4:11
يُوصِيكُمُ اللَّهُ فِي أَوْلَادِكُمْ ۖ لِلذَّكَرِ مِثْلُ حَظِّ الْأُنثَيَيْنِ ۚ فَإِن كُنَّ نِسَاءً فَوْقَ اثْنَتَيْنِ فَلَهُنَّ ثُلُثَا مَا تَرَكَ ۖ وَإِن كَانَتْ وَاحِدَةً فَلَهَا النِّصْفُ ۚ وَلِأَبَوَيْهِ لِكُلِّ وَاحِدٍ مِّنْهُمَا السُّدُسُ مِمَّا تَرَكَ إِن كَانَ لَهُ وَلَدٌ ۚ فَإِن لَّمْ يَكُن لَّهُ وَلَدٌ وَوَرِثَهُ أَبَوَاهُ فَلِأُمِّهِ الثُّلُثُ ۚ فَإِن كَانَ لَهُ إِخْوَةٌ فَلِأُمِّهِ السُّدُسُ ۚ مِن بَعْدِ وَصِيَّةٍ يُوصِي بِهَا أَوْ دَيْنٍ ۗ آبَاؤُكُمْ وَأَبْنَاؤُكُمْ لَا تَدْرُونَ أَيُّهُمْ أَقْرَبُ لَكُمْ نَفْعًا ۚ فَرِيضَةً مِّنَ اللَّهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلِيمًا حَكِيمًا
ئاللاھ بالىلىرىڭلار (غا تېگىدىغان مىراس) ھەققىدە تەۋسىيە قىلىدۇكى، بىر ئەرگە ئىككى ئايالنىڭ ھەسسىسى تېگىدۇ، ئەگەر مېيىتنىڭ قىزى (ئىككى ياكى) ئىككىدىن كۆپ بولسا، ئۇ چاغدا ئۇلارغا مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككى ھەسسىسى تېگىدۇ، ئەگەر (ۋارىس) بىر قىز بولىدىغان بولسا، ئۇنىڭغا مىراسنىڭ يېرىمى تېگىدۇ، ئەگەر مېيىتنىڭ بالىلىرى بولسا، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ ھەر بىرىگە مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ بالىلىرى بولماي مىراسقا پەقەت ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى ۋارىسلىق قىلىدىغان بولسا، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئانىسىغا مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى تېگىدۇ (قالغىنى ئاتىسىغا تېگىدۇ). ئەگەر مېيىتنىڭ (ئاتا - ئانىسىدىن باشقا يەنە) قېرىنداشلىرى بولسا، ئانىسىغا مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ (قالغىنىنى ئاتىسى ئالىدۇ). (بۇ تەقسىمات) مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇنلانغان ۋە قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاتا - ئاناڭلار ۋە بالىلىرىڭلاردىن (يەنى بۇ ئىككىسىدىن) قايسىسىنىڭ مەنپەئەت جەھەتتىن ئۆزۈڭلارغا ئەڭ يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىلەر، بۇلار ئاللاھ تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بەلگىلىمىدۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
4:176
يَسْتَفْتُونَكَ قُلِ اللَّهُ يُفْتِيكُمْ فِي الْكَلَالَةِ ۚ إِنِ امْرُؤٌ هَلَكَ لَيْسَ لَهُ وَلَدٌ وَلَهُ أُخْتٌ فَلَهَا نِصْفُ مَا تَرَكَ ۚ وَهُوَ يَرِثُهَا إِن لَّمْ يَكُن لَّهَا وَلَدٌ ۚ فَإِن كَانَتَا اثْنَتَيْنِ فَلَهُمَا الثُّلُثَانِ مِمَّا تَرَكَ ۚ وَإِن كَانُوا إِخْوَةً رِّجَالًا وَنِسَاءً فَلِلذَّكَرِ مِثْلُ حَظِّ الْأُنثَيَيْنِ ۗ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمْ أَن تَضِلُّوا ۗ وَاللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
(ئى مۇھەممەد!) سەندىن (ئاتا - ئانىسى، بالىسى يوق مېيىتنىڭ مىراسى توغرۇلۇق) پەتىۋا سورىشىدۇ، ئېيتقىنكى، «ئاللاھ ئاتا - ئانىسى، بالىسى يوق كىشى (قالدۇرغان مىراس) توغرىسىدا پەتىۋا بېرىدۇ، ئەگەر بىر كىشى ۋاپات بولسا، بالىسى بولمىسا، پەقەت بىر ھەمشىرىسى بولسا، ئۇ تەرەكىنىڭ يېرىمىنى ئالىدۇ، ئەگەر ئۇ ئايالنىڭ بالىسى بولمىسا، ئەر بىر تۇغقىنى ئۇنىڭ ۋارىسى بولىدۇ (يەنى مىراسنىڭ ھەممىسىنى ئالىدۇ)، ئەگەر ئىككى ھەمشىرىسى بولسا، ئۇلار تەرەكىنىڭ ئۈچتىن ئىككى ھەسسىسىنى ئالىدۇ، ئەگەر ۋارىسلار ھەم ئەر، ھەم ئايال بىر تۇغقانلار بولسا (ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى) بىر ئەرگە ئىككى ئايالنىڭ ھەسسىسى بېرىلىدۇ، ئاداشماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە (شەرىئەت ئەھكاملىرىنى) بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر»
7:160
وَقَطَّعْنَاهُمُ اثْنَتَيْ عَشْرَةَ أَسْبَاطًا أُمَمًا ۚ وَأَوْحَيْنَا إِلَىٰ مُوسَىٰ إِذِ اسْتَسْقَاهُ قَوْمُهُ أَنِ اضْرِب بِّعَصَاكَ الْحَجَرَ ۖ فَانبَجَسَتْ مِنْهُ اثْنَتَا عَشْرَةَ عَيْنًا ۖ قَدْ عَلِمَ كُلُّ أُنَاسٍ مَّشْرَبَهُمْ ۚ وَظَلَّلْنَا عَلَيْهِمُ الْغَمَامَ وَأَنزَلْنَا عَلَيْهِمُ الْمَنَّ وَالسَّلْوَىٰ ۖ كُلُوا مِن طَيِّبَاتِ مَا رَزَقْنَاكُمْ ۚ وَمَا ظَلَمُونَا وَلَٰكِن كَانُوا أَنفُسَهُمْ يَظْلِمُونَ
ئۇلار (يەنى ئىسرائىل) نى 12 تارماققا (يەنى قەبىلىگە) جامائەلەر قىلىپ بۆلۈۋەتتۇق. مۇسانىڭ قەۋمى (باياۋاندا) ئۇنىڭدىن سۇ تەلەپ قىلغاندا، مۇساغا: «ھاساڭ بىلەن تاشنى ئۇرغىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق. (مۇسا ھاسىسى بىلەن تاشنى ئۇرۇۋىدى) ئۇنىڭدىن (قەبىلىلەرنىڭ سانى بويىچە) 12 بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى، ھەر قەبىلە ئۆزىنىڭ سۇ ئىچىدىغان ئورنىنى بىلدى. ئۇلارغا بۇلۇتنى سايىۋەن قىلىپ بەردۇق، ئۇلارغا تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق. (ئۇلارغا ئېيتتۇقكى): «سىلەر بىز رىزىقلاندۇرغان لەززەتلىك نەرسىلەردىن يەڭلار». (ئۇلار بۇ ئۇلۇغ نېمەتلەرگە نانكورلۇق قىلىش بىلەن) بىزگە زىيان سالغىنى يوق، (ئۆزلىرىنى ئاللاھ نىڭ ئازابىغا دۇچار قىلىشلىرى بىلەن) ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم سالدى
40:11
قَالُوا رَبَّنَا أَمَتَّنَا اثْنَتَيْنِ وَأَحْيَيْتَنَا اثْنَتَيْنِ فَاعْتَرَفْنَا بِذُنُوبِنَا فَهَلْ إِلَىٰ خُرُوجٍ مِّن سَبِيلٍ
ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى ئىككى قېتىم ئۆلتۈرۈپ، ئىككى قېتىم تىرىلدۈردۈڭ، بىز گۇناھىمىزغا ئىقرار قىلدۇق، ئەمدى چىقىش يولى تېپىلارمۇ؟» دەيدۇ