17:25
رَّبُّكُمْ أَعْلَمُ بِمَا فِي نُفُوسِكُمْ ۚ إِن تَكُونُوا صَالِحِينَ فَإِنَّهُ كَانَ لِلْأَوَّابِينَ غَفُورًا
پەرۋەردىگارىڭلار دىلىڭلاردىكىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ئەگەر سىلەر ياخشى بولساڭلار (يەنى ئاتا - ئاناڭلارنى قاخشاتقۇچى بولمىساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ خاتالىغىڭلارنى كەچۈرىدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبە قىلىپ تۇرغۇچىلارنى مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر
38:17
اصْبِرْ عَلَىٰ مَا يَقُولُونَ وَاذْكُرْ عَبْدَنَا دَاوُودَ ذَا الْأَيْدِ ۖ إِنَّهُ أَوَّابٌ
ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، (دىندا) كۈچلۈك بەندىمىز داۋۇدنى ئەسلىگىن، ئۇ ھەقىقەتەن ئاللاھ قا ئىتائەت قىلغۇچى ئىدى
38:19
وَالطَّيْرَ مَحْشُورَةً ۖ كُلٌّ لَّهُ أَوَّابٌ
قۇشلارنىمۇ ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئۇلارمۇ (تەرەپ - تەرەپتىن) توپلىنىپ، داۋۇد بىلەن بىللە تەسبىھ ئېيتاتتى، (تاغلارنىڭ، قۇشلارنىڭ) ھەممىسى ئاللاھ قا ئىتائەت قىلغۇچىدۇر
38:30
وَوَهَبْنَا لِدَاوُودَ سُلَيْمَانَ ۚ نِعْمَ الْعَبْدُ ۖ إِنَّهُ أَوَّابٌ
بىز داۋۇدقا سۇلەيماننى ئاتا قىلدۇق، سۇلەيمان نېمىدېگەن ياخشى بەندە! ئۇ (ئاللاھ قا) ھەقىقەتەن ئىتائەت قىلغۇچى ئىدى
38:44
وَخُذْ بِيَدِكَ ضِغْثًا فَاضْرِب بِّهِ وَلَا تَحْنَثْ ۗ إِنَّا وَجَدْنَاهُ صَابِرًا ۚ نِّعْمَ الْعَبْدُ ۖ إِنَّهُ أَوَّابٌ
(ئۇنىڭغا) «قولۇڭ بىلەن بىر باغلام چۆپنى ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن (ئايالىڭنى) ئۇرغىن. قەسىمىڭنى بۇزمىغىن» (دېدۇق). بىز ئەييۇبنى ھەقىقەتەن سەۋرچان بايقىدۇق، ئۇ نېمىدېگەن ئوبدان بەندە! ھەقىقەتەن ئۇ (ئاللاھ قا) تەۋبە بىلەن يۈزلەنگۈچىدۇر
50:32
هَٰذَا مَا تُوعَدُونَ لِكُلِّ أَوَّابٍ حَفِيظٍ
مانا بۇ (نېمەتتىن) سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسىلەر ئاللاھ نىڭ (تائىتىگە) قايتقۇچى، (ئەمرىنى) ساقلىغۇچى ھەر بىر (بەندە) ئۈچۈندۇر