16:77
وَلِلَّهِ غَيْبُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ وَمَا أَمْرُ السَّاعَةِ إِلَّا كَلَمْحِ الْبَصَرِ أَوْ هُوَ أَقْرَبُ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيبنى بىلىش ئاللاھ قا خاستۇر، قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشى كۆزنى يۇتۇپ ئاچقۇچىلىق ياكى ئۇنىڭدىنمۇ تېزدۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىگە قادىردۇر
17:36
وَلَا تَقْفُ مَا لَيْسَ لَكَ بِهِ عِلْمٌ ۚ إِنَّ السَّمْعَ وَالْبَصَرَ وَالْفُؤَادَ كُلُّ أُولَٰئِكَ كَانَ عَنْهُ مَسْئُولًا
بىلمەيدىغان نەرسەڭگە ئەگەشمە (يەنى بىلمىگەننى بىلدىم، كۆرمىگەننى كۆردۈم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە)، (ئىنسان قىيامەت كۈنى) قۇلاق، كۆز، دىل (يەنى سەزگۈ ئەزالىرى) نىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدە ھەقىقەتەن سوئال - سوراق قىلىنىدۇ
53:17
مَا زَاغَ الْبَصَرُ وَمَا طَغَىٰ
(پەيغەمبەر) نىڭ كۆزى (ئوڭ - سولغا) بۇرالمىدى، (كۆزلەنگەن نەرسىدىن) ئۆتۈپ كەتمىدى
54:50
وَمَا أَمْرُنَا إِلَّا وَاحِدَةٌ كَلَمْحٍ بِالْبَصَرِ
(بىرەر شەيئىنى ياراتماقچى بولساق) بىزنىڭ ئەمرىمىز پەقەت بىر سۆزدۇر، (ئۇ) كۆزنى يۇمۇپ ئاچقاننىڭ ئارىلىقىدا (ئورۇنلىنىدۇ)
67:3
الَّذِي خَلَقَ سَبْعَ سَمَاوَاتٍ طِبَاقًا ۖ مَّا تَرَىٰ فِي خَلْقِ الرَّحْمَٰنِ مِن تَفَاوُتٍ ۖ فَارْجِعِ الْبَصَرَ هَلْ تَرَىٰ مِن فُطُورٍ
ئاللاھ يەتتە ئاسماننى بىرىنى بىرىنىڭ ئۈستىدە قىلىپ ياراتتى، مېھرىبان ئاللاھ نىڭ يارىتىشىدا ھېچ نۇقساننى كۆرمەيسەن، سەن (ئاسمانلارغا) تەكرار قاراپ باققىنكى، بىرەر يوچۇقنى كۆرەمسەن
67:4
ثُمَّ ارْجِعِ الْبَصَرَ كَرَّتَيْنِ يَنقَلِبْ إِلَيْكَ الْبَصَرُ خَاسِئًا وَهُوَ حَسِيرٌ
ئاندىن سەن يەنە ئىككى قېتىم قارىغىن. كۆزۈڭ (ئاسمانلاردا بىرەر نۇقساننى تېپىشتىن) ئۈمىد ئۈزگەن ۋە تالغان ھالدا قايتىدۇ
75:7
فَإِذَا بَرِقَ الْبَصَرُ
كۆزلەر تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا، ئىنسان بۇ كۈندە: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەيدۇ