3:38
هُنَالِكَ دَعَا زَكَرِيَّا رَبَّهُ ۖ قَالَ رَبِّ هَبْ لِي مِن لَّدُنكَ ذُرِّيَّةً طَيِّبَةً ۖ إِنَّكَ سَمِيعُ الدُّعَاءِ
شۇ ۋاقىتتا (يەنى مەريەمنىڭ كارامىتىنى كۆرگەن چاغدا) زەكەرىيا پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ: «ئى پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئۆز دەرگاھىڭدىن بىر ياخشى پەرزەنت ئاتا قىلغىن، ھەقىقەتەن دۇئانى ئىشىتكۈچىسەن» دېدى
14:39
الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي وَهَبَ لِي عَلَى الْكِبَرِ إِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَاقَ ۚ إِنَّ رَبِّي لَسَمِيعُ الدُّعَاءِ
جىمى ھەمدۇسانا ياشانغىنىمدا ماڭا ئىسمائىل بىلەن ئىسھاقنى بەرگەن ئاللاھ قا خاستۇر! پەرۋەردىگارىم! ھەقىقەتەن دۇئانى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر (يەنى دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغۇچىدۇر)
21:45
قُلْ إِنَّمَا أُنذِرُكُم بِالْوَحْيِ ۚ وَلَا يَسْمَعُ الصُّمُّ الدُّعَاءَ إِذَا مَا يُنذَرُونَ
(ئى مۇھەممەد!) «مەن سىلەرنى پەقەت ۋەھيى ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرىمەن» دېگىن. گاسلار ئاگاھلاندۇرۇلغان چاغدا دەۋەتنى ئاڭلىمايدۇ (ئى مۇشرىكلار! سىلەر سەركەشلىكىڭلارنىڭ قاتتىقلىقىدىن خۇددى گاسقا ئوخشاش دەۋەتنى ئاڭلىمايسىلەر، ۋەز - نەسىھەتنى قوبۇل قىلمايسىلەر)
27:80
إِنَّكَ لَا تُسْمِعُ الْمَوْتَىٰ وَلَا تُسْمِعُ الصُّمَّ الدُّعَاءَ إِذَا وَلَّوْا مُدْبِرِينَ
سەن ئۆلۈكلەرگە ۋە يۈز ئۆرۈگەن گاسلارغا (يەنى دىللىرىنىڭ ئۆلۈكلىكىدە ئۆلۈكلەرگە ۋە ھەقنى ئاڭلىماسلىقتا گاسلارغا ئوخشايدىغان كۇففارلارغا) دەۋەتنى ئاڭلىتالمايسەن
30:52
فَإِنَّكَ لَا تُسْمِعُ الْمَوْتَىٰ وَلَا تُسْمِعُ الصُّمَّ الدُّعَاءَ إِذَا وَلَّوْا مُدْبِرِينَ
شۈبھىسىزكى، سەن ئۆلۈكلەرگە (سۆزۈڭنى) ئاڭلىتالمايسەن، ئارقىسىغا قاراپ يۈز ئۆرۈگەن گاسلارغىمۇ چاقىرىقىڭنى ئاڭلىتالمايسەن