2:179
وَلَكُمْ فِي الْقِصَاصِ حَيَاةٌ يَا أُولِي الْأَلْبَابِ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ
ئى ئەقىل ئىگىلىرى! سىلەرگە قىساستا ھاياتلىق بار، (يەنى كىشى بىراۋنى ئۆلتۈرگەن تەقدىردە ئۆزىنىڭمۇ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلسە، ئۇ، ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن يانىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ، ئۇ ئۆلتۈرمەكچى بولغان ئادەممۇ ئۆلۈشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ). (ناھەق قان تۆكۈشتىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن (قىساس يولغا قويۇلدى)
2:197
الْحَجُّ أَشْهُرٌ مَّعْلُومَاتٌ ۚ فَمَن فَرَضَ فِيهِنَّ الْحَجَّ فَلَا رَفَثَ وَلَا فُسُوقَ وَلَا جِدَالَ فِي الْحَجِّ ۗ وَمَا تَفْعَلُوا مِنْ خَيْرٍ يَعْلَمْهُ اللَّهُ ۗ وَتَزَوَّدُوا فَإِنَّ خَيْرَ الزَّادِ التَّقْوَىٰ ۚ وَاتَّقُونِ يَا أُولِي الْأَلْبَابِ
ھەج ۋاقتى مەلۇم بىرقانچە ئايدۇر (يەنى شەۋۋال، زۇلقەئدە ئايلىرى ۋە زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئون كۈنىدۇر). بۇ ئايلاردا ھەج قىلىشنى نىيەت قىلغان (يەنى ئېھرام باغلىغان) ئادەمنىڭ جىنسىي ئالاقە قىلىشى، گۇناھ قىلىشى ۋە جاڭجال قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ، سىلەر قانداقلىكى ياخشى ئەمەلنى قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ (ئاخىرەتلىكىڭلار ئۈچۈن) زاد - راھىلە ئېلىۋېلىڭلار، ئەڭ ياخشى زاد - راھىلە تەقۋادارلىقتۇر. ئى ئەقىل ئىگىلىرى! ماڭا تەقۋادارلىق قىلىڭلار
2:269
يُؤْتِي الْحِكْمَةَ مَن يَشَاءُ ۚ وَمَن يُؤْتَ الْحِكْمَةَ فَقَدْ أُوتِيَ خَيْرًا كَثِيرًا ۗ وَمَا يَذَّكَّرُ إِلَّا أُولُو الْأَلْبَابِ
ھېكمەتنى (يەنى ياخشى ئەمەلگە يېتەكلەيدىغان پايدىلىق ئىلىمنى) خالىغان بەندىسىگە ئاتا قىلىدۇ؛ ھېكمەت ئاتا قىلىنغان ئادەمگە كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلىنغان بولىدۇ. پەقەت ئەقىللىق ئادەملەرلا بۇنىڭدىن پەند - نەسىھەت ئالىدۇ
3:7
هُوَ الَّذِي أَنزَلَ عَلَيْكَ الْكِتَابَ مِنْهُ آيَاتٌ مُّحْكَمَاتٌ هُنَّ أُمُّ الْكِتَابِ وَأُخَرُ مُتَشَابِهَاتٌ ۖ فَأَمَّا الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ زَيْغٌ فَيَتَّبِعُونَ مَا تَشَابَهَ مِنْهُ ابْتِغَاءَ الْفِتْنَةِ وَابْتِغَاءَ تَأْوِيلِهِ ۗ وَمَا يَعْلَمُ تَأْوِيلَهُ إِلَّا اللَّهُ ۗ وَالرَّاسِخُونَ فِي الْعِلْمِ يَقُولُونَ آمَنَّا بِهِ كُلٌّ مِّنْ عِندِ رَبِّنَا ۗ وَمَا يَذَّكَّرُ إِلَّا أُولُو الْأَلْبَابِ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇ (ئاللاھ) ساڭا كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلدى. ئۇنىڭدا مەھكەم (يەنى مەنىسى ئوچۇق) ئايەتلەر باركى، ئۇلار كىتابنىڭ (يەنى پۈتۈن قۇرئاننىڭ) ئاساسىدۇر؛ يەنە باشقا مۇتەشابىھ (يەنى مەنىسى مۇئەييەن ئەمەس) ئايەتلەر باردۇر. دىللىرىدا ئەگرىلىك بار (يەنى گۇمراھلىققا مايىل) كىشىلەر پىتنە قوزغاش ۋە ئۆز رايى بويىچە مەنە بېرىش ئۈچۈن، مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە ئەگىشىدۇ (يەنى مۇتەشابىھ ئايەتلەرنى ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە چۈشەندۈرىدۇ). بۇنداق ئايەتلەرنىڭ (ھەقىقىي) مەنىسىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ. ئىلىمدا توشقانلار ئېيتىدۇ: «ئۇنىڭغا ئىشەندۇق، ھەممىسى پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن نازىل بولغان. (بۇنى) پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا چۈشىنىدۇ
