14:1
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الر ۚ كِتَابٌ أَنزَلْنَاهُ إِلَيْكَ لِتُخْرِجَ النَّاسَ مِنَ الظُّلُمَاتِ إِلَى النُّورِ بِإِذْنِ رَبِّهِمْ إِلَىٰ صِرَاطِ الْعَزِيزِ الْحَمِيدِ
ئەلىق. لام. را. (بۇ قۇرئان شۇنداق) كىتابتۇركى، (ئى مۇھەممەد!) ئۇنى ساڭا كىشىلەرنى پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنى بىلەن قاراڭغۇلۇقتىن (يەنى كۇفرىدىن) يورۇقلۇققا (يەنى ئىمانغا) چىقىرىشىڭ ئۈچۈن، غالىب، (ھەممە تىللاردا) مەدھىيىلەنگەن ئاللاھ نىڭ يولىغا (باشلىشىڭ ئۈچۈن) نازىل قىلدۇق
22:24
وَهُدُوا إِلَى الطَّيِّبِ مِنَ الْقَوْلِ وَهُدُوا إِلَىٰ صِرَاطِ الْحَمِيدِ
ئۇلار ياخشى سۆزگە (يەنى كەلىمە تەۋھىدكە) ھىدايەت قىلىندى. ئاللاھ نىڭ يولىغا ھىدايەت قىلىندى
22:64
لَّهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۗ وَإِنَّ اللَّهَ لَهُوَ الْغَنِيُّ الْحَمِيدُ
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھ نىڭدۇر (يەنى ئاللاھ نىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھ نىڭ مەخلۇقاتىدۇر، ئاللاھ نىڭ تەسەررۇپى ئاستىدىدۇر)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىدىن بىھاجەتتۇر، ھەمدۇساناغا لايىقتۇر
31:26
لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ إِنَّ اللَّهَ هُوَ الْغَنِيُّ الْحَمِيدُ
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھ نىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن (مەخلۇقاتىدىن ۋە ئۇلارنىڭ ئىبادىتىدىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيىگە لايىقتۇر
34:6
وَيَرَى الَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ الَّذِي أُنزِلَ إِلَيْكَ مِن رَّبِّكَ هُوَ الْحَقَّ وَيَهْدِي إِلَىٰ صِرَاطِ الْعَزِيزِ الْحَمِيدِ
ئىلىم بېرىلگەنلەر (يەنى ساھابىلەر ۋە كېيىنكى ئەمەل قىلغۇچى ئۆلىمالار) ساڭا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان قۇرئاننىڭ شۈبھىسىز ھەق ئىكەنلىكىنى، (ئىنسانلارنى) غالىب، ھەمدۇساناغا لايىق ئاللاھ نىڭ يولىغا باشلايدىغانلىقىنى بىلىدۇ
35:15
يَا أَيُّهَا النَّاسُ أَنتُمُ الْفُقَرَاءُ إِلَى اللَّهِ ۖ وَاللَّهُ هُوَ الْغَنِيُّ الْحَمِيدُ
ئى ئىنسانلار! سىلەر ئاللاھ قا موھتاجسىلەر، ئاللاھ (ھەممىدىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيىگە لايىقتۇر
42:28
وَهُوَ الَّذِي يُنَزِّلُ الْغَيْثَ مِن بَعْدِ مَا قَنَطُوا وَيَنشُرُ رَحْمَتَهُ ۚ وَهُوَ الْوَلِيُّ الْحَمِيدُ
ئۇلار (يامغۇرنىڭ يېغىشىدىن ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن) ئاللاھ يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، رەھمىتىنى يايىدۇ، ئاللاھ (ھەممىنىڭ) ئىگىسىدۇر، مەدھىيىگە لايىقتۇر
57:24
الَّذِينَ يَبْخَلُونَ وَيَأْمُرُونَ النَّاسَ بِالْبُخْلِ ۗ وَمَن يَتَوَلَّ فَإِنَّ اللَّهَ هُوَ الْغَنِيُّ الْحَمِيدُ
ئۇلار بېخىللىق قىلىدىغان ۋە كىشىلەرنى بېخىللىق قىلىشقا بۇيرۇيدىغانلاردۇر، كىمكى (ئاللاھ نىڭ يولىدا نەپىقە قىلىشتىن) باش تارتىدىكەن (ئاللاھ قا ھېچ زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ)، چۈنكى ئاللاھ بىھاجەتتۇر، مەدھىيىگە لايىقتۇر
60:6
لَقَدْ كَانَ لَكُمْ فِيهِمْ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِّمَن كَانَ يَرْجُو اللَّهَ وَالْيَوْمَ الْآخِرَ ۚ وَمَن يَتَوَلَّ فَإِنَّ اللَّهَ هُوَ الْغَنِيُّ الْحَمِيدُ
(ئى مۇھەممەدنىڭ ئۈممىتى!) ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن مۆمىنلەر سىلەرگە، ئاللاھ نى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلىدىغانلارغا ياخشى نەمۇنىدۇر، كىمكى (ئىمانىدىن) يۈز ئۆرۈيدىكەن، (بىلسۇنكى) ئاللاھ (ئۇنىڭدىن ۋە ئۇنداقلاردىن) بىھاجەتتۇر، (ئاللاھ) مەدھىيىگە لايىقتۇر
85:8
وَمَا نَقَمُوا مِنْهُمْ إِلَّا أَن يُؤْمِنُوا بِاللَّهِ الْعَزِيزِ الْحَمِيدِ
ئۇلار مۆمىنلەرنى پەقەت غالىب، مەدھىيىگە لايىق ئاللاھ قا ئىمان ئېيتقانلىقلىرى ئۈچۈنلا يامان كۆردى. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھ قا خاستۇر. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر،