10:42
وَمِنْهُم مَّن يَسْتَمِعُونَ إِلَيْكَ ۚ أَفَأَنتَ تُسْمِعُ الصُّمَّ وَلَوْ كَانُوا لَا يَعْقِلُونَ
ئۇلارنىڭ ئىچىدە (قۇرئان ئوقۇغىنىڭدا) ساڭا قۇلاق سالىدىغانلار بار، سەن گاسلارغا (يەنى ئاللاھ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى ئېلىپ تاشلىغانلارغا) ئۇلار ھېچ نەرسىنى چۈشەنمىسىمۇ ئاڭلىتالامسەن؟
10:43
وَمِنْهُم مَّن يَنظُرُ إِلَيْكَ ۚ أَفَأَنتَ تَهْدِي الْعُمْيَ وَلَوْ كَانُوا لَا يُبْصِرُونَ
ئۇلارنىڭ ئىچىدە ساڭا قارايدىغانلار بار (يەنى پەيغەمبەرلىكىڭنىڭ ئېنىق ئالامەتلىرىنى بايقايدىغانلار بار، لېكىن ئۇلار بايقىغانلىرىدىن پايدىلانمىغانلىقلىرى ئۈچۈن كۆردۇر). (ھەقىقەتنى) كۆرەلمىسىمۇ كورلارنى ھىدايەت قىلالامسەن؟
10:99
وَلَوْ شَاءَ رَبُّكَ لَآمَنَ مَن فِي الْأَرْضِ كُلُّهُمْ جَمِيعًا ۚ أَفَأَنتَ تُكْرِهُ النَّاسَ حَتَّىٰ يَكُونُوا مُؤْمِنِينَ
ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە، يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتاتتى، سەن كىشىلەرنى مۇسۇلمان بولۇشقا مەجبۇرلامسەن؟
21:50
وَهَٰذَا ذِكْرٌ مُّبَارَكٌ أَنزَلْنَاهُ ۚ أَفَأَنتُمْ لَهُ مُنكِرُونَ
بۇ بىز (سىلەرنىڭ تىلىڭلاردا) نازىل قىلغان مۇبارەك قۇرئاندۇر. (ئى ئەرەب جامائەسى! ئۇ شۇنچە روشەن تۇرسىمۇ) سىلەر ئۇنى ئىنكار قىلامسىلەر؟
25:43
أَرَأَيْتَ مَنِ اتَّخَذَ إِلَٰهَهُ هَوَاهُ أَفَأَنتَ تَكُونُ عَلَيْهِ وَكِيلًا
ئېيتىپ باقساڭچۇ؟ نەپسى خاھىشىنى ئىلاھ قىلىۋالغان ئادەمگە (نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىشتىن ئۇنى ساقلاش ئۈچۈن) ھامىي بولالامسەن
39:19
أَفَمَنْ حَقَّ عَلَيْهِ كَلِمَةُ الْعَذَابِ أَفَأَنتَ تُنقِذُ مَن فِي النَّارِ
كىمگە ئازاب ۋەدىسى تېگىشلىك بولسا (ئۇ چوقۇم دوزاخقا كىرىدۇ)، سەن دوزاختىكى ئادەمنى قۇتقۇزالامسەن؟
43:40
أَفَأَنتَ تُسْمِعُ الصُّمَّ أَوْ تَهْدِي الْعُمْيَ وَمَن كَانَ فِي ضَلَالٍ مُّبِينٍ
(ئى مۇھەممەد!) سەن گاسلارغا ئاڭلىتالامسەن؟ يا كورلارنى توغرا يولغا سالالامسەن؟ (يەنى كۇففارلار گاسلارغا، كورلارغا ئوخشايدۇ) ئاشكارا گۇمراھلىقتا بولغان كىشىنى ھىدايەت قىلالامسەن؟