3:190
إِنَّ فِي خَلْقِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَاخْتِلَافِ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ لَآيَاتٍ لِّأُولِي الْأَلْبَابِ
شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە، روشەن دەلىللەر بار
5:100
قُل لَّا يَسْتَوِي الْخَبِيثُ وَالطَّيِّبُ وَلَوْ أَعْجَبَكَ كَثْرَةُ الْخَبِيثِ ۚ فَاتَّقُوا اللَّهَ يَا أُولِي الْأَلْبَابِ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، گەرچە ھارامنىڭ كۆپلۈكى (ئى تىڭشىغۇچى) سېنى ئەجەبلەندۈرسىمۇ، ھارام بىلەن ھالال باراۋەر ئەمەس. ئى ئەقىل ئىگىلىرى! نىجات تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ تىن قورقۇڭلار
12:111
لَقَدْ كَانَ فِي قَصَصِهِمْ عِبْرَةٌ لِّأُولِي الْأَلْبَابِ ۗ مَا كَانَ حَدِيثًا يُفْتَرَىٰ وَلَٰكِن تَصْدِيقَ الَّذِي بَيْنَ يَدَيْهِ وَتَفْصِيلَ كُلِّ شَيْءٍ وَهُدًى وَرَحْمَةً لِّقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
ئۇلارنىڭ قىسسىسىدىن ئەقىل ئىگىلىرى ئەلۋەتتە ئىبرەت ئالىدۇ. (قۇرئان) يالغاندىن توقۇلغان سۆز ئەمەس، لېكىن، ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل بولغان (ساماۋى) كىتابلارنى تەستىق قىلغۇچىدۇر، ھەممە نەرسىنى ئىنچىكە بايان قىلغۇچىدۇر، ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر
13:19
أَفَمَن يَعْلَمُ أَنَّمَا أُنزِلَ إِلَيْكَ مِن رَّبِّكَ الْحَقُّ كَمَنْ هُوَ أَعْمَىٰ ۚ إِنَّمَا يَتَذَكَّرُ أُولُو الْأَلْبَابِ
(ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان نەرسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ئادەم (ھەقنى كۆرمەيدىغان دىلى) كور ئادەم بىلەن ئوخشاش بولامدۇ؟ (ئاللاھ نىڭ ئايەتلىرىدىن) پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا پەند - نەسىھەت ئالىدۇ
14:52
هَٰذَا بَلَاغٌ لِّلنَّاسِ وَلِيُنذَرُوا بِهِ وَلِيَعْلَمُوا أَنَّمَا هُوَ إِلَٰهٌ وَاحِدٌ وَلِيَذَّكَّرَ أُولُو الْأَلْبَابِ
كىشىلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇلۇشى، ئاللاھ نىڭ بىر ئىكەنلىكىنى بىلىشلىرى، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز - نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن، بۇ (قۇرئان) تەبلىغدۇر (يەنى كىشىلەرگە تەبلىغ قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلىندى)
38:29
كِتَابٌ أَنزَلْنَاهُ إِلَيْكَ مُبَارَكٌ لِّيَدَّبَّرُوا آيَاتِهِ وَلِيَتَذَكَّرَ أُولُو الْأَلْبَابِ
(بۇ) ئۇلارنىڭ ئايەتلەرنى تەپەككۈر قىلىشلىرى ئۈچۈن، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز - نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن بىز ساڭا نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر
38:43
