3:20
فَإِنْ حَاجُّوكَ فَقُلْ أَسْلَمْتُ وَجْهِيَ لِلَّهِ وَمَنِ اتَّبَعَنِ ۗ وَقُل لِّلَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ وَالْأُمِّيِّينَ أَأَسْلَمْتُمْ ۚ فَإِنْ أَسْلَمُوا فَقَدِ اهْتَدَوا ۖ وَّإِن تَوَلَّوْا فَإِنَّمَا عَلَيْكَ الْبَلَاغُ ۗ وَاللَّهُ بَصِيرٌ بِالْعِبَادِ
(ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار سەن بىلەن (دىن بارىسىدا) مۇنازىرەلەشسە: «ماڭا ئەگەشكەنلەر بىلەن بىرلىكتە، مەن ئۆزۈمنى ئاللاھ قا تاپشۇردۇم (يەنى ئاللاھ نىڭ ئەمرلىرىگە بويسۇنغۇچىمىز)» دېگىن. كىتاب بېرىلگەنلەرگە (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا) ۋە ئۈممىلەرگە (يەنى ئەرەب مۇشرىكلىرىغا): «مۇسۇلمان بولدۇڭلارمۇ؟» دېگىن، ئەگەر ئۇلار مۇسۇلمان بولسا، توغرا يول تاپقان بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە (ساڭا ھېچ زىيىنى يوق)، سېنىڭ پەقەت تەبلىغ قىلىش مەسئۇلىيىتىڭ بار، ئاللاھ بەندىلىرىنى (يەنى ھەممە ئەھۋالىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
5:92
وَأَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ وَاحْذَرُوا ۚ فَإِن تَوَلَّيْتُمْ فَاعْلَمُوا أَنَّمَا عَلَىٰ رَسُولِنَا الْبَلَاغُ الْمُبِينُ
ئاللاھ ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، (ئۇلارغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن) ھەزەر قىلىڭلار، ئەگەر (ئىتائەت قىلىشتىن) باش تارتساڭلار، بىلىڭلاركى، رەسۇلىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت ئوچۇق تەبلىغ قىلىشتۇر
5:99
مَّا عَلَى الرَّسُولِ إِلَّا الْبَلَاغُ ۗ وَاللَّهُ يَعْلَمُ مَا تُبْدُونَ وَمَا تَكْتُمُونَ
پەيغەمبەرنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ
13:40
وَإِن مَّا نُرِيَنَّكَ بَعْضَ الَّذِي نَعِدُهُمْ أَوْ نَتَوَفَّيَنَّكَ فَإِنَّمَا عَلَيْكَ الْبَلَاغُ وَعَلَيْنَا الْحِسَابُ
ئۇلارغا بىز ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بەزىسىنى ساڭا كۆرسەتسەكمۇ (يەنى سېنىڭ ھايات ۋاقتىڭدا نازىل قىلساقمۇ) ياكى سېنى (مۇشرىكلارغا ئازاب كېلىشتىن بۇرۇن) قەبزى روھ قىلساقمۇ، سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر. بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز ھېساب ئېلىشتۇر
16:35
وَقَالَ الَّذِينَ أَشْرَكُوا لَوْ شَاءَ اللَّهُ مَا عَبَدْنَا مِن دُونِهِ مِن شَيْءٍ نَّحْنُ وَلَا آبَاؤُنَا وَلَا حَرَّمْنَا مِن دُونِهِ مِن شَيْءٍ ۚ كَذَٰلِكَ فَعَلَ الَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ ۚ فَهَلْ عَلَى الرُّسُلِ إِلَّا الْبَلَاغُ الْمُبِينُ
مۇشرىكلار: «مۇبادا ئاللاھ خالىغان بولسا، بىز ۋە بىزنىڭ ئاتا بوۋىلىرىمىز ئاللاھ نى قويۇپ ھىچ نەرسىگە ئىبادەت قىلمىغان بولاتتۇق، ئاللاھ ھارام قىلمىغان (يەنى ئاللاھ نىڭ ھۆكمىسىز) ھىچ نەرسىنى ھارام قىلمىغان بولاتتۇق» دېدى. ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرمۇ ئەنە شۇنداق قىلغان ئىدى. پەيغەمبەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتىنلا ئىبارەت (ھىدايەت قىلىش بولسا ئاللاھ نىڭ ئىشىدۇر)
16:82
فَإِن تَوَلَّوْا فَإِنَّمَا عَلَيْكَ الْبَلَاغُ الْمُبِينُ
ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە (ساڭا ھېچ زىيىنى يوق)، سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتۇر
24:54
قُلْ أَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ ۖ فَإِن تَوَلَّوْا فَإِنَّمَا عَلَيْهِ مَا حُمِّلَ وَعَلَيْكُم مَّا حُمِّلْتُمْ ۖ وَإِن تُطِيعُوهُ تَهْتَدُوا ۚ وَمَا عَلَى الرَّسُولِ إِلَّا الْبَلَاغُ الْمُبِينُ
ئېيتقىنكى: «ئاللاھ قا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلار (ئاللاھ قا ئىتائەت قىلىشتىن) باش تارتسا، پەيغەمبەرنىڭ ئەلچىلىكنى يەتكۈزۈش مەسئۇلىيىتى بار، سىلەرنىڭ ئىتائەت قىلىش مەسئۇلىيىتىڭلار بار، ئەگەر پەيغەمبەرنىڭ (ئەمرىگە) ئىتائەت قىلساڭلار، ھىدايەت تاپىسىلەر، پەيغەمبەرنىڭ پەقەت چۈشىنىشلىك قىلىپ تەبلىغ قىلىش مەسئۇلىيىتى بار»
29:18
وَإِن تُكَذِّبُوا فَقَدْ كَذَّبَ أُمَمٌ مِّن قَبْلِكُمْ ۖ وَمَا عَلَى الرَّسُولِ إِلَّا الْبَلَاغُ الْمُبِينُ
سىلەر (مېنى) ئىنكار قىلساڭلار (ئىنكار قىلغانلىقىڭلار بىلەن ماڭا قىلچەزىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، پەقەت ئۆزۈڭلارغا زىيان يەتكۈزىسىلەر)، سىلەردىن ئىلگىرىكى نۇرغۇن ئۈممەتلەرمۇ) پەيغەمبەرلىرىنى (ئىنكار قىلغان) شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ئاللاھ ئازابى نازىل بولغان، سىلەرگىمۇ شۇنداق ئازاب نازىل بولىدۇ)، پەيغەمبەرنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت (ئاللاھ نىڭ ئەمرلىرىنى) چۈشىنىشلىك قىلىپ يەتكۈزۈشتۇر»
36:17
وَمَا عَلَيْنَا إِلَّا الْبَلَاغُ الْمُبِينُ
بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز پەقەت (روشەن دەلىللەر بىلەن) چۈشىنىشلىك قىلىپ تەبلىغ قىلىشتۇر» دېدى
42:48
فَإِنْ أَعْرَضُوا فَمَا أَرْسَلْنَاكَ عَلَيْهِمْ حَفِيظًا ۖ إِنْ عَلَيْكَ إِلَّا الْبَلَاغُ ۗ وَإِنَّا إِذَا أَذَقْنَا الْإِنسَانَ مِنَّا رَحْمَةً فَرِحَ بِهَا ۖ وَإِن تُصِبْهُمْ سَيِّئَةٌ بِمَا قَدَّمَتْ أَيْدِيهِمْ فَإِنَّ الْإِنسَانَ كَفُورٌ
ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە، بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى قىلىپ ئەۋەتكىنىمىز يوق، سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر، ئەگەر ئىنسانغا بىزنىڭ رەھمىتىمىزنى تېتىتساق خۇش بولۇپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن (بېشىغا) بىرەر ھادىسە كەلسە، ئىنسان تولىمۇ كۇفرانە نېمەت قىلغۇچىدۇر
64:12
وَأَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ ۚ فَإِن تَوَلَّيْتُمْ فَإِنَّمَا عَلَىٰ رَسُولِنَا الْبَلَاغُ الْمُبِينُ
ئاللاھ قا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر (پەيغەمبەرنىڭ دەۋىتىدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار (پەيغەمبەرگە زىيان يوق، ئۆزۈڭلارغا زىيان)، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت (دەۋەتنى) روشەن تەبلىغ قىلىشتۇر