2:182
فَمَنْ خَافَ مِن مُّوصٍ جَنَفًا أَوْ إِثْمًا فَأَصْلَحَ بَيْنَهُمْ فَلَا إِثْمَ عَلَيْهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
كىمكى ۋەسىيەت قىلغۇچىنىڭ سەۋەنلىكى ياكى قەستەن ناتوغرا قىلغانلىقىنى بىلىپ، ئۇلارنىڭ (يەنى ۋەسىيەت قىلغۇچىلار بىلەن ۋەسىيەت قىلىنغۇچىلارنىڭ) ئارىسىنى تۈزەپ قويسا، ئۇنىڭغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
3:178
وَلَا يَحْسَبَنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا أَنَّمَا نُمْلِي لَهُمْ خَيْرٌ لِّأَنفُسِهِمْ ۚ إِنَّمَا نُمْلِي لَهُمْ لِيَزْدَادُوا إِثْمًا ۚ وَلَهُمْ عَذَابٌ مُّهِينٌ
كاپىرلار ئۆزلىرىگە (جازا بەرمەستىن) مۆھلەت بېرىشىمىزنى (يەنى ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلىشىمىزنى) ھەرگىز ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ گۇمان قىلمىسۇن، ئۇلارغا مۆھلەت بېرىشىمىز (ۋە ئەجىلىنى كېچىكتۈرۈشىمىز) پەقەت ئۇلارنىڭ گۇناھىنىڭ كۆپىيىشى ئۈچۈندۇر. ئۇلار (ئاخىرەتتە) خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ
4:20
وَإِنْ أَرَدتُّمُ اسْتِبْدَالَ زَوْجٍ مَّكَانَ زَوْجٍ وَآتَيْتُمْ إِحْدَاهُنَّ قِنطَارًا فَلَا تَأْخُذُوا مِنْهُ شَيْئًا ۚ أَتَأْخُذُونَهُ بُهْتَانًا وَإِثْمًا مُّبِينًا
ئەگەر بىر خوتۇننى قويۇۋېتىپ، ئورنىغا يەنە بىر خوتۇننى ئالماقچى بولساڭلار، ئۇلارنىڭ بىرىگە (مەھرى قىلىپ) كۆپ مال بەرگەن بولساڭلارمۇ ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى قايتۇرۇۋالماڭلار. ئۇنى (ئايالغا) قارا چاپلاپ ۋە ئوچۇق زۇلۇم قىلىپ ئالامسىلەر؟
4:48
إِنَّ اللَّهَ لَا يَغْفِرُ أَن يُشْرَكَ بِهِ وَيَغْفِرُ مَا دُونَ ذَٰلِكَ لِمَن يَشَاءُ ۚ وَمَن يُشْرِكْ بِاللَّهِ فَقَدِ افْتَرَىٰ إِثْمًا عَظِيمًا
ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاللاھ قا شېرىك كەلتۈرۈش گۇناھىنى مەغپىرەت قىلمايدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھ قا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، چوڭ گۇناھ قىلغان بولىدۇ
4:50
انظُرْ كَيْفَ يَفْتَرُونَ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ ۖ وَكَفَىٰ بِهِ إِثْمًا مُّبِينًا
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ئاللاھ قا تۆھمەت چاپلاۋاتقانلىقىغا قارىغىن! بۇ ئوپئوچۇق گۇناھتۇر
4:111
وَمَن يَكْسِبْ إِثْمًا فَإِنَّمَا يَكْسِبُهُ عَلَىٰ نَفْسِهِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمًا
كىمكى (قەستەن) بىرەر گۇناھ قىلسا، ئۇنى ئۆزىنىڭ زىيىنىغا قىلىدۇ (يەنى ئۇنىڭ ۋابالىنى ئۆزى تارتىدۇ). ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
4:112
وَمَن يَكْسِبْ خَطِيئَةً أَوْ إِثْمًا ثُمَّ يَرْمِ بِهِ بَرِيئًا فَقَدِ احْتَمَلَ بُهْتَانًا وَإِثْمًا مُّبِينًا
كىمكى بىر كىچىك گۇناھ ياكى بىر چوڭ گۇناھ قىلىپ قويۇپ، ئۇنى بىگۇناھ ئادەمگە چاپلىسا، ئۇ شۇ بوھتاننى ۋە ئوپئوچۇق بىر گۇناھنى ئۆزىگە يۈكلىۋالغان بولىدۇ
5:107
فَإِنْ عُثِرَ عَلَىٰ أَنَّهُمَا اسْتَحَقَّا إِثْمًا فَآخَرَانِ يَقُومَانِ مَقَامَهُمَا مِنَ الَّذِينَ اسْتَحَقَّ عَلَيْهِمُ الْأَوْلَيَانِ فَيُقْسِمَانِ بِاللَّهِ لَشَهَادَتُنَا أَحَقُّ مِن شَهَادَتِهِمَا وَمَا اعْتَدَيْنَا إِنَّا إِذًا لَّمِنَ الظَّالِمِينَ
ئەگەر ئۇ ئىككى گۇۋاھچىنىڭ (يالغان گۇۋاھلىق بەرگەنلىك ياكى مىراسقا خىيانەت قىلغانلىق) گۇناھى بىلىنسە، ئۇلارنىڭ ئورنىغا مىراس ئېلىشقا ئەڭ ھەقلىق بولغان ۋارىسلاردىن ئىككى كىشى گۇۋاھ بولۇپ: «بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىز ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىدىنمۇ توغرىدۇر، بىز شەرىئەتتىن چىقىپ كەتمىدۇق، بولمىسا بىز چوقۇم زالىملاردىن بولىمىز» دەپ ئاللاھ نىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلسۇن
33:58
وَالَّذِينَ يُؤْذُونَ الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ بِغَيْرِ مَا اكْتَسَبُوا فَقَدِ احْتَمَلُوا بُهْتَانًا وَإِثْمًا مُّبِينًا
مۆمىنلەر ۋە مۆمىنەلەرگە قىلمىغان ئىشلارنى (چاپلاپ) ئۇلارنى رەنجىتىدىغانلار (شۇ) بۇھتاننى ۋە روشەن گۇناھنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