8:60
وَأَعِدُّوا لَهُم مَّا اسْتَطَعْتُم مِّن قُوَّةٍ وَمِن رِّبَاطِ الْخَيْلِ تُرْهِبُونَ بِهِ عَدُوَّ اللَّهِ وَعَدُوَّكُمْ وَآخَرِينَ مِن دُونِهِمْ لَا تَعْلَمُونَهُمُ اللَّهُ يَعْلَمُهُمْ ۚ وَمَا تُنفِقُوا مِن شَيْءٍ فِي سَبِيلِ اللَّهِ يُوَفَّ إِلَيْكُمْ وَأَنتُمْ لَا تُظْلَمُونَ
دۈشمەنلىرىڭلار (بىلەن ئۇرۇش قىلىش) ئۈچۈن، قولۇڭلاردىن كېلىشىچە قورال كۈچى، جەڭ ئېتى تەييارلاڭلار، بۇنىڭ بىلەن، ئاللاھ نىڭ دۈشمىنىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ۋە ئۇلاردىن باشقا دۈشمەنلەرنى قورقۇتىسىلەر، ئۇلارنى سىلەر تونۇمايسىلەر، ئاللاھ تونۇيدۇ، سىلەرنىڭ ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغىنىڭلار مەيلى نېمە بولسا بولسۇن، سىلەرگە ئۇنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى بۇ ساۋابتىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ)
10:38
أَمْ يَقُولُونَ افْتَرَاهُ ۖ قُلْ فَأْتُوا بِسُورَةٍ مِّثْلِهِ وَادْعُوا مَنِ اسْتَطَعْتُم مِّن دُونِ اللَّهِ إِن كُنتُمْ صَادِقِينَ
ئۇلار: «قۇرئاننى مۇھەممەد ئۆزى توقۇپ چىققان» دېيىشەمدۇ؟ ئېيتقىنكى، «ئەگەر (بۇ سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، ئاللاھ تىن باشقا (ياردەمگە) چاقىرالايدىغانلىكى كىشىڭلارنى چاقىرىپ، قۇرئانغا ئوخشاش بىرەر سۈرىنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار»
11:13
أَمْ يَقُولُونَ افْتَرَاهُ ۖ قُلْ فَأْتُوا بِعَشْرِ سُوَرٍ مِّثْلِهِ مُفْتَرَيَاتٍ وَادْعُوا مَنِ اسْتَطَعْتُم مِّن دُونِ اللَّهِ إِن كُنتُمْ صَادِقِينَ
ئۇلار قۇرئاننى (مۇھەممەد) ئۆزى ئىجاد قىلغان دېيىشەمدۇ؟ ئېيتقىنكى، «(بۇ سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، ئاللاھ تىن غەيرىي چاقىرالايدىغانلىكى كىشىلىرىڭلارنى (ياردەمگە) چاقىرىپ، (پاساھەت ۋە بالاغەت جەھەتتىن) قۇرئاندىكىگە ئوخشايدىغان ئون سۆز ئىجاد قىلىپ بېقىڭلار»
55:33
يَا مَعْشَرَ الْجِنِّ وَالْإِنسِ إِنِ اسْتَطَعْتُمْ أَن تَنفُذُوا مِنْ أَقْطَارِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ فَانفُذُوا ۚ لَا تَنفُذُونَ إِلَّا بِسُلْطَانٍ
ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار جامائەسى! ئەگەر سىلەر (ئاللاھ نىڭ قازاسىدىن قېچىپ) ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ چېگرىلىرىدىن ئۆتۈپ كېتەلىسەڭلار، ئۆتۈپ كېتىڭلار، سىلەر پەقەت قۇۋۋەت بىلەن ئۆتۈپ كېتەلەيسىلەر (لېكىن سىلەرگە مۇنداق قۇۋۋەت قەيەردىن كەلسۇن)
64:16
فَاتَّقُوا اللَّهَ مَا اسْتَطَعْتُمْ وَاسْمَعُوا وَأَطِيعُوا وَأَنفِقُوا خَيْرًا لِّأَنفُسِكُمْ ۗ وَمَن يُوقَ شُحَّ نَفْسِهِ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ
تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھ قا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، (ۋەزىنى) ئاڭلاڭلار، (ئەمرىگە) ئىتائەت قىلىڭلار، (ئاللاھ نىڭ يولىدا ماللىرىڭلارنى) سەرپ قىلىڭلار، (بۇ) ئۆزۈڭلار ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، كىمكى نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلىنىدىكەن، ئۇ مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىدۇر