6:10
وَلَقَدِ اسْتُهْزِئَ بِرُسُلٍ مِّن قَبْلِكَ فَحَاقَ بِالَّذِينَ سَخِرُوا مِنْهُم مَّا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن پەيغەمبەرلەر (كاپىرلار تەرىپىدىن) مەسخىرە قىلىندى، مەسخىرە قىلغۇچىلار مەسخىرە قىلغانلىقلىرىنىڭ ئاقىۋېتىنى كۆردى
9:64
يَحْذَرُ الْمُنَافِقُونَ أَن تُنَزَّلَ عَلَيْهِمْ سُورَةٌ تُنَبِّئُهُم بِمَا فِي قُلُوبِهِمْ ۚ قُلِ اسْتَهْزِئُوا إِنَّ اللَّهَ مُخْرِجٌ مَّا تَحْذَرُونَ
مۇناپىقلار ئۆزلىرى توغرىسىدا بىرەر سۈرە نازىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى (يەنى نىفاقنى) مۆمىنلەرگە خەۋەر بېرىشتىن قورقىدۇ. ئېيتقىنكى، «سىلەر (ئاللاھ نىڭ دىنىنى خالىغىنىڭلارچە) مەسخىرە قىلىڭلار، سىلەر (پاش بولۇشتىن) قورقىدىغان نەرسىنى (يەنى مۇناپىقلىقنى) ئاللاھ چوقۇم ئاشكارا قىلىدۇ»
13:32
وَلَقَدِ اسْتُهْزِئَ بِرُسُلٍ مِّن قَبْلِكَ فَأَمْلَيْتُ لِلَّذِينَ كَفَرُوا ثُمَّ أَخَذْتُهُمْ ۖ فَكَيْفَ كَانَ عِقَابِ
سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ھەقىقەتەن مەسخىرە قىلىندى. كاپىرلارغا بېرىلىدىغان ئازابنى بىر مۇددەت كېچىكتۈردۈم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم، ئۇلارغا بەرگەن جازايىم قانداق ئىكەن؟
21:41
وَلَقَدِ اسْتُهْزِئَ بِرُسُلٍ مِّن قَبْلِكَ فَحَاقَ بِالَّذِينَ سَخِرُوا مِنْهُم مَّا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
سەندىن ئىلگىرى ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر مەسخىرە قىلىندى، ئۇلارنى مەسخىرە قىلغۇچىلارغا مەسخىرە قىلغاننىڭ جازاسى بولغان ئازاب نازىل بولدى