17:83
وَإِذَا أَنْعَمْنَا عَلَى الْإِنسَانِ أَعْرَضَ وَنَأَىٰ بِجَانِبِهِ ۖ وَإِذَا مَسَّهُ الشَّرُّ كَانَ يَئُوسًا
ئىنسانغا (تۈرلۈك نېمەتلەرنى) بەرسەك (پەرۋەردىگارىنىڭ ئىبادىتىدىن) يۈز ئۆرۈيدۇ، (چوڭچىلىق قىلىپ) پەرۋەردىگارىدىن يىراقلىشىدۇ، ئۇنىڭغا بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يەتسە، (ئاللاھ نىڭ رەھمىتىدىن) مەيۈسلىنىپ كېتىدۇ
41:51
وَإِذَا أَنْعَمْنَا عَلَى الْإِنسَانِ أَعْرَضَ وَنَأَىٰ بِجَانِبِهِ وَإِذَا مَسَّهُ الشَّرُّ فَذُو دُعَاءٍ عَرِيضٍ
ئىنسانغا نېمەت ئاتا قىلساق (پەرۋەردىگارىغا شۈكۈر قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈيدۇ، (ئاللاھ نىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ) ھاكاۋۇرلىشىپ كېتىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا يامانلىق يەتسە (ئاللاھ قا يۈزلىنىپ) ئۈزلۈكسىز دۇئا قىلىدۇ
43:59
إِنْ هُوَ إِلَّا عَبْدٌ أَنْعَمْنَا عَلَيْهِ وَجَعَلْنَاهُ مَثَلًا لِّبَنِي إِسْرَائِيلَ
ئۇ (يەنى ئىسا) (ناسارالار گۇمان قىلغاندەك ئىلاھ ياكى ئىلاھنىڭ ئوغلى ئەمەس) پەقەت پەيغەمبەرلىك نېمىتىمىزگە ئېرىشكەن بىر بەندىدۇر، ئۇنى بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا (ئاللاھ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) بىر دەلىل قىلدۇق