وَوَهَبْنَا لَهُ أَهْلَهُ وَمِثْلَهُم مَّعَهُمْ رَحْمَةً مِّنَّا وَذِكْرَىٰ لِأُولِي الْأَلْبَابِ
بىز ئۇنىڭ (كېسەل ۋاقتىدا ھادىسىگە ئۇچراپ يوق بولغان) ئەھلى - ئەۋلادىنى (يېڭىدىن) بەردۇق، ئۇلار بىلەن بىللە بىر باراۋەر ئارتۇق بەردۇق، (بۇ) بىزنىڭ نازىل قىلغان رەھمىتىمىزدۇر، ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەتتۇر
39:9
أَمَّنْ هُوَ قَانِتٌ آنَاءَ اللَّيْلِ سَاجِدًا وَقَائِمًا يَحْذَرُ الْآخِرَةَ وَيَرْجُو رَحْمَةَ رَبِّهِ ۗ قُلْ هَلْ يَسْتَوِي الَّذِينَ يَعْلَمُونَ وَالَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ ۗ إِنَّمَا يَتَذَكَّرُ أُولُو الْأَلْبَابِ
(ئاللاھ قا شېرىك كەلتۈرگەن ئادەم ياخشىمۇ؟) ياكى ئاخىرەت (ئازابىدىن) قورقۇپ، پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ كېچىنىڭ سائەتلىرىنى سەجدە قىلغان ۋە قىيامدا تۇرغان ھالدا ئىبادەت قىلىپ ئۆتكۈزگەن ئادەم (ياخشىمۇ؟)». ئېيتقىنكى، «بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ پەقەت (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرى ئىبرەت ئالىدۇ»
39:18
الَّذِينَ يَسْتَمِعُونَ الْقَوْلَ فَيَتَّبِعُونَ أَحْسَنَهُ ۚ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ هَدَاهُمُ اللَّهُ ۖ وَأُولَٰئِكَ هُمْ أُولُو الْأَلْبَابِ
شەيتانغا (ۋە بۇتلارغا) چوقۇنۇشتىن يىراق بولغانلارغا، ئاللاھ قا (ۋە ئۇنىڭ ئىبادىتىگە) قايتقانلارغا (جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ، سۆزگە قۇلاق سېلىپ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغانلارغا (يەنى تەقۋادار بەندىلىرىمگە) خۇش خەۋەر بەرگىن، ئەنە شۇلار ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرىدۇر
39:21
أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ أَنزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَسَلَكَهُ يَنَابِيعَ فِي الْأَرْضِ ثُمَّ يُخْرِجُ بِهِ زَرْعًا مُّخْتَلِفًا أَلْوَانُهُ ثُمَّ يَهِيجُ فَتَرَاهُ مُصْفَرًّا ثُمَّ يَجْعَلُهُ حُطَامًا ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَذِكْرَىٰ لِأُولِي الْأَلْبَابِ
سەن بىلمەمسەنكى، ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرىدۇ. ئاندىن ئۇنى يەرگە سىڭدۈرۈپ بۇلاقنى پەيدا قىلىدۇ. ئاندىن ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن رەڭگى خىلمۇخىل زىرائەتلەرنى ئۈندۈرىدۇ. ئاندىن ئۇ قۇرۇيدۇ، ئۇنىڭ سارغىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسەن. ئاندىن ئاللاھ ئۇنى شاخ - شۇمبىغا ئايلاندۇرىدۇ، ئۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن (ئاللاھ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئىبرەت بار
40:54
هُدًى وَذِكْرَىٰ لِأُولِي الْأَلْبَابِ
(ئۇ) ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە نەسىھەتتۇر
65:10
أَعَدَّ اللَّهُ لَهُمْ عَذَابًا شَدِيدًا ۖ فَاتَّقُوا اللَّهَ يَا أُولِي الْأَلْبَابِ الَّذِينَ آمَنُوا ۚ قَدْ أَنزَلَ اللَّهُ إِلَيْكُمْ ذِكْرًا
ئاللاھ ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازاب تەييارلىدى، ئى ئىمان ئېيتقان ئەقىل ئىگىلىرى! ئاللاھ تىن قورقۇڭلار، ئاللاھ سىلەرگە قۇرئاننى نازىل قىلدى