3:173
الَّذِينَ قَالَ لَهُمُ النَّاسُ إِنَّ النَّاسَ قَدْ جَمَعُوا لَكُمْ فَاخْشَوْهُمْ فَزَادَهُمْ إِيمَانًا وَقَالُوا حَسْبُنَا اللَّهُ وَنِعْمَ الْوَكِيلُ
(مۇشرىكلار تەرەپدارى بولغان) ئادەملەر ئۇلارغا: «شەك - شۈبھىسىزكى، كىشىلەر (يەنى قۇرەيشلەر) سىلەرگە قارشى قوشۇن توپلىدى، ئۇلاردىن قورقۇڭلار» دېدى. بۇ سۆز ئۇلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى. ئۇلار: «بىزگە ئاللاھ كۇپايە، ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ھامىي!» دېدى
8:2
إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ الَّذِينَ إِذَا ذُكِرَ اللَّهُ وَجِلَتْ قُلُوبُهُمْ وَإِذَا تُلِيَتْ عَلَيْهِمْ آيَاتُهُ زَادَتْهُمْ إِيمَانًا وَعَلَىٰ رَبِّهِمْ يَتَوَكَّلُونَ
پەقەت ئاللاھ ياد ئېتىلسە دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا بولىدىغان، ئاللاھ نىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئىمانى كۈچىيىدىغان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرلا (كامىل) مۆمىنلەردۇر
9:124
وَإِذَا مَا أُنزِلَتْ سُورَةٌ فَمِنْهُم مَّن يَقُولُ أَيُّكُمْ زَادَتْهُ هَٰذِهِ إِيمَانًا ۚ فَأَمَّا الَّذِينَ آمَنُوا فَزَادَتْهُمْ إِيمَانًا وَهُمْ يَسْتَبْشِرُونَ
(قۇرئاندىن) بىرەر سۈرە نازىل قىلىنسا، ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) نىڭ ئارىسىدا (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «بۇ (يەنى سۈرە) قايسىڭلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى» دەيدىغانلار بار، مۆمىنلەرگە كېلىدىغان بولساق، (ھەر سۈرىدە يېڭى دەلىل - ئىسپاتلار بولغانلىقى ئۈچۈن) بۇ (يەنى سۈرە) ئۇلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى، ئۇلار (سۈرىنىڭ نازىل بولۇشىدىن) خۇشال بولىدۇ
33:22
وَلَمَّا رَأَى الْمُؤْمِنُونَ الْأَحْزَابَ قَالُوا هَٰذَا مَا وَعَدَنَا اللَّهُ وَرَسُولُهُ وَصَدَقَ اللَّهُ وَرَسُولُهُ ۚ وَمَا زَادَهُمْ إِلَّا إِيمَانًا وَتَسْلِيمًا
مۆمىنلەر ئىتتىپاقداش قوشۇننى كۆرگەن چاغدا: «بۇ (يەنى قېيىن ئەھۋالدا قالغاندا دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش) ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىزگە ۋەدە قىلغان ئىشتۇر. ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى راست ئېيتتى» دېيىشتى. (بۇ ئىش) ئۇلارنىڭ (ئاللاھ قا بولغان) ئىمانىنى ۋە (ئاللاھ نىڭ بۇيرۇقلىرىغا بولغان) بويسۇنۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى
48:4
هُوَ الَّذِي أَنزَلَ السَّكِينَةَ فِي قُلُوبِ الْمُؤْمِنِينَ لِيَزْدَادُوا إِيمَانًا مَّعَ إِيمَانِهِمْ ۗ وَلِلَّهِ جُنُودُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمًا
مۆمىنلەرنىڭ ئىمانىغا ئىمان قوشۇلۇشى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىغا تەمكىنلىكنى چۈشۈردى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ (پەرىشتىلەردىن، جىنلاردىن، ھايۋانلاردىن ۋە تەبىئەت ھادىسىلىرىدىن بولغان) قوشۇنلىرى ئاللاھ نىڭدۇر، ئاللاھ (خەلقنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
74:31
وَمَا جَعَلْنَا أَصْحَابَ النَّارِ إِلَّا مَلَائِكَةً ۙ وَمَا جَعَلْنَا عِدَّتَهُمْ إِلَّا فِتْنَةً لِّلَّذِينَ كَفَرُوا لِيَسْتَيْقِنَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ وَيَزْدَادَ الَّذِينَ آمَنُوا إِيمَانًا ۙ وَلَا يَرْتَابَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ وَالْمُؤْمِنُونَ ۙ وَلِيَقُولَ الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِم مَّرَضٌ وَالْكَافِرُونَ مَاذَا أَرَادَ اللَّهُ بِهَٰذَا مَثَلًا ۚ كَذَٰلِكَ يُضِلُّ اللَّهُ مَن يَشَاءُ وَيَهْدِي مَن يَشَاءُ ۚ وَمَا يَعْلَمُ جُنُودَ رَبِّكَ إِلَّا هُوَ ۚ وَمَا هِيَ إِلَّا ذِكْرَىٰ لِلْبَشَرِ
بىز دوزاخ مۇئەككەللىرىنى پەقەت پەرىشتىلەردىن قىلدۇق، بىز ئۇلارنىڭ سانى بىلەن پەقەت كاپىرلارنى سىنىدۇق، تاكى ئەھلى كىتاب (ئۆزلىرىنىڭ ساماۋى كىتابلىرىدىكى بۇ ساننى كۆرۈپ قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە) ئىمان ئېيتماي، مۆمىنلەرنىڭ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەرگەن خەۋىرىگە ئىشەنگەنلىكلىرىدىن ۋە ئەھلى كىتابنىڭ قۇرئان خەۋەرلىرىنىڭ تەۋرات، ئىنجىلدىكى خەۋەرلەرگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىدىن) ئىمانى كۈچەيگەي، ئەھلى كىتاب ۋە مۆمىنلەر (بۇنىڭدىن) شەكلەنمەيدۇ، دىللىرىدا كېسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلار)، كاپىرلار: «بۇ مىسالدىن ئاللاھ نېمىنى ئىرادە قىلىدۇ» دەيدۇ، ئاللاھ مۇشۇنداق خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، پەرۋەردىگارىڭنىڭ قوشۇنىنى (يەنى پەرىشتىلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكىنى، ئۇلارنىڭ كۈچ - قۇۋۋىتىنى ۋە ئۇلارنىڭ يارىتىلىشتىكى چوڭلۇقىنى) پەقەت ئۇ ئۆزى بىلىدۇ، بۇ، (يەنى ئاللاھ بايان قىلغان دوزاخ) پەقەت ئىنسانلار ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەتتۇر