2:38
قُلْنَا اهْبِطُوا مِنْهَا جَمِيعًا ۖ فَإِمَّا يَأْتِيَنَّكُم مِّنِّي هُدًى فَمَن تَبِعَ هُدَايَ فَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
(ئۇلارغا) «ھەممىڭلار بۇ يەردىن چۈشۈڭلار، سىلەرگە مەن تەرەپتىن بىر يول كۆرسەتكۈچى (يەنى پەيغەمبەر) كېلىدۇ، يولۇمغا ئەگەشكەنلەرگە (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ ۋە غەم - قايغۇ بولمايدۇ» دېدۇق
2:124
وَإِذِ ابْتَلَىٰ إِبْرَاهِيمَ رَبُّهُ بِكَلِمَاتٍ فَأَتَمَّهُنَّ ۖ قَالَ إِنِّي جَاعِلُكَ لِلنَّاسِ إِمَامًا ۖ قَالَ وَمِن ذُرِّيَّتِي ۖ قَالَ لَا يَنَالُ عَهْدِي الظَّالِمِينَ
ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىمنى پەرۋەردىگارى بىر قانچە ئەمرلەر (يەنى شەرىئەت تەكلىپلىرى) بىلەن سىنىدى، ئىبراھىم ئۇلارنى بەجا كەلتۈردى. ئاللاھ ئۇنىڭغا: «سېنى چوقۇم كىشىلەرگە (دىندا) پېشۋا قىلىمەن» دېدى، ئىبراھىم: «مېنىڭ بىر قىسىم ئەۋلادىمنىمۇ پېشۋا قىلساڭ» دېدى. ئاللاھ: «مېنىڭ (پېشۋا قىلىش) ئەھدەمگە زالىملار (يەنى كاپىرلار) ئېرىشەلمەيدۇ» دېدى
6:68
وَإِذَا رَأَيْتَ الَّذِينَ يَخُوضُونَ فِي آيَاتِنَا فَأَعْرِضْ عَنْهُمْ حَتَّىٰ يَخُوضُوا فِي حَدِيثٍ غَيْرِهِ ۚ وَإِمَّا يُنسِيَنَّكَ الشَّيْطَانُ فَلَا تَقْعُدْ بَعْدَ الذِّكْرَىٰ مَعَ الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز توغرىسىدا (تەنە ۋە مەسخىرە قىلىپ) پاراڭ سېلىشىۋاتقان كىشىلەرنى كۆرگىنىڭدە، ئۇلار بۇنىڭدىن باشقا پاراڭغا چۈشمىگۈچە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرمىغىن، ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماسلىقنى شەيتان ساڭا ئۇنتۇلدۇرغان بولسا، ئېسىڭگە كەلگەندىن كېيىن، زالىم قەۋم بىلەن بىللە ئولتۇرمىغىن
7:35
يَا بَنِي آدَمَ إِمَّا يَأْتِيَنَّكُمْ رُسُلٌ مِّنكُمْ يَقُصُّونَ عَلَيْكُمْ آيَاتِي ۙ فَمَنِ اتَّقَىٰ وَأَصْلَحَ فَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
ئى ئادەم بالىلىرى! ئىچىڭلاردىن مېنىڭ ئايەتلىرىمنى سىلەرگە بايان بېرىدىغان پەيغەمبەرلىرىم كەلگەندە، تەقۋادارلىق قىلغان ۋە (ئەمەلىنى) تۈزەتكەنلەرگە (كەلگۈسىدىن) غەم قىلىش، (كەتكەنگە) قايغۇرۇش يوقتۇر
7:115
قَالُوا يَا مُوسَىٰ إِمَّا أَن تُلْقِيَ وَإِمَّا أَن نَّكُونَ نَحْنُ الْمُلْقِينَ
ئۇلار (يەنى سېھىرگەرلەر): «ئى مۇسا! (ھاساڭنى) سەن ئاۋۋال تاشلامسەن، ياكى بىز (ئۆزىمىزنىڭكىنى) ئاۋۋال تاشلامدۇق؟» دېدى
7:200
وَإِمَّا يَنزَغَنَّكَ مِنَ الشَّيْطَانِ نَزْغٌ فَاسْتَعِذْ بِاللَّهِ ۚ إِنَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
ئەگەر شەيتان ساڭا ۋەسۋەسە قىلسا، (شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن) ئاللاھ قا سېغىنىپ پاناھ تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر (ئىشىڭنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇ
8:57
فَإِمَّا تَثْقَفَنَّهُمْ فِي الْحَرْبِ فَشَرِّدْ بِهِم مَّنْ خَلْفَهُمْ لَعَلَّهُمْ يَذَّكَّرُونَ
ئەگەر ئۇرۇشتا ئۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلساڭ، ئارقىدىكىلىرىنىڭ قېچىشى ۋە ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن ئۇلارنى قاتتىق جازالىغىن (يەنى ئۇلارنى باشقىلارغا ئىبرەت قىلغىنكى، ئۇلارنىڭ سەن بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا دەرمانى قالمىسۇن)
8:58
وَإِمَّا تَخَافَنَّ مِن قَوْمٍ خِيَانَةً فَانبِذْ إِلَيْهِمْ عَلَىٰ سَوَاءٍ ۚ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ الْخَائِنِينَ
ئەگەر سەن (مۇئاھىدە تۈزگەن) قەۋمدىن خىيانەت (ئالامەتلىرىنى) سەزسەڭ، مۇئاھىدىسىنى ئۇلارغا ئوچۇق - يورۇقلۇق بىلەن تاشلاپ بەرگىن (يەنى سەن بىلەن مۇئاھىدە تۈزۈشكەن قەۋمدىن خىيانەت شەپىسى كۆرۈلسە، ئۇلارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلماستىن، مۇئاھىدىنىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقىنى ئالدى بىلەن ئۇلارغا ئۇقتۇرۇپ قويغىن). ئاللاھ ھەقىقەتەن خائىنلارنى دوست تۇتمايدۇ
9:106
وَآخَرُونَ مُرْجَوْنَ لِأَمْرِ اللَّهِ إِمَّا يُعَذِّبُهُمْ وَإِمَّا يَتُوبُ عَلَيْهِمْ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
يەنە بىر قىسىم (جىھادقا چىقمىغان) كىشىلەر (نىڭ ئىشى) ئاللاھ نىڭ ئەمرىگە قالدۇرۇلدى، ئاللاھ يا ئۇلارنى (تەۋبە قىلمىسا) جازالايدۇ، يا ئۇلارنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ (ۋە مەغپىرەت قىلىدۇ). ئاللاھ ئۇلارنى (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
10:46
وَإِمَّا نُرِيَنَّكَ بَعْضَ الَّذِي نَعِدُهُمْ أَوْ نَتَوَفَّيَنَّكَ فَإِلَيْنَا مَرْجِعُهُمْ ثُمَّ اللَّهُ شَهِيدٌ عَلَىٰ مَا يَفْعَلُونَ
ئۇلارغا بىز ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى ساڭا كۆرسىتىمىز (يەنى بۇ دۇنيادىلا، سەن ھايات ۋاقىتتىلا كۆرسىتىمىز)، ياكى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى سېنى قەبزى روھ قىلىمىز، ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ (مەيلى بالدۇر بولسۇن، مەيلى كېيىن بولسۇن، ئۇلارنى چوقۇم جازالايمىز)، ئاندىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا گۇۋاھ بولىدۇ
11:17
أَفَمَن كَانَ عَلَىٰ بَيِّنَةٍ مِّن رَّبِّهِ وَيَتْلُوهُ شَاهِدٌ مِّنْهُ وَمِن قَبْلِهِ كِتَابُ مُوسَىٰ إِمَامًا وَرَحْمَةً ۚ أُولَٰئِكَ يُؤْمِنُونَ بِهِ ۚ وَمَن يَكْفُرْ بِهِ مِنَ الْأَحْزَابِ فَالنَّارُ مَوْعِدُهُ ۚ فَلَا تَكُ فِي مِرْيَةٍ مِّنْهُ ۚ إِنَّهُ الْحَقُّ مِن رَّبِّكَ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يُؤْمِنُونَ
پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن روشەن دەلىل (يەنى قۇرئان) غا ئاساسلانغان ئادەم (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) (ھاياتىي دۇنيانى كۆزلەيدىغان كىشىلەر بىلەن ئوخشاشمۇ؟) ئۇنىڭغا ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن گۇۋاھلىق بەرگۈچى (يەنى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام) قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىدۇ، قۇرئاندىن ئىلگىرى مۇساغا نازىل قىلىنغان كىتاب (يەنى تەۋرات) (ئىسرائىل ئەۋلادىغا) يېتەكچى ۋە رەھمەت قىلىپ (نازىل قىلىندى)، ئەنە شۇنداق كىشىلەر قۇرئانغا (ھەقىقىي ئىشىنىدۇ، (كۇففار) جامائەلىرىدىن كىمكى قۇرئاننى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا ۋەدە قىلىنغان جاي دوزاختۇر، قۇرئانغا شەك كەلتۈرمىگىن، ئۇ ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ھەقىقەتتۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (قۇرئاننىڭ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلىقىغا) ئىشەنمەيدۇ
15:79
فَانتَقَمْنَا مِنْهُمْ وَإِنَّهُمَا لَبِإِمَامٍ مُّبِينٍ
(شۇئەيبنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلار (يەنى بۇ ئىككى شەھەر) نىڭ ھەر ئىككىلىسى، شۈبھىسىزكى، ئاشكارا يول ئۈستىدىدۇر (ئى مەككە ئاھالىسى! ئۇلاردىن ئىبرەت ئالمامسىلەر؟)
17:23
وَقَضَىٰ رَبُّكَ أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا إِيَّاهُ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا ۚ إِمَّا يَبْلُغَنَّ عِندَكَ الْكِبَرَ أَحَدُهُمَا أَوْ كِلَاهُمَا فَلَا تَقُل لَّهُمَا أُفٍّ وَلَا تَنْهَرْهُمَا وَقُل لَّهُمَا قَوْلًا كَرِيمًا
پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا - ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى، ئۇلارنىڭ بىرى، يا ئىككىلىسى سېنىڭ قول ئاستىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا ئوھوي دېمىگىن (يەنى مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن)، ئۇلارنى دۈشكەلىمىگىن، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن
17:28
وَإِمَّا تُعْرِضَنَّ عَنْهُمُ ابْتِغَاءَ رَحْمَةٍ مِّن رَّبِّكَ تَرْجُوهَا فَقُل لَّهُمْ قَوْلًا مَّيْسُورًا
ئەگەر سەن پەرۋەردىگارىڭدىن كۈتۈۋاتقان مەرھەمەت نازىل بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇلارغا خەيرى - ساخاۋەت قىلماقچى بولساڭ (يەنى قولۇڭدا ئۇلارغا بېرىدىغان بىر نەرسە بولمىسا)، ئۇلارغا چىرايلىق گەپ قىلغىن
17:71
يَوْمَ نَدْعُو كُلَّ أُنَاسٍ بِإِمَامِهِمْ ۖ فَمَنْ أُوتِيَ كِتَابَهُ بِيَمِينِهِ فَأُولَٰئِكَ يَقْرَءُونَ كِتَابَهُمْ وَلَا يُظْلَمُونَ فَتِيلًا
بىز ھەممە ئادەمنى ئۇلارنىڭ نامە - ئەمالى بىلەن چاقىرىدىغان كۈننى (ئېسىڭدا تۇتقىن)، نامە - ئەمالى ئوڭ قولىدىن بېرىلگەنلەر ئۆزلىرىنىڭ نامە - ئەمالىنى ئوقۇيدۇ، ئۇلارغا قىلچە زورلۇق قىلىنمايدۇ
18:86
حَتَّىٰ إِذَا بَلَغَ مَغْرِبَ الشَّمْسِ وَجَدَهَا تَغْرُبُ فِي عَيْنٍ حَمِئَةٍ وَوَجَدَ عِندَهَا قَوْمًا ۗ قُلْنَا يَا ذَا الْقَرْنَيْنِ إِمَّا أَن تُعَذِّبَ وَإِمَّا أَن تَتَّخِذَ فِيهِمْ حُسْنًا
ئۇ كۈنپېتىش تەرەپكە يېتىپ بارغاندا، كۈننىڭ قارا لايلىق بۇلاققا پېتىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ بۇلاقنىڭ يېنىدا بىر تۈرلۈك قەۋمنى ئۇچراتتى. بىز: «ئى زۇلقەرنەين! سەن ئۇلارنى جازالىغىن ياكى ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن» دېدۇق
19:26
فَكُلِي وَاشْرَبِي وَقَرِّي عَيْنًا ۖ فَإِمَّا تَرَيِنَّ مِنَ الْبَشَرِ أَحَدًا فَقُولِي إِنِّي نَذَرْتُ لِلرَّحْمَٰنِ صَوْمًا فَلَنْ أُكَلِّمَ الْيَوْمَ إِنسِيًّا
(بۇ شېرىن خورمىدىن) يېگىن، (بۇ تاتلىق سۇدىن ئىچكىن ۋە خۇرسەن بولغىن، بىرەر ئادەمنى كۆرسەڭ (ئۇ بالا توغرۇلۇق سورىسا): مەن ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىك ئاللاھ قا ۋەدە بەردىم، بۈگۈن ھېچ ئادەمگە سۆز قىلمايمەن دېگىن»
19:75
قُلْ مَن كَانَ فِي الضَّلَالَةِ فَلْيَمْدُدْ لَهُ الرَّحْمَٰنُ مَدًّا ۚ حَتَّىٰ إِذَا رَأَوْا مَا يُوعَدُونَ إِمَّا الْعَذَابَ وَإِمَّا السَّاعَةَ فَسَيَعْلَمُونَ مَنْ هُوَ شَرٌّ مَّكَانًا وَأَضْعَفُ جُندًا
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «كىمكى گۇمراھلىقتا بولىدىكەن، مەرھەمەتلىك ئاللاھ ئۇنىڭغا مۆھلەت بىرىدۇ، تاكى ئۇلار ئازاب ۋە قىيامەتتىن ئىبارەت ئاللاھ ئۇلارغا ۋەدە قىلغان نەرسىلەرنى كۆرگەندە ئاندىن كىمنىڭ ئورنى يامان ۋە كىمنىڭ لەشكىرى ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ»
20:65
قَالُوا يَا مُوسَىٰ إِمَّا أَن تُلْقِيَ وَإِمَّا أَن نَّكُونَ أَوَّلَ مَنْ أَلْقَىٰ
ئۇلار ئېيتتى: «ئى مۇسا! (ھاساڭنى) سەن ئاۋۋال تاشلامسەن؟ ياكى (ئارغامچا ھاسىلىرىمىزنى) بىز ئاۋۋال تاشلامدۇق؟»
20:123
قَالَ اهْبِطَا مِنْهَا جَمِيعًا ۖ بَعْضُكُمْ لِبَعْضٍ عَدُوٌّ ۖ فَإِمَّا يَأْتِيَنَّكُم مِّنِّي هُدًى فَمَنِ اتَّبَعَ هُدَايَ فَلَا يَضِلُّ وَلَا يَشْقَىٰ
ئاللاھ (ئادەم بىلەن ھەۋۋاغا) ئېيتتى: «سىلەر ھەممىڭلار جەننەتتىن بەزىڭلار بەزىڭلارغا دۈشمەن بولغان ھالدا چۈشۈڭلار، ئەگەر سىلەرگە مېنىڭ تەرىپىمدىن ھىدايەت كەلسە، كىمكى مېنىڭ ھىدايىتىمگە ئەگەشسە، ئۇ ئازمايدۇ ۋە ئاخىرەتتە شەقىي بولمايدۇ
23:93
قُل رَّبِّ إِمَّا تُرِيَنِّي مَا يُوعَدُونَ
ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم! ئەگەر ماڭا ئۇلارغا (دۇنيادا) ۋەدە قىلغان ئازابنى كۆرسىتىدىغان بولساڭ
24:32
وَأَنكِحُوا الْأَيَامَىٰ مِنكُمْ وَالصَّالِحِينَ مِنْ عِبَادِكُمْ وَإِمَائِكُمْ ۚ إِن يَكُونُوا فُقَرَاءَ يُغْنِهِمُ اللَّهُ مِن فَضْلِهِ ۗ وَاللَّهُ وَاسِعٌ عَلِيمٌ
ئاراڭلاردىكى بويتاق ئەر، ئاياللارنىڭ ۋە ياخشى قۇل ۋە ياخشى چۆرىلىرىڭلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇڭلار؛ ئەگەر ئۇلار يوقسۇز بولىدىغان بولسا (ئۇلارنىڭ يوقسۇزلۇقى سىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇشۇڭلارغا توسۇق بولمىسۇن)، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلىدۇ، ئاللاھ نىڭ (كەرىمى) كەڭدۇر، ئاللاھ بەندىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى بىلگۈچىدۇر
25:74
وَالَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَا هَبْ لَنَا مِنْ أَزْوَاجِنَا وَذُرِّيَّاتِنَا قُرَّةَ أَعْيُنٍ وَاجْعَلْنَا لِلْمُتَّقِينَ إِمَامًا
ئۇلار: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ئاياللىرىمىز ۋە ئەۋلاتلىرىمىز ئارقىلىق شادلىق بېغىشلىشىڭنى (يەنى بىزگە ساڭا ئىتائەتمەن پەرزەنت ئاتا قىلىشىڭنى) تىلەيمىز، بىزنى تەقۋادارلارنىڭ پېشىۋاسى (يەنى تەقۋادارلارنىڭ نەمۇنىسى، ياخشىلىققا دەۋەت قىلغۇچى) قىلغىن» دەيدۇ
36:12
إِنَّا نَحْنُ نُحْيِي الْمَوْتَىٰ وَنَكْتُبُ مَا قَدَّمُوا وَآثَارَهُمْ ۚ وَكُلَّ شَيْءٍ أَحْصَيْنَاهُ فِي إِمَامٍ مُّبِينٍ
بىز، شۈبھىسىزكى، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمىز، ئۇلارنىڭ (دۇنيادا) قىلغان (ياخشى - يامان) ئەمەللىرىنى ۋە ئىشلىرىنى خاتىرىلەپ قويىمىز، ھەممە شەيئىنى روشەن دەپتەردە (يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا) تولۇق خاتىرىلەپ قويغانمىز
40:77
فَاصْبِرْ إِنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ ۚ فَإِمَّا نُرِيَنَّكَ بَعْضَ الَّذِي نَعِدُهُمْ أَوْ نَتَوَفَّيَنَّكَ فَإِلَيْنَا يُرْجَعُونَ
(ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ سېنى ئىنكار قىلغانلىقىغا) سەۋر قىلغىن، ئاللاھ نىڭ (ئۇلارنى ئازابلاش توغرىسىدىكى) ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، ساڭا بىز ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى كۆرسەتسەك (بۇ ئاللاھ نىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلغانلىقىدۇر) ياكى سېنى (ئۇنى كۆرسىتىشتىن بۇرۇن) ۋاپات قىلدۇرساق، ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلىدۇ، (قىيامەتتە ئۇلار ئازابقا دۇچار بولىدۇ)
41:36
وَإِمَّا يَنزَغَنَّكَ مِنَ الشَّيْطَانِ نَزْغٌ فَاسْتَعِذْ بِاللَّهِ ۖ إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
ئەگەر شەيتان سېنى ۋەسۋەسە قىلىپ (يۇقىرىقى خىسلەتنى ئۆزلەشتۈرمەسلىككە كۈشكۈرتسە) ئاللاھ قا سېغىنىپ (شەيتاننىڭ شەررىدىن) پاناھ تىلىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئىشلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
43:41
فَإِمَّا نَذْهَبَنَّ بِكَ فَإِنَّا مِنْهُم مُّنتَقِمُونَ
(ئۇلارنى جازالاشتىن ئىلگىرى) سېنى ئېلىپ كەتسەك (يەنى ۋاپات قىلدۇرساق ۋاپاتىڭدىن كېيىن) ئۇلارنى چوقۇم جازالايمىز
46:12
وَمِن قَبْلِهِ كِتَابُ مُوسَىٰ إِمَامًا وَرَحْمَةً ۚ وَهَٰذَا كِتَابٌ مُّصَدِّقٌ لِّسَانًا عَرَبِيًّا لِّيُنذِرَ الَّذِينَ ظَلَمُوا وَبُشْرَىٰ لِلْمُحْسِنِينَ
قۇرئاندىن ئىلگىرى مۇسانىڭ كىتابى (يەنى تەۋرات) ئەھلى جاھانغا پېشۋا ۋە رەھمەت ئىدى. بۇ ئەرەب تىلىدىكى كىتابتۇر، (ئىلگىرىكى كىتابلارنى) تەستىق قىلغۇچىدۇر، (ئاللاھ ئۇنى) زالىملارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، ياخشى ئىش قىلغۇچى مۆمىنلەرگە (جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بېرىش ئۈچۈن نازىل قىلدى
47:4
فَإِذَا لَقِيتُمُ الَّذِينَ كَفَرُوا فَضَرْبَ الرِّقَابِ حَتَّىٰ إِذَا أَثْخَنتُمُوهُمْ فَشُدُّوا الْوَثَاقَ فَإِمَّا مَنًّا بَعْدُ وَإِمَّا فِدَاءً حَتَّىٰ تَضَعَ الْحَرْبُ أَوْزَارَهَا ۚ ذَٰلِكَ وَلَوْ يَشَاءُ اللَّهُ لَانتَصَرَ مِنْهُمْ وَلَٰكِن لِّيَبْلُوَ بَعْضَكُم بِبَعْضٍ ۗ وَالَّذِينَ قُتِلُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ فَلَن يُضِلَّ أَعْمَالَهُمْ
سىلەر كۇففارلارغا (جەڭ مەيدانىدا) ئۇچراشقان چېغىڭلاردا، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈڭلار، سىلەر ئۇلارنى قىرىپ (مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلاردا سىلەرگە قارشىلىق كۆرسىتىدىغان كۈچ قالمىغان چاغدا ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشتىن توختاپ)، ئۇلارنى ئەسىر ئېلىڭلار، ئاندىن ئۇلارنى ئېھسان قىلىش يۈزىسىدىن قويۇپ بېرىڭلار، ياكى فىدىيە ئېلىپ قويۇپ بېرىڭلار، تاكى ئۇرۇش ئۆزىنىڭ ئېغىر يۈكىنى تاشلىغانغا قەدەر (يەنى ئۇرۇش توختىغانغا قەدەر) ئىش مانا شۇنداقتۇر. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئەلۋەتتە (سىلەرنى ئۇرۇشقا تەكلىپ قىلماستىنلا) ئۇلارنى جازالىغان بولاتتى، لېكىن ئاللاھ بەزىڭلارنى بەزىڭلار بىلەن سىناش ئۈچۈن (يەنى ئىمانىڭلارنى سىناش ئۈچۈن جىھادقا ئەمر قىلدى)، ئاللاھ نىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ (يەنى شېھىتلەرنىڭ) ئەمەللىرىنى ئاللاھ بىكار قىلىۋەتمەيدۇ
76:3
إِنَّا هَدَيْنَاهُ السَّبِيلَ إِمَّا شَاكِرًا وَإِمَّا كَفُورًا
شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭغا بىز (پەيغەمبەر ئەۋەتىش بىلەن ياخشى - يامان) يولنى كۆرسەتتۇق، ئۇ مۆمىن بولۇپ ياخشى يولدا مېڭىپ) ئاللاھ نىڭ نېمىتىگە) شۈكۈر قىلغۇچىدۇر، ياكى (فاجىر بولۇپ يامان يولدا مېڭىپ) كۇفرىلىق قىلغۇچىدۇر