20:6
لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا وَمَا تَحْتَ الثَّرَىٰ
ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ۋە يەر ئاستىدىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھ نىڭدۇر (يەنى ئاللاھ نىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھ نىڭ مەخلۇقاتىدۇر، ئاللاھ نىڭ تەسەررۇپى ئاستىدۇر)