2:199
ثُمَّ أَفِيضُوا مِنْ حَيْثُ أَفَاضَ النَّاسُ وَاسْتَغْفِرُوا اللَّهَ ۚ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
ئاندىن كېيىن، سىلەر (ئەرەفاتتىن) كىشىلەر قايتقان جاي بىلەن قايتىڭلار، ئاللاھ تىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
7:50
وَنَادَىٰ أَصْحَابُ النَّارِ أَصْحَابَ الْجَنَّةِ أَنْ أَفِيضُوا عَلَيْنَا مِنَ الْمَاءِ أَوْ مِمَّا رَزَقَكُمُ اللَّهُ ۚ قَالُوا إِنَّ اللَّهَ حَرَّمَهُمَا عَلَى الْكَافِرِينَ
ئەھلى دوزاخ ئەھلى جەننەتكە: ‹‹سۇدىن ياكى ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن ئىچىدىغان نەرسىلەردىن بىزگە بىر ئاز قۇيۇپ بەرسەڭلار! ›› دەپ توۋلايدۇ، ئەھلى جەننەت ئۇلارغا (جاۋابەن): ‹‹ئاللاھ ئۇلارنى كاپىرلارغا ھارام قىلغان›› دەيدۇ
14:10
قَالَتْ رُسُلُهُمْ أَفِي اللَّهِ شَكٌّ فَاطِرِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ يَدْعُوكُمْ لِيَغْفِرَ لَكُم مِّن ذُنُوبِكُمْ وَيُؤَخِّرَكُمْ إِلَىٰ أَجَلٍ مُّسَمًّى ۚ قَالُوا إِنْ أَنتُمْ إِلَّا بَشَرٌ مِّثْلُنَا تُرِيدُونَ أَن تَصُدُّونَا عَمَّا كَانَ يَعْبُدُ آبَاؤُنَا فَأْتُونَا بِسُلْطَانٍ مُّبِينٍ
پەيغەمبەرلىرى: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچى ئاللاھ نىڭ (بىرلىكىدە) شەك بارمۇ؟ ئاللاھ گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىش ئۈچۈن، سىلەرنى (ئىمانغا) دەۋەت قىلىدۇ، سىلەرنى (جازالاشنى) مەلۇم مۇددەتكىچە (يەنى ئەجىلىڭلار يەتكۈچە) تەخىر قىلىدۇ» دېدى. ئۇلار: «سىلەر پەقەت بىزگە ئوخشاش ئىنسان، ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلىپ كېلىۋاتقان (بۇتلار) غا ئىبادەت قىلىشىمىزدىن توسماقچى بولىسىلەر، (راستلىقىڭلار ئۈچۈن) بىزگە ئېنىق پاكىت كۆرسىتىڭلار» دېدى
24:50
أَفِي قُلُوبِهِم مَّرَضٌ أَمِ ارْتَابُوا أَمْ يَخَافُونَ أَن يَحِيفَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ وَرَسُولُهُ ۚ بَلْ أُولَٰئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ
ئۇلارنىڭ دىللىرىدا (مۇناپىقلىق) ئىللىتى بارمۇ؟ يا) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىدىن) گۇمانلىنامدۇ؟ يا ئاللاھ نىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۇلارغا ئادىل بولماسلىقىدىن قورقامدۇ؟ ياق، ئۇلار (رەسۇلۇللاھنىڭ ھۆكمىدىن باش تارتقانلىقلىرى ئۈچۈن) زالىمدۇر