2:210
هَلْ يَنظُرُونَ إِلَّا أَن يَأْتِيَهُمُ اللَّهُ فِي ظُلَلٍ مِّنَ الْغَمَامِ وَالْمَلَائِكَةُ وَقُضِيَ الْأَمْرُ ۚ وَإِلَى اللَّهِ تُرْجَعُ الْأُمُورُ
ئۇلار (يەنى ئسلامغا كىرىشنى تەرك ئەتكەنلەر) پەقەت ئاللاھ نىڭ (قىيامەت كۈنى خالايىقنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن) بۇلۇت پارچىلىرى ئىچىدە كېلىشىنى، پەرىشتلەرنىڭ كېلىشىنى ۋە (خالايىقنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىپ، بىر گۇرۇھ جەننەتى، بىر گۇرۇھ دوزىخى بولۇپ ئايرىلىش بىلەن خالايىقنىڭ) ئىشىنىڭ پۈتۈشىنى كۈتەمدۇ؟ (بەندىلەرنىڭ) ھەممە ئىشى ئاللاھ قا قايتۇرۇلىدۇ
3:109
وَلِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۚ وَإِلَى اللَّهِ تُرْجَعُ الْأُمُورُ
ئاسمانلار ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھ نىڭ (مۈلكى، مەخلۇقاتى ۋە بەندىلىرى) دۇر، ھەممە ئىشلار ئاللاھ قا قايتۇرۇلىدۇ
3:186
لَتُبْلَوُنَّ فِي أَمْوَالِكُمْ وَأَنفُسِكُمْ وَلَتَسْمَعُنَّ مِنَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ مِن قَبْلِكُمْ وَمِنَ الَّذِينَ أَشْرَكُوا أَذًى كَثِيرًا ۚ وَإِن تَصْبِرُوا وَتَتَّقُوا فَإِنَّ ذَٰلِكَ مِنْ عَزْمِ الْأُمُورِ
سىلەر ماللىرىڭلاردا (سەدىقىغە بۇيرۇلۇش ۋە ئاپەت يېتىشى بىلەن) ۋە جانلىرىڭلاردا (قەتل قىلىنىش، ئەسىر ئېلىنىش، كېسەل بولۇش بىلەن) چوقۇم سىنىلىسىلەر، سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دىن، مۇشرىكلاردىن چوقۇم نۇرغۇن يامان سۆز ئاڭلايسىلەر، ئەگەر (يۇقىرىقى ئەھۋاللار يۈز بەرگەندە) سەۋر قىلساڭلار (سۆزۈڭلار ۋە ھەرىكىتىڭلاردا ئاللاھ تىن) قورقساڭلار، ئۇنداقتا بۇ ھەقىقەتەن ئىرادە بىلەن قىلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر
8:44
وَإِذْ يُرِيكُمُوهُمْ إِذِ الْتَقَيْتُمْ فِي أَعْيُنِكُمْ قَلِيلًا وَيُقَلِّلُكُمْ فِي أَعْيُنِهِمْ لِيَقْضِيَ اللَّهُ أَمْرًا كَانَ مَفْعُولًا ۗ وَإِلَى اللَّهِ تُرْجَعُ الْأُمُورُ
ئاللاھ بولۇشقا تېگىشلىك ئىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دۈشمەن بىلەن ئۇچراشقان چېغىڭلاردا، (دۈشمەنلەرگە قارشى تۇرۇشقا جۈرئەت قىلسۇن دەپ) ئۇلارنى سىلەرنىڭ كۆزۈڭلارغا ئاز كۆرسەتتى ۋە سىلەرنى ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە (سىلەرگە قارشى تەييارلىقتا بولمىسۇن دەپ) ئاز كۆرسەتتى ھەممە ئىش ئاللاھ قا قايتۇرۇلىدۇ (ئاللاھ ئۆزى خالىغانچە ھۆكۈم قىلىدۇ)
9:48
لَقَدِ ابْتَغَوُا الْفِتْنَةَ مِن قَبْلُ وَقَلَّبُوا لَكَ الْأُمُورَ حَتَّىٰ جَاءَ الْحَقُّ وَظَهَرَ أَمْرُ اللَّهِ وَهُمْ كَارِهُونَ
ئىلگىرى ئۇلار تاكى ئاللاھ نىڭ ياردىمى كەلگەنگە، ئاللاھ نىڭ دىنى ئۈستۈنلۈك قازانغانغا قەدەر، ھەقىقەتەن، بۆلگۈنچىلىك سېلىشقا ئورۇنغان، ساڭا ھىيلە - مىكىرلەرنى ئىشلەتكەن ئىدى، ھالبۇكى، ئۇلار بۇنداق بولۇشىنى (يەنى دىننىڭ ئۈستۈنلۈك قازىنىشىنى) يامان كۆرگۈچىلەردۇر
22:41
الَّذِينَ إِن مَّكَّنَّاهُمْ فِي الْأَرْضِ أَقَامُوا الصَّلَاةَ وَآتَوُا الزَّكَاةَ وَأَمَرُوا بِالْمَعْرُوفِ وَنَهَوْا عَنِ الْمُنكَرِ ۗ وَلِلَّهِ عَاقِبَةُ الْأُمُورِ
ئاللاھ نىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشكە ھەقلىق بولغانلار) شۇنداق كىشىلەردۇركى، ئەگەر ئۇلارنى يەر يۈزىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلساق، نامازنى ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھ قا مەنسۇپتۇر (يەنى ھەممە ئىشلار ئاخىرەتتە ئاللاھ قا قايتىدۇ)
22:76
يَعْلَمُ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ ۗ وَإِلَى اللَّهِ تُرْجَعُ الْأُمُورُ
ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى نەرسىلەرنى (يەنى ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ۋە كەلگۈسىدىكى ئىشلىرىنى) بىلىدۇ. (بەندىلەرنىڭ) ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئاللاھ قا قايتۇرۇلىدۇ (ئاللاھ ئۇلارغا يا مۇكاپات، يا جازا بېرىدۇ)
31:17
يَا بُنَيَّ أَقِمِ الصَّلَاةَ وَأْمُرْ بِالْمَعْرُوفِ وَانْهَ عَنِ الْمُنكَرِ وَاصْبِرْ عَلَىٰ مَا أَصَابَكَ ۖ إِنَّ ذَٰلِكَ مِنْ عَزْمِ الْأُمُورِ
ئى ئوغۇلچىقىم! نامازنى (ۋاقتىدا تەئدىل ئەركان بىلەن) ئوقۇغىن، (كىشىلەرنى) ياخشىلىققا بۇيرۇغىن، يامانلىقتىن توسقىن، ساڭا يەتكەن كۈلپەتلەرگە سەۋر قىلغىن (چۈنكى ھەقىقەتكە دەۋەت قىلغۇچى ئەزىيەتلەرگە ئۇچرايدۇ)، بۇ ھەقىقەتەن قىلىشقا ئىرادە تىكلەشكە تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر
31:22
وَمَن يُسْلِمْ وَجْهَهُ إِلَى اللَّهِ وَهُوَ مُحْسِنٌ فَقَدِ اسْتَمْسَكَ بِالْعُرْوَةِ الْوُثْقَىٰ ۗ وَإِلَى اللَّهِ عَاقِبَةُ الْأُمُورِ
ياخشى ئىش قىلغۇچى بولغان ھالدا ئىخلاس بىلەن ئاللاھ قا بويسۇنغان ئادەم مەھكەم تۇتقىغا ئېسىلغان بولىدۇ، ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھ قا مەنسۇپتۇر
35:4
وَإِن يُكَذِّبُوكَ فَقَدْ كُذِّبَتْ رُسُلٌ مِّن قَبْلِكَ ۚ وَإِلَى اللَّهِ تُرْجَعُ الْأُمُورُ
(ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار سېنى ئىنكار قىلسا (قايغۇرۇپ كەتمە)، ھەقىقەتەن سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرمۇ ئىنكار قىلىنغان، ھەممە ئىش ئاللاھ نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ
42:43
وَلَمَن صَبَرَ وَغَفَرَ إِنَّ ذَٰلِكَ لَمِنْ عَزْمِ الْأُمُورِ
كىمكى (ئەزىيەتكە) سەۋر قىلسا، (ئاللاھ نىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) ئىنتىقام ئالمىسا، بۇ ئەلۋەتتە مەرغۇپ ئىشلاردىندۇر
42:53
صِرَاطِ اللَّهِ الَّذِي لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۗ أَلَا إِلَى اللَّهِ تَصِيرُ الْأُمُورُ
(ئۇ) ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىگە خاس بولغان ئاللاھ نىڭ يولىدۇر. بىلىڭلاركى، ھەممە ئىش ئاللاھ قا قايتىدۇ
57:5
لَّهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ وَإِلَى اللَّهِ تُرْجَعُ الْأُمُورُ
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھ قا خاستۇر، ھەممە ئىش ئاللاھ قا قايتۇرۇلىدۇ