6:160
مَن جَاءَ بِالْحَسَنَةِ فَلَهُ عَشْرُ أَمْثَالِهَا ۖ وَمَن جَاءَ بِالسَّيِّئَةِ فَلَا يُجْزَىٰ إِلَّا مِثْلَهَا وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
بىرەر ياخشىلىق قىلغان ئادەم ئون ھەسسە ئارتۇق ساۋابقا ئىگە بولىدۇ، بىرەر يامانلىق قىلغان ئادەمگە پەقەت ئۇنىڭ يامانلىقىغا باراۋەرلا جازا بېرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ
7:95
ثُمَّ بَدَّلْنَا مَكَانَ السَّيِّئَةِ الْحَسَنَةَ حَتَّىٰ عَفَوا وَّقَالُوا قَدْ مَسَّ آبَاءَنَا الضَّرَّاءُ وَالسَّرَّاءُ فَأَخَذْنَاهُم بَغْتَةً وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
ئاندىن (ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن) كۈلپەتنى نېمەتكە ئايلاندۇردۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كۆپەيدى، ئۇلار: «بىزنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ بېشىغا ھەقىقەتەن كۈلپەتلەر، نېمەتلەر كەلگەن ئىدى (بۇ - زاماننىڭ ئادىتى؛ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ئوقۇبەت ئەمەس)» دېدى. ئۇلار خەۋەرسىز تۇرغاندا، ئۇلارنى ئۇشتۇمتۇت ھالاك قىلدۇق
13:6
وَيَسْتَعْجِلُونَكَ بِالسَّيِّئَةِ قَبْلَ الْحَسَنَةِ وَقَدْ خَلَتْ مِن قَبْلِهِمُ الْمَثُلَاتُ ۗ وَإِنَّ رَبَّكَ لَذُو مَغْفِرَةٍ لِّلنَّاسِ عَلَىٰ ظُلْمِهِمْ ۖ وَإِنَّ رَبَّكَ لَشَدِيدُ الْعِقَابِ
ئۇلار سەندىن (ئاللاھ نىڭ) ئېھسانىدىن ئىلگىرى ئازابنىڭ چاپسانراق چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇلاردىن بۇرۇن ئاللاھ نىڭ ئازابىغا دۇچار بولغان ئۈممەتلەر ئۆتكەن، ئىنسانلار زۇلۇم قىلسىمۇ، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ئۇلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. پەرۋەردىگارىڭ (گۇناھلارغا چۆمۈپ تەۋبە قىلمىغانلارنى) شەك شۈبھىسىز قاتتىق جازالايدۇ
13:22
وَالَّذِينَ صَبَرُوا ابْتِغَاءَ وَجْهِ رَبِّهِمْ وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَأَنفَقُوا مِمَّا رَزَقْنَاهُمْ سِرًّا وَعَلَانِيَةً وَيَدْرَءُونَ بِالْحَسَنَةِ السَّيِّئَةَ أُولَٰئِكَ لَهُمْ عُقْبَى الدَّارِ
پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ (يەتكەن كۈلپەتلەرگە) سەۋر قىلغانلار، (پەرز) نامازنى ئادا قىلغانلار، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن مال - مۈلۈكتىن (ئاللاھ يولىدا) يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا سەرپ قىلغانلار ۋە ياخشىلىقى ئارقىلىق يامانلىقىنى دەپئى قىلىدىغانلار (يەنى بىلمەستىن يامان ئىش قىلىپ قالسا، ئارقىدىن ياخشى ئىش قىلىدىغانلار، يامانلىق قىلغۇچىلارغا كەڭ قورساق بولۇپ، ياخشى مۇناسىۋەتتە بولىدىغانلار) - ئەنە شۇلارنىڭ ئاخىرەتلىكى ياخشى بولىدۇ
23:96
ادْفَعْ بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ السَّيِّئَةَ ۚ نَحْنُ أَعْلَمُ بِمَا يَصِفُونَ
(ئۇلارنىڭ قىلغان) يامانلىقىغا (ئەپۇ قىلىش بىلەن) ياخشىلىق قىلغىن، ئۇلارنىڭ (سېنى) سۈپەتلەشلىرىنى (يەنى ئۇلارنىڭ ساڭا قىلغان مەسخىرىسىنى) بىز ئوبدان بىلىمىز
27:46
قَالَ يَا قَوْمِ لِمَ تَسْتَعْجِلُونَ بِالسَّيِّئَةِ قَبْلَ الْحَسَنَةِ ۖ لَوْلَا تَسْتَغْفِرُونَ اللَّهَ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ
سالىھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم، سىلەر نېمىشقا رەھمەتتىن بۇرۇن ئازابنىڭ كېلىشىنى تىلەيسىلەر؟ سىلەر رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن نېمىشقا ئاللاھ تىن مەغپىرەت تەلەپ قىلمايسىلەر؟»
27:90
وَمَن جَاءَ بِالسَّيِّئَةِ فَكُبَّتْ وُجُوهُهُمْ فِي النَّارِ هَلْ تُجْزَوْنَ إِلَّا مَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ
يامان ئىش قىلغانلار دوزاخقا يۈزى بىلەن تاشلىنىدۇ، سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازالىنىسىلەر
28:54
أُولَٰئِكَ يُؤْتَوْنَ أَجْرَهُم مَّرَّتَيْنِ بِمَا صَبَرُوا وَيَدْرَءُونَ بِالْحَسَنَةِ السَّيِّئَةَ وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنفِقُونَ
ئۇلارنىڭ قىلغان سەۋر - تاقىتى ئۈچۈن ئۇلارغا قوش ساۋاب بېرىلىدۇ، ئۇلار ياخشىلىق ئارقىلىق يامانلىقنى دەپئى قىلىدۇ، بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىدۇ
28:84
مَن جَاءَ بِالْحَسَنَةِ فَلَهُ خَيْرٌ مِّنْهَا ۖ وَمَن جَاءَ بِالسَّيِّئَةِ فَلَا يُجْزَى الَّذِينَ عَمِلُوا السَّيِّئَاتِ إِلَّا مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
كىمكى ياخشى ئىش قىلغان ئىكەن، ئۇ قىلغان ئىشلىرىدىنمۇ ياخشى مۇكاپاتقا (يەنى قىلغان ياخشىلىقىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ساۋابقا) ئېرىشىدۇ، كىمكى يامان ئىش قىلىدىكەن، يامان ئىش قىلغانلارغا پەقەت قىلغان ئىشلىرىغا يارىشا جازا بېرىلىدۇ
41:34
وَلَا تَسْتَوِي الْحَسَنَةُ وَلَا السَّيِّئَةُ ۚ ادْفَعْ بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ فَإِذَا الَّذِي بَيْنَكَ وَبَيْنَهُ عَدَاوَةٌ كَأَنَّهُ وَلِيٌّ حَمِيمٌ
ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش باراۋەر بولمايدۇ، ياخشى خىسلەت ئارقىلىق (يامان خىسلەتكە) تاقابىل تۇرغىن، (شۇنداق قىلساڭ) سەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت بار ئادەم گويا سىرداش دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