋمگە ئۇرۇش ئاچمايسىلەر؟ ئۇلاردىن قورقامسىلەر؟ ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، قورقۇشۇڭلارغا ئاللاھ ئەڭ لايىقتۇر
9:62
يَحْلِفُونَ بِاللَّهِ لَكُمْ لِيُرْضُوكُمْ وَاللَّهُ وَرَسُولُهُ أَحَقُّ أَن يُرْضُوهُ إِن كَانُوا مُؤْمِنِينَ
ئۇلار سىلەرنى رازى قىلىش ئۈچۈن (پەيغەمبەرگە تېگىدىغان گەپنى قىلمىدۇق دەپ) ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىدۇ، ئەگەر ئۇلار راستلا مۆمىن بولىدىغان بولسا، ئاللاھ نى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى رازى قىلىشلىرى كېرەك ئىدى
9:108
لَا تَقُمْ فِيهِ أَبَدًا ۚ لَّمَسْجِدٌ أُسِّسَ عَلَى التَّقْوَىٰ مِنْ أَوَّلِ يَوْمٍ أَحَقُّ أَن تَقُومَ فِيهِ ۚ فِيهِ رِجَالٌ يُحِبُّونَ أَن يَتَطَهَّرُوا ۚ وَاللَّهُ يُحِبُّ الْمُطَّهِّرِينَ
ئۇ مەسجىدتە مەڭگۈ ناماز ئوقۇمىغىن، بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپلا تەقۋا ئاساسىغا قۇرۇلغان مەسجىد ھەقىقەتەن سېنىڭ ناماز ئوقۇشۇڭغا ئەڭ لايىقتۇر، ئۇنىڭدا (گۇناھلاردىن) پاك بولۇشنى سۆيىدىغان كىشىلەر بار، ئاللاھ (ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن) پاك بولغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ
10:35
قُلْ هَلْ مِن شُرَكَائِكُم مَّن يَهْدِي إِلَى الْحَقِّ ۚ قُلِ اللَّهُ يَهْدِي لِلْحَقِّ ۗ أَفَمَن يَهْدِي إِلَى الْحَقِّ أَحَقُّ أَن يُتَّبَعَ أَمَّن لَّا يَهِدِّي إِلَّا أَن يُهْدَىٰ ۖ فَمَا لَكُمْ كَيْفَ تَحْكُمُونَ
ئېيتقىنكى، «سىلەرنىڭ بۇتلىرىڭلارنىڭ ئارىسىدا (گۇمراھنى) ھەق يولغا يېتەكلىيەلەيدىغانلار بارمۇ؟» ئېيتقىنكى، «ئاللاھ گۇمراھنى ھەق يولغا يېتەكلىيەلەيدىغان زاتقا بويسۇنۇشقا تېگىشلىكمۇ؟ ياكى (گۇمراھنى) ھەق يولغا يېتەكلىيەلمەيدىغان، پەقەت ئۆزى باشقىلارنىڭ يېتەكلىشىگە موھتاج بولغان (بۇتلاغا) بويسۇنۇشقا تېگىشلىكمۇ؟ سىلەرگە نېمە بولدى؟ نېمىشقا مۇنداق (باتىل) ھۆكۈم چىقىرىسىلەر؟»
10:53
وَيَسْتَنبِئُونَكَ أَحَقٌّ هُوَ ۖ قُلْ إِي وَرَبِّي إِنَّهُ لَحَقٌّ ۖ وَمَا أَنتُم بِمُعْجِزِينَ
ئۇلار سەندىن: «ئۇ (يەنى ۋەدە قىلىنغان ئازاب، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش) راستمۇ؟» دەپ سورايدۇ، سەن: «ھەئە، پەرۋەردىگارىم بىلەن قەسەمكى، ئۇ ئەلۋەتتە راستتۇر، سىلەر قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر» دېگىن
33:37
وَإِذْ تَقُولُ لِلَّذِي أَنْعَمَ اللَّهُ عَلَيْهِ وَأَنْعَمْتَ عَلَيْهِ أَمْسِكْ عَلَيْكَ زَوْجَكَ وَاتَّقِ اللَّهَ وَتُخْفِي فِي نَفْسِكَ مَا اللَّهُ مُبْدِيهِ وَتَخْشَى النَّاسَ وَاللَّهُ أَحَقُّ أَن تَخْشَاهُ ۖ فَلَمَّا قَضَىٰ زَيْدٌ مِّنْهَا وَطَرًا زَوَّجْنَاكَهَا لِكَيْ لَا يَكُونَ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ حَرَجٌ فِي أَزْوَاجِ أَدْعِيَائِهِمْ إِذَا قَضَوْا مِنْهُنَّ وَطَرًا ۚ وَكَانَ أَمْرُ اللَّهِ مَفْعُولًا
ئۆز ۋاقتىدا سەن ئاللاھ نېمەت بەرگەن، سەنمۇ ئىنئام قىلغان كىشىگە: «خوتۇنۇڭنى نىكاھىڭدا تۇتقىن، ئاللاھ تىن قورققىن!» دېدىڭ، ئاللاھ ئاشكارىلىماقچى بولغان نەرسىنى كۆڭلۈڭدە يوشۇردۇڭ، كىشىلەرنىڭ تەنە قىلىشىدىن قورقتۇڭ، ئاللاھ تىن قۇرقۇشۇڭ ئەڭ ھەقلىق ئىدى. مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ بالا قىلىۋالغان ئوغۇللىرىنىڭ قويۇپ بەرگەن خوتۇنلىرىنى نىكاھلاپ ئالسا گۇناھ بولماسلىقى ئۈچۈن، زەينەبنى زەيد قويۇۋەتكەندىن كېيىن ساڭا نىكاھلاپ بەردۇق، ئاللاھ نىڭ (سېنىڭ زەينەبنى ئېلىشىڭ توغرىسىدىكى) ئەمرى چوقۇم ئورۇنلىنىدۇ
46:21
وَاذْكُرْ أَخَا عَادٍ إِذْ أَنذَرَ قَوْمَهُ بِالْأَحْقَافِ وَقَدْ خَلَتِ النُّذُرُ مِن بَيْنِ يَدَيْهِ وَمِنْ خَلْفِهِ أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا اللَّهَ إِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ
(ئى مۇھەممەد!) ئادنىڭ قېرىندىشى (يەنى ھۇد ئەلەيھىسسالام) نىڭ ئۆز قەۋمى بىلەن بولغان قىسسىسىنى بايان قىلغىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئەھقاف (دېگەن يەر) دىكى قەۋمىنى (ئاللاھ نىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇردى، ئۇنىڭدىن (يەنى ھۇدتىن) ئىلگىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئۆتتى. ئۇ (يەنى ھۇد) (قەۋمىنى ئاگاھلاندۇرۇپ) ئېيتتى: «سىلەر پەقەت ئاللاھ غىلا ئىبادەت قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ (ئاللاھ تىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلساڭلار) بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن»
48:26
إِذْ جَعَلَ الَّذِينَ كَفَرُوا فِي قُلُوبِهِمُ الْحَمِيَّةَ حَمِيَّةَ الْجَاهِلِيَّةِ فَأَنزَلَ اللَّهُ سَكِينَتَهُ عَلَىٰ رَسُولِهِ وَعَلَى الْمُؤْمِنِينَ وَأَلْزَمَهُمْ كَلِمَةَ التَّقْوَىٰ وَكَانُوا أَحَقَّ بِهَا وَأَهْلَهَا ۚ وَكَانَ اللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمًا
كاپىرلار قىزىققانلىقىنى – جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ قىزىققانلىقىنى – دىللىرىغا پۈككەن چاغدا، ئاللاھ پەيغەمبىرىگە ۋە مۆمىنلەرگە تەمكىنلىكنى چۈشۈردى. ئۇلارغا تەقۋا كەلىمىسىنى (يەنى كەلىمە تەۋھىدنى) ئىختىيار قىلدى. مۆمىنلەر تەقۋا كەلىمىسىگە ئەڭ لايىق ئىدى ۋە ئۇنىڭ ئەھلى ئىدى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر
78:23
لَّابِثِينَ فِيهَا أَحْقَابًا
ئۇلار جەھەننەمدە ئۇزاق مۇددەت قالىدۇ