2:196
وَأَتِمُّوا الْحَجَّ وَالْعُمْرَةَ لِلَّهِ ۚ فَإِنْ أُحْصِرْتُمْ فَمَا اسْتَيْسَرَ مِنَ الْهَدْيِ ۖ وَلَا تَحْلِقُوا رُءُوسَكُمْ حَتَّىٰ يَبْلُغَ الْهَدْيُ مَحِلَّهُ ۚ فَمَن كَانَ مِنكُم مَّرِيضًا أَوْ بِهِ أَذًى مِّن رَّأْسِهِ فَفِدْيَةٌ مِّن صِيَامٍ أَوْ صَدَقَةٍ أَوْ نُسُكٍ ۚ فَإِذَا أَمِنتُمْ فَمَن تَمَتَّعَ بِالْعُمْرَةِ إِلَى الْحَجِّ فَمَا اسْتَيْسَرَ مِنَ الْهَدْيِ ۚ فَمَن لَّمْ يَجِدْ فَصِيَامُ ثَلَاثَةِ أَيَّامٍ فِي الْحَجِّ وَسَبْعَةٍ إِذَا رَجَعْتُمْ ۗ تِلْكَ عَشَرَةٌ كَامِلَةٌ ۗ ذَٰلِكَ لِمَن لَّمْ يَكُنْ أَهْلُهُ حَاضِرِي الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ
ھەج بىلەن ئۆمرەنى ئاللاھ ئۈچۈن تولۇق ئورۇنلاڭلار، ئەگەر (دۈشمەن ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن) ھەجنى ياكى ئۆمرەنى ئادا قىلىشتا توسقۇنلۇققا ئۇچرىساڭلار، ئۇ ھالدا نېمە ئوڭاي بولسا (يەنى تۆگە، كالا، قويدىن نېمىنى تاپالىساڭلار)، شۇنى قۇربانلىق قىلىڭلار، قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال جايىغا (يەنى بەلگىلەنگەن جايغا) يەتمىگىچە بېشىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار، سىلەردىن كىمكى كېسەل (يەنى چېچىنى چۈشۈرسە زىيان قىلىدىغان كېسەل) ياكى بېشىدا ئىللەت (يەنى باش ئاغرىقى، پىتقا ئوخشاشلار) بولۇپ (بېشىنى چۈشۈرمىسە)، فىدىيە قىلىش يۈزىسىدىن (ئۈچ كۈن) روزا تۇتسۇن، ياكى (ئالتە مىسكىنگە ئۈچ سا) سەدىقە بەرسۇن، ياكى (بىرەر مال) قۇربانلىق قىلسۇن، ئەمىنلىكتە بولغان چېغىڭلاردا (ئاراڭلاردىن) ئۆمرە قىلغاندىن كېيىن ھەج قىلىشتىن بەھرىمەن بولغان ئادەم (يەنى ھەجدىن بۇرۇن ئۆمرە قىلىپ تاماملىغان ئادەم) نېمە ئوڭاي بولسا، شۇنى قۇربانلىق قىلسۇن، (پۇلى يوقلۇقتىن ياكى قۇربانلىق مال يوقلۇقىدىن قۇربانلىق مال) تاپالمىغان ئادەم ھەج جەريانىدا ئۈچ كۈن روزا تۇتسۇن، (ھەجدىن) قايتقاندىن كېيىن يەتتە كۈن روزا تۇتسۇن، ئۇنىڭ ھەممىسى ئون كۈن بولىدۇ. مانا بۇ (يەنى ئۆمرە قىلغان ئادەمگە قۇربانلىق قىلىش لازىملىقى ياكى روزا تۇتۇش ھەققىدىكى ھۆكۈم) مەسجىدى ھەرەم دائىرىسىدە (يەنى ھەرەمدە) ئولتۇرۇشلۇق بولمىغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر. ئاللاھ قا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ نىڭ ئازابى قاتتىقتۇر
2:239
فَإِنْ خِفْتُمْ فَرِجَالًا أَوْ رُكْبَانًا ۖ فَإِذَا أَمِنتُمْ فَاذْكُرُوا اللَّهَ كَمَا عَلَّمَكُم مَّا لَمْ تَكُونُوا تَعْلَمُونَ
قورقۇنچتا قالغىنىڭلاردا، پىيادە ياكى ئۇلاغلىق كېتىپ بېرىپ (ناماز ئوقۇڭلار)، ئامانلىق تاپقىنىڭلاردا ئاللاھ نىڭ سىلەرگە ئۆگەتكىنى بويىچە ئاللاھ نى ياد ئېتىڭلار (يەنى قورقۇنچ تۈگىگەندە، ئاللاھ نامازنى قانداق ئۆتەشكە ئەمر قىلغان بولسا، تولۇق ئەركانلىرى بىلەن شۇنداق ئۆتەڭلار
17:68
أَفَأَمِنتُمْ أَن يَخْسِفَ بِكُمْ جَانِبَ الْبَرِّ أَوْ يُرْسِلَ عَلَيْكُمْ حَاصِبًا ثُمَّ لَا تَجِدُوا لَكُمْ وَكِيلًا
(دېڭىزدا غەرق بولۇپ كېتىشتىن قۇتۇلغىنىڭلار بىلەن) ئاللاھ نىڭ سىلەرنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن، ياكى سىلەرگە ئاسماندىن تاش ياغدۇرۇپ ھالاك قىلىشىدىن، ئاندىن سىلەرنى (ئاللاھ نىڭ ئازابىدىن ساقلايدىغان) ھېچ ھامىي تاپالماسلىقىڭلاردىن قورقمامسىلەر؟
17:69
أَمْ أَمِنتُمْ أَن يُعِيدَكُمْ فِيهِ تَارَةً أُخْرَىٰ فَيُرْسِلَ عَلَيْكُمْ قَاصِفًا مِّنَ الرِّيحِ فَيُغْرِقَكُم بِمَا كَفَرْتُمْ ۙ ثُمَّ لَا تَجِدُوا لَكُمْ عَلَيْنَا بِهِ تَبِيعًا
ياكى ئاللاھ نىڭ سىلەرنى دېڭىزدا قايتا قاتناتقۇزۇپ (دېڭىزدىكى چېغىڭلاردا) قارا بوران چىقىرىپ، كۈفرىلىق قىلغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن سىلەرنى غەرق قىلىۋېتىشىدىن، ئاندىن سىلەرگە بىزدىن ئۆچ ئېلىپ بېرىدىغان ھېچ ئەھدى تاپالماسلىقىڭلاردىن قورقمامسىلەر؟
67:16
أَأَمِنتُم مَّن فِي السَّمَاءِ أَن يَخْسِفَ بِكُمُ الْأَرْضَ فَإِذَا هِيَ تَمُورُ
(ئى كۇففارلار!) ئاسماندىكى زاتنىڭ يەر تەۋرىگەن چاغدا سىلەرنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن قورقمامسىلەر؟
67:17
أَمْ أَمِنتُم مَّن فِي السَّمَاءِ أَن يُرْسِلَ عَلَيْكُمْ حَاصِبًا ۖ فَسَتَعْلَمُونَ كَيْفَ نَذِيرِ
ياكى ئاسماندىكى زاتنىڭ سىلەرگە تاش ياغدۇرۇشىدىن قورقمامسىلەر؟ (سىلەر ئازابنى كۆرگەن چاغدا) مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشۇمنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى (يەنى ھەق ئىكەنلىكىنى) بىلىسىلەر